زەكەرىيا 4:1-13 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە قايتىپ كېلىپ مېنى ئويغىتىۋەتتى. مەن خۇددى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىۋېتىلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالدىم؛

2ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «مانا، مەن پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم؛ ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر قاچا، يەتتە چىرىغى ۋە يەتتە چىراغقا تۇتىشىدىغان يەتتە نەيچە بار ئىكەن؛ ◼ 4:2 +bd «يەتتە چىرىغى ۋە يەتتە چىراغقا تۇتىشىدىغان يەتتە نەيچە بار ئىكەن»+bd* ــ ياكى «يەتتە چىراغنىڭ ھەربىرىنىڭ يەتتە پىلىكى بار ئىكەن».*

3ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى زەيتۇن دەرىخى بار، بىرسى ئوڭ تەرەپتە، بىرسى سول تەرەپتە»، دېدىم.

4ئاندىن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئى تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم.

5مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» ــ دېدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم. ◘ 4:5 زەك. 4‏:14؛ ئەزرا 5‏:1؛ 6‏:14؛ ۋەھ. 11‏:3-4*

6ئاندىن ئۇ ماڭا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ مانا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ زەرۇببابەلگە قىلغان سۆزى: «ئىش كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئەمەس، ئىقتىدار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم ئارقىلىق پۈتىدۇ! ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.

7ــ ئى بۈيۈك تاغ، سەن زادى كىم؟ زەرۇببابەل ئالدىدا سەن تۈزلەڭلىك بولىسەن؛ ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ* ئەڭ ئۈستىگە جىپسىما تاشنى قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن توۋلاشلار ياڭراپ ئاڭلىنىدۇ». ◼ 4:7 +bd «ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە جىپسىما تاشنى قويىدۇ»+bd* ــ «جىپسىما تاش» ــ سېلىنىۋاتقان ئۆينىڭ (مۇشۇ ئايەتتە ئىبادەتخانىنىڭ) ئەڭ ئاخىرقى قويۇلغان تېشىتۇر. +bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن توۋلاشلار ياڭراپ ئاڭلىنىدۇ»+bd* ــ «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن سۆزلەر بەلكىم ئىبادەتخانىغا، ياكى «ئەڭ ئۈستىدىكى جىپسىما تاش»، ياكى پۈتۈن قۇرۇلۇش ئىشىغا ئېيتىلىدۇ.* ◘ 4:7 يەش. 40‏:4*

8ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

9«زەرۇببابەلنىڭ قولى مۇشۇ ئۆينىڭ ئۇلىنى سالدى ۋە ئۇنىڭ قوللىرى ئۇنى پۈتتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ◘ 4:9 يـۇھ. 2‏:19-21*

10كىم ئەمدى مۇشۇ «كىچىك ئىشلار بولغان كۈن»نى كۆزگە ئىلمىسۇن؟ چۈنكى بۇلار شادلىنىدۇ، ــ بەرھەق، بۇ «يەتتە» شادلىنىدۇ، ــ زەرۇببابەلنىڭ قولى تۇتقان تىك ئۆلچەم تېشىنى كۆرگەندە شادلىنىدۇ؛ بۇ «يەتتە*» بولسا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە سەپسېلىپ قاراۋاتقان كۆزلىرىدۇر». ◼ 4:10 +bd «بەرھەق، بۇ «يەتتە» شادلىنىدۇ...»+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ «يەتتە»نى چىراغداننىڭ يەتتە شېخىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق چىراغدان خۇدادىن ماي قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بىزنىڭچە «بۇ «يەتتە»» يۇقىرىقى تاشنىڭ «يەتتە كۆز»ىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ئادەملەرنىڭ كۆز-قاراشلىرىدا «كىچىك ئىشلار» بولغىنى بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئىشنى تەڭ كۆرىدىغان كۆزلىرىدە ئۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، شادلىنارلىق بىر ئىشتۇر. ھەتتا قۇرۇلۇش جەريانىدا، زەرۇببابەلنىڭ «تىك ئۆلچەش تېشى»نى تۇتقانلىقىنى كۆرگەندە، «پەرۋەردىگارنىڭ كۆزلىرى» شادلىنىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 4:10 2تار. 16‏:9؛ ۋەھ. 5‏:6*

11مەن جاۋابەن پەرىشتىدىن: «چىراغداننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغان ئىككى زەيتۇن دەرىخى نېمە؟» دەپ سورىدىم؛

12ۋە ئىككىنچى قېتىم سوئالنى قويۇپ ئۇنىڭدىن: «ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىككى ئالتۇن نەيچە ئارقىلىق ئۆزلىكىدىن «ئالتۇن» قۇيۇۋاتقان شۇ ئىككى زەيتۇن شېخى نېمە؟» دەپ سورىدىم. ◼ 4:12 +bd «..ئۆزلىكىدىن «ئالتۇن» قۇيۇۋاتقان شۇ ئىككى زەيتۇن شېخى...»+bd* ــ مۇشۇ «ئالتۇن» بەلكىم «ئالتۇن رەڭلىك» زەيتۇن مېيى ــ

13ئۇ مەندىن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم.

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>