1ئى لىۋان، ئوت سېنىڭ كېدىر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلىرىڭنى ئاچ! ◼ 11:1 +bd «ئى لىۋان، ئوت سېنىڭ كېدىر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلىرىڭنى ئاچ! »+bd* ــ بۇ 1-3-ئايەت بەلكىم بىر ئوخشىتىش؛ يەھۇدانىڭ يېتەكچىلىرى خۇدانىڭ خەلقى ۋە خۇدا بەرگەن زېمىننى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن، ھازىر بۇ مەنپەئەتتىن ئايرىلىدۇ. -11-ئايەت يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىبادەتخانىنىڭ يەنە ۋەيران قىلىنىشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇ لىۋاندىكى كۆپلىگەن كېدىر دەرەخلىرىنى ۋە باشقا ئېسىل دەرەخلەرنى ئىشلىتىپ سېلىنغان (تەۋرات، «ئەزرا»، 7:3).
2ۋايساڭلار، ئى قارىغايلار، چۈنكى كېدىر يىقىلدى، ئېسىل دەرەخلەر ۋەيران قىلىندى؛ ۋايساڭلار، ئى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرى، چۈنكى باراقسان ئورمان يىقىتىلدى!
3پادىچىلارنىڭ ۋايسىغان ئاۋازىنى ئاڭلا! چۈنكى ئۇلارنىڭ شەرىپى بولغان چىمەن-يايلاق* ۋەيران قىلىندى؛ ئارسلانلارنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلا! چۈنكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ پەخرى بولغان بۈك-باراقسانلىقى* ۋەيران قىلىندى.
4پەرۋەردىگار خۇدايىم مۇنداق دەيدۇ: ــ بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادىنى باققىن!
5ئۇلارنى سېتىۋالغانلار ئۇلارنى بوغۇزلىۋەتكەندە ھېچ گۇناھكار دەپ قارالمايدۇ؛ ئۇلارنى سېتىۋەتكەنلەر: «پەرۋەردىگارغا شۈكرى! چۈنكى بېيىپ كەتتىم!» ــ دەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆز پادىچىلىرى ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ.
6چۈنكى مەن زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارغا يەنە ئىچىمنى ھېچ ئاغرىتمايمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە مانا، مەن ئادەملەرنى، ھەربىرىنى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىغا ۋە ئۆز پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ مانا، بۇلار زېمىننى خاراب قىلىدۇ، مەن ئۇلارنى بۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ قۇتقۇزمايمەن. ◼ 11:6 +bd «مەن... ھەربىرىنى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىغا ۋە ئۆز پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن»+bd* ــ «ئۆز پادىشاھى» ئالاھىدە ئىبارە بولۇپ، بەلكىم خۇدا شۇ پادىشاھنى تاللىمىغانلىقىنى، بەلكى يەھۇدادىكىلەر ئۆزلىرى تاللىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. زەكەرىيانىڭ دەۋرىدە يەھۇدانىڭ ھېچ پادىشاھى يوق ئىدى (يەھۇدا پارس ئىمپېرىيەسى ئاستىدا بولغان).*
7شۇڭا مەن «بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادا»نى بېقىپ تۇردۇم، بولۇپمۇ پادىنىڭ ئارىسىدىكى مىسكىن مۆمىنلەرنى باقتىم. مەن ئۆزۈمگە ئىككى تاياقنى ئالدىم؛ بىرىنچىسىنى «شاپائەت»، ئىككىنچىسىنى «رىشتە» دەپ ئاتىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن مەن پادىنى باقتىم. ◼ 11:7 +bd «شۇڭا مەن «بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادا»نى بېقىپ تۇردۇم، بولۇپمۇ پادىنىڭ ئارىسىدىكى مىسكىن مۆمىنلەرنى باقتىم»+bd* ــ «پادا» ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. پادىنىڭ «ئارىسىدىكى مىسكىن مۆمىنلەر»، خۇداغا سادىق «قالدى»لار ئىدى (11-ئايەتنى كۆرۈڭ). زەكەرىيا پادىچىلىق ۋەزىپىسىنى +bd ئۇلارنى دەپ+bd* زىممىسىگە ئالىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ جازاسى پادىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بېشىغا چۈشۈش ئالدىدا تۇرىدۇ (5-ئايەت)؛ خۇدانىڭ نەزىرى بەرىبىر «پادا ئارىسىدىكى «مىسكىن مۆمىنلەر»» («قالدىلار») ئۈستىدە بولىدۇ. ئۇلار پادىنىڭ ئارىسىدىكى ئاز بىر قىسمىدۇر. +bd «مەن ئۆزۈمگە ئىككى تاياقنى ئالدىم؛ بىرىنچىسىنى «شاپائەت»، ئىككىنچىسىنى «رىشتە» دەپ ئاتىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن مەن پادىنى باقتىم...»+bd* ــ زەكەرىيا بەلكىم مەزكۇر ئىشنى، شۇنداقلا 8-14-ئايەتتىكى باشقا بەزى ئىشلارنى چۈشىدە ياكى ئالامەت كۆرۈنۈشتە كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن؛ بۇ ئىشلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئۇ خەلق ئالدىدا «رول ئېلىپ» كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.*
8شۇنىڭدەك مەن بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ پادىچىنى ھالاك قىلدىم؛ مېنىڭ جېنىم بۇ خەلقتىن* بىزار بولدى ۋە ئۇلارنىڭ جېنى مېنى ئۆچ كۆردى. ◼ 11:8 +bd «شۇنىڭدەك مەن بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ پادىچىنى ھالاك قىلدىم...»+bd* ــ «ئۈچ پادىچى» توغرۇلۇق بىزنىڭچە ئىككى ئىمكانىيەت بار. (1) «ئۈچ پادىچى» مەلۇم ئادەملەرنى ئەمەس، بەلكى خۇدا ئىسرائىل ئۈچۈن بېكىتكەن ئۈچ خىل پادىچىنى، يەنى «پەيغەمبەر»، «كاھىن» ۋە «پادىشاھ»نى بىلدۈرىدۇ. مىلادىيەدىن كېيىنكى 70-يىلى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشى بىلەن، ئىسرائىلدا بۇ ئۈچ خىل «پادىچى» قالمىدى. (2) مىلادىيەدىن كېيىنكى 70-يىلى رىم ئىمپېرىيەسى يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالغاندا، ئىسرائىلنىڭ بىر-بىرىگە ئۆچ بولغان ئۈچ يېتەكچىسى (يۇھاننا، سىمون ۋە ئەلىئېزەر) بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇشلىرى تۈپەيلىدىن يېرۇسالېم ئاخىر بېرىپ ئىشغال قىلىنغان، بۇ ئۈچ «پادىچى» شۇ ھامان «پادىچىلىقتىن» قالغان. بىز 2-ئىمكانىيەتكە مايىلمىز. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز يەنە بۇنىڭ ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىمىز.*
9مەن: «مەن سىلەرنى باقمايمەن؛ ئۆلەي دەپ قالغانلىرى ئۆلۈپ كەتسۇن؛ ھالاك بولاي دەپ قالغانلىرى ھالاك بولسۇن؛ تىرىك قالغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ گۆشىنى يېسۇن» ــ دېدىم. ◼ 11:9 +bd «ھالاك بولاي دەپ قالغانلىرى ھالاك بولسۇن؛ تىرىك قالغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ گۆشىنى يېسۇن» ــ دېدىم»+bd* ــ دەرۋەقە، رىم ئىمپېرىيەسى يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالغاندا كۆپ ئادەم ئاچارچىلىقتىن باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يېگەن.*
10مەن «شاپائەت» دېگەن تايىقىمنى ئېلىپ سۇندۇرىۋەتتىم، شۇنىڭدەك مېنىڭ بارلىق ئەللەر بىلەن بولغان ئەھدەمنى سۇندۇرۇۋەتتىم.
11ئەھدە شۇ كۈنى بىكار قىلىۋېتىلدى؛ شۇڭا پادا ئارىسىدىكى ماڭا دىققەت قىلغان مىسكىن مۆمىنلەر بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. ◼ 11:11 +bd «... مىسكىن مۆمىنلەر بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى»+bd* ــ بۇ «مىسكىنلارنىڭ بىلىپ يېتىشى»نىڭ ئۆزىمۇ بەلكىم «ئالامەت كۆرۈنۈش»نىڭ بىر قىسمىدۇر. دېمەك، ھەممىسى پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىن كېيىن يۈز بېرىدۇ.*
12ۋە مەن ئۇلارغا: «مۇۋاپىق كۆرسەڭلار، مېنىڭ ئىش ھەققىمنى بېرىڭلار؛ بولمىسا بولدى قىلىڭلار» ــ دېدىم. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىمگە ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى تارازىغا سالدى. ◘ 11:12 مات. 26:15؛ 27:9*
13ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا بۇ ئۇلار ماڭا بېكىتكەن قالتىس باھا! ئۇنى ساپالچىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەر!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، ساپالچىنىڭ ئالدىغا چۆرۈۋەتتىم. ◼ 11:13 +bd «پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا بۇ ئۇلار ماڭا بېكىتكەن قالتىس باھا! ئۇنى ساپالچىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەر!» دېدى»+bd* ــ «قالتىس باھا!» ــ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ، ئەلۋەتتە.* ◘ 11:13 مات. 27:3-10*
14ئاندىن مەن يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ قېرىنداشلىقىنى ئۈزۈش ئۈچۈن، ئىككىنچى تايىقىمنى، يەنى «رىشتە»نى سۇندۇرۇۋەتتىم.
15ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن ئەمدى يەنە ئەرزىمەس پادىچىنىڭ قوراللىرىنى ئال. ◼ 11:15 +bd «پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن ئەمدى يەنە ئەرزىمەس پادىچىنىڭ قوراللىرىنى ئال... »+bd* ــ ياخشى پادىچىنىڭ قوراللىرى بولغان ئىككى تاياقنى سۇندۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، «ئەرزىمەس پادىچىنىڭ قوراللىرىنى ئال» دەپ بۇيرۇلغان.*
16چۈنكى مانا، مەن زېمىندا بىر پادىچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەنكى، ئۇ ھالاك بولاي دېگەنلەردىن خەۋەر ئالمايدۇ، تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدىمەيدۇ، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدۇ، ساغلاملارنىمۇ باقمايدۇ؛ ئۇ بەلكى سەمرىگەنلەرنىڭ گۆشىنى يەيدۇ، ھەتتا تۇياقلىرىنى يىرىپ يەيدۇ.