زەكەرىيا 12:1-13 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق سۆزىدىن يۈكلەنگەن بېشارەت: ــ

2مانا، مەن يېرۇسالېمنى ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرگە كىشىلەرنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان ئاپقۇر قىلىمەن؛ يېرۇسالېمغا چۈشىدىغان مۇھاسىرە يەھۇداغىمۇ چۈشىدۇ.

3شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن يېرۇسالېمنى بارلىق ئەللەرگە ئېغىر يۈك بولغان تاش قىلىمەن؛ كىم ئۇنى ئۆزىگە يۈكلىسە يارىلانماي قالمايدۇ؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا يىغىلىدۇ.

4شۇ كۈنى مەن ھەممە ئاتلارنى ساراسىمىگە سېلىپ، ئاتلىقلارنى ساراڭ قىلىپ ئۇرىمەن؛ بىراق يەھۇدا جەمەتىنى كۆزۈمدە تۇتىمەن؛ ئەللەردىكى ھەربىر ئاتنى بولسا كورلۇق بىلەن ئۇرۇۋېتىمەن.

5شۇنىڭ بىلەن يەھۇدانىڭ يولباشچىلىرى كۆڭلىدە: «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئارقىلىق ماڭا كۈچ بولىدۇ» دەيدۇ.

6شۇ كۈنى مەن يەھۇدانىڭ يولباشچىلىرىنى ئوتۇنلار ئارىسىدىكى ئوتداندەك، ئۆنچىلەر ئارىسىدىكى مەشئەلدەك قىلىمەن؛ ئۇلار ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنى، يەنى ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىكىلەرنى يەۋېتىدۇ؛ يېرۇسالېمدىكىلەر يەنە ئۆز جايىدا، يەنى يېرۇسالېم شەھىرىدە تۇرىدىغان بولىدۇ. ◼ 12:6 +bd «مەن يەھۇدانىڭ يولباشچىلىرىنى... ئۆنچىلەر ئارىسىدىكى مەشئەلدەك قىلىمەن»+bd* ــ «ئۆنچىلەر» ــ بۇغداي ياكى ئارپا باغلاملىرى.*

7پەرۋەردىگار ئاۋۋال يەھۇدانىڭ چېدىرلىرىنى قۇتقۇزىدۇ؛ سەۋەبى ــ داۋۇت جەمەتىنىڭ شان-شەرىپى ھەم يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ شان-شەرىپى يەھۇدانىڭكىدىن ئۇلۇغلانماسلىقى ئۈچۈندۇر.

8شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغدايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەلەڭشىپ قالغانلارمۇ شۇ كۈنى داۋۇتتەك پالۋان بولىدۇ؛ داۋۇت جەمەتى بولسا خۇدادەك، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدەك كۈچلۈك بولىدۇ.

9شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كەلگەن بارلىق ئەللەرنى ھالاك قىلىشقا كىرىشىمەن.

10ۋە مەن داۋۇت جەمەتى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە شاپائەت يەتكۈزگۈچى ۋە شاپائەت تىلىگۈچى روھنى قۇيىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى سانجىپ ئۆلتۈرگەن ماڭا يەنە قارايدۇ؛ بىرسىنىڭ تۇنجى ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرگەندەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ يەككە-يېگانە ئوغلىدىن جۇدا بولغۇچىنىڭ دەرد-ئەلەم تارتقىنىدەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن دەرد-ئەلەم تارتىدۇ. ◼ 12:10 +bd «ئۇلار ئۆزلىرى سانجىپ ئۆلتۈرگەن ماڭا يەنە قارايدۇ»+bd* ــ ياكى «ئۇلار ئۆزلىرى سانجىپ ئۆلتۈرگەن ماڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ». +bd «بىرسىنىڭ تۇنجى ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرگەندەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ يەككە-يېگانە ئوغلىدىن جۇدا بولغۇچىنىڭ دەرد-ئەلەم تارتقىنىدەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن دەرد-ئەلەم تارتىدۇ»+bd* ــ دېمىسەكمۇ بۇ بېشارەت ئىسرائىلنىڭ ئۆز قۇتقۇزغۇچى-خۇداسىنى سانجىيدىغانلىقىنى ياكى سانجىپ ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، پۈتۈن خەلق ئاخىرقى زاماندا خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق بۇنى بىلىپ يېتىپ، قاتتىق ماتەم تۇتىدۇ. خۇدا شۇ چاغدا ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش يولىنى ئاچىدۇ (13-باب). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق يەنە توختىلىمىز.* ◘ 12:10 ئ‍ەز. 39‏:29؛ يو. 2‏:12، 13؛ يـۇھ. 19‏:36-37؛ ۋەھ. 1‏:7*

11شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا غايەت زور يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇ مەگىددو جىلغىسىدىكى «خاداد-رىممون»دا كۆتۈرۈلگەن يىغا-زاردەك بولىدۇ. ◼ 12:11 +bd «... زور يىغا-زار... مەگىددو جىلغىسىدىكى «خاداد-رىممون»دا كۆتۈرۈلگەن يىغا-زاردەك بولىدۇ»+bd* ــ «ھاداد-رىممون» بەلكىم «مېگىددو يىلغىسىدىكى بىر جاي بولۇشى مۇمكىن. شۇ يەردە كۆتۈرۈلگەن يىغا-زار (ماتەم تۇتۇشى)» بەلكىم ئىلگىرىكى ئىنتايىن ئىخلاسمەن پادىشاھ يوسىيانىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى تۈپەيلىدىن بولغان («2پاد.» 9-باب، «2تار.» 20:35-27-ئايەت).* ◘ 12:11 2پاد. 23‏:29؛ 2تار. 35‏:22، 24*

12زېمىن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ ھەربىر ئائىلە ئايرىم ھالدا يىغا-زار كۆتۈرىدۇ. داۋۇت جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا، ناتان جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛

13لاۋىي جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛ شىمەي جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛