زەبۇر 96:1-12 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار! پۈتكۈل يەر-زېمىن، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار! ◘ 96:1 1تار. 16‏:23-33

2پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىڭلار، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، نىجاتلىقىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار!

3ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئەللەر ئارىسىدا، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى بارلىق قوۋملار ئارىسىدا جاكارلاڭلار!

4چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ، زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر! ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ ◼ 96:4 \+bd «ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر»\+bd* ــ ياكى «ئۇ دەھشەتلىك-قورقۇنچلۇقتۇر».

5چۈنكى خەلقلەرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر. ◼ 96:5 \+bd «... خەلقلەرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس»\+bd* ــ «بۇتلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرزىمەسلەر».

6شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا، مۇقەددەس جايىدا قۇدرەت ۋە گۈزەللىك كۆرۈنىدۇ.

7پەرۋەردىگارغا تەئەللۇقىنى بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر، پەرۋەردىگارغا شان-شۆھرەت ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر! ◼ 96:7 \+bd «پەرۋەردىگارغا شان-شۆھرەت ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر!»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر بەلكىم شۇنى بىلدۈرىدۇكى، خۇداغا ئۆزىگە لايىق شان-شەرەپ كەلتۈرسەك، بۇ قىلغىنىمىز ئۇنىڭغا بىز ئارقىلىق ئۆز كۈچ-قۇدرىتىنى تېخىمۇ كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىدۇ.

8پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شان-شۆھرەتنى بەرگەيسىلەر؛ سوۋغا-سالام ئېلىپ ھويلىلىرىغا كىرىڭلار!

9پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛ پۈتكۈل يەر-زېمىن، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار! ◼ 96:9 \+bd «... پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار»\+bd* ــ ياكى «... پاك-مۇقەددەس ئېگىنلەرنى كىيىپ سەجدە قىلىڭلار». ◘ 96:9 زەب. 29‏:2

10ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىڭلار: ــ «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! شۇڭا مانا، دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. ئۇ ئادىللىق بىلەن خەلقلەر ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

11ئاسمانلار شادلانسۇن، يەر-جاھان خۇش بولسۇن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن!

1213 دالالار ھەم ئۇلاردىكى ھەممە يايرىسۇن! ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ كېلىدۇ! ئۇ جاھاننى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ. ◘ 96:12 زەب. 98‏:7-8؛ ۋەھ. 19‏:11

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>