1پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! ئۇ ھەيۋەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەن؛ پەرۋەردىگار كىيىنگەن، ئۇ بېلىنى قۇدرەت بىلەن باغلىغان؛ بەرھەق، شۇڭا دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا.
2سېنىڭ تەختىڭ قەدىمدىلا بەرپا قىلىنغان؛ سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىسەن!
3كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى، ئى پەرۋەردىگار، كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى! كەلكۈن-تاشقىنلار كۈچلۈك دولقۇنلىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى!
4كۆپ سۇلارنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن، دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلاردىن، ئۈستۈن تۇرغان پەرۋەردىگار قۇدرەتلىكتۇر! ◼ 93:4 \+bd «دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلار»\+bd* ــ «دولقۇنلار» ئىبرانىي تىلىدا «چېقىۋەتكۈچىلەر».
5سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ نېمىدېگەن ئىشەنچلىك-ھە! زامان ئاخىرىغىچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆيۈڭگە پاك-مۇقەددەسلىك ئەبەدىلئەبەد راۋادۇر.