زەكەرىيا 13:1-8 UIGB2010 - Bible AI

1شۇ كۈنى داۋۇت جەمەتى ھەم يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن گۇناھنى ۋە پاسكىنىلىقنى يۇيىدىغان بىر بۇلاق ئېچىلىدۇ. ◘ 13:1 لاۋ. 16؛ 23‏:26-32؛ زەك. 12‏:10-14؛ رىم. 11‏:26*

2شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن مەبۇدلارنىڭ ناملىرىنى زېمىندىن يوقىتىمەنكى، ئۇلار يەنە ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن. ◼ 13:2 +bd «مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن»+bd* ــ بۇ پەيغەمبەرلەر ساختا پەيغەمبەرلەر، ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە بولسا مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى دۇنياغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق بولىدۇ.*

3شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىرەيلەن يەنىلا پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرەي دېسە، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ. ◼ 13:3 +bd «ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ»+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش كېرەك. مۇشۇ ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى خۇدادىن شۇنچە ئەيمىنىدۇكى، ئۆز ئوغلىنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرىدۇ.* ◘ 13:3 قان. 13‏:6-11؛ 18‏:20*

4شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى بېشارەت بېرىۋاتقاندا كۆرگەن كۆرۈنۈشتىن خىجىل بولىدۇ؛ ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ؛ ◼ 13:4 +bd «ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ»+bd* ــ ئىلياس، ئېلىشا ۋە يەھيا پەيغەمبەرلەر مۇشۇنداق ئىنتايىن ئاددىي كىيىم كىيگەن.*

5ئۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەمەس، مەن پەقەت تېرىقچىمەن؛ چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن» ــ دەيدۇ. ◼ 13:5 +bd «چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئادەمنىڭ مەدىكارى بولۇپ كەلدىم».*

6ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ◼ 13:6 +bd «ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ»+bd* ــ «مەيدەڭدىكى زەخمەتلەر» ئىبرانىي تىلى بويىچە سۆزمۇسۆز ئالساق «ئىككى قولۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى زەخمەتلەر» بولىدۇ. «بۇتپەرەس پەيغەمبەرلەر» جىن-شەيتانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن پات-پات ئۆز تېنىنى كېسىۋالاتتى ۋە ئاخىرقى زاماندىمۇ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن («1پاد.»، 28:18-ئايەتتە مىسال كۆرۈلىدۇ). شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇشۇنداق زەخمەتلەردىن گۇمانلىنىدۇ، ساختا پەيغەمبەر زەخمەتلىرىدىن خىجىل بولۇپ روشەن بىر يالغان باھانىنى كۆرسىتىدۇ.*

7ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ ــ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن. ◼ 13:7 +bd «مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللار ئۈستىگىمۇ قارشى چۈشۈرىمەن». بىراق بىزنىڭ تەرجىمىمىز 8-ئايەتكە ماسلىشىدۇ؛ ئومۇمىي مەنىسى خۇدا ئۆزىگە تەۋە كىچىك پېئىللىقلارنى قوغدايدۇ.* ◘ 13:7 قان. 37‏:42؛ يەش. 26‏:20؛ مات. 26‏:31؛ مار. 14‏:27؛ لۇقا 22‏:35-38؛ يـۇھ. 18‏:8؛ زەف. 3:2*

8زېمىندا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىرىلىپ ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇنىڭدا تىرىك قالىدۇ.

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>