1يىغىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يىغىڭلار، ئى نومۇسسىز «يات ئەل»، ◼ 2:1 +bd «يىغىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يىغىڭلار، ئى نومۇسسىز «يات ئەل»»+bd* ــ «يات ئەل» مۇشۇ يەردە ئىسرائىل خەلقى خۇداغا نىسبەتەن بۇتپەرەس بىر يات ئەلگە ئوخشايدۇ، دېگەنلىك. ئۇلارنىڭ «يىغىلىشى» بەلكىم جامائەتتە بولۇپ دۇئا-تىلاۋەت بىلەن خۇدانى ئىزدەش ئۈچۈن بولسا كېرەك. ئىبرانىي تىلىدىكى «يىغىلىڭلار» دېگەن بۇ پېئىل ئادەتتە پەقەت «پاخال يىغىۋېلىش»نى كۆرسىتىدۇ، بۇ مۇشۇ يەردە ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ بولۇپ، ئىسرائىل پاخالدەك بىر خەلق، خۇدانىڭ ئوتىدا تېزلا كۆيدۈرۈلۈش خەتىرىدە تۇرىدۇ، دېگەنلىك (2-ئايەتنى كۆرۈڭ).*
2يارلىق چىققۇچە،
3پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ئى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئادا قىلغان زېمىندىكى كەمتەرلەر؛
4چۈنكى گازا تاشلانغان بولىدۇ،
5دېڭىز بويىدىكىلەر، يەنى قېرەت ئېلىدىكىلەرگە ۋاي!
6دېڭىز بويى پادىچىلار ئۈچۈن چىمەنزار،
7دېڭىز بويى يەھۇدا جەمەتىنىڭ قالدىسى ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ؛
8مەن موئابنىڭ دەشنىمىنى، ئاممونىيلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم؛
9شۇڭا مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى،
10ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىدىن بۇ ئىش بېشىغا كېلىدۇ،
11پەرۋەردىگار ئۇلارغا دەھشەتلىك بولىدۇ؛
12ئى ئېفىئوپىيلەر، سىلەرمۇ مېنىڭ قىلىچىم بىلەن ئۆلتۈرۈلىسىلەر. ◼ 2:12 +bd «ئى ئېفىئوپىيلەر، سىلەرمۇ مېنىڭ قىلىچىم بىلەن ئۆلتۈرۈلىسىلەر»+bd* ــ بۇ بېشارەتتىن تەخمىنەن 80 يىلدىن كېيىن «كامبۇسىس II» ئېفىئوپىيەگە تاجاۋۇز قىلدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 525-يىلى). بېشارەت بۇ ۋەقەنى ياكى بولمىسا ئاخىرقى زاماندىكى بىر ۋەقەنى كۆرسىتىشى كېرەك.*
13ئۇ قولىنى سوزۇپ شىمالغا تەگكۈزۈپ، ئاسۇرىيەنى ھالاك قىلىدۇ،
14ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا چارۋا پادىلىرى،