زەبۇر 97:1-12 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! يەر-زېمىن خۇش بولسۇن، كۆپلىگەن ئاراللار شادلانسۇن! ◘ 97:1 زەب. 93‏:1؛ 96‏:10

2بۇلۇتلار ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەختىنىڭ ئۇلىدۇر؛

3ئۇنىڭ ئالدىدا ئوت يالقۇنى يۈرىدۇ، ئەتراپتىكى دۈشمەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ؛

4ئۇنىڭ چاقماقلىرى جاھاننى يورۇتتى، يەر-زەمىن بۇنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى؛ ◘ 97:4 زەب. 77‏:16-18؛ ۋەھ. 4‏:5

5پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا، تاغلار مومدەك ئېرىپ كېتىدۇ.

6ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيىتىنى جاكارلايدۇ، بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىدۇ. ◘ 97:6 زەب. 19‏:1؛ 50‏:6

7ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇياتتا قالىدۇ. بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار! ◼ 97:7 \+bd «ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەر...»\+bd* ــ «بۇتلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرزىمەسلەر». \+bd «بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!»\+bd* ــ «ئىلاھلار» بۇ يەردە، شۇنداقلا 86-، 95-، 96- ۋە 97-كۈيدە كۆرسىتىلگەندەك، پەرىشتىلەرنى، ياكى بولمىسا بۇتلارنىڭ كەينىدىكى جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ. 3:94 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.

8سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ سەۋەبىدىن، ئى پەرۋەردىگار، زىئون ئاڭلاپ شادلاندى، يەھۇدا قىزلىرى خۇش بولدى.

9چۈنكى سەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىكى ئەڭ ئالىيسىدۇرسەن؛ سەن بارلىق ئىلاھلاردىن نەقەدەر يۇقىرىدۇرسەن!

10پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار! ئۇ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالىدۇ، رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن خالاس قىلىدۇ. ◘ 97:10 ئام. 5‏:15؛ رىم. 12‏:9

11ھەققانىيلار ئۈچۈن نۇر، دىلى دۇرۇسلار ئۈچۈن شادلىق تېرىلغاندۇر؛

12پەرۋەردىگاردىن شادلىنىڭلار، ئى ھەققانىيلار، ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار!

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>