1ئاندىن مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم.
2ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم؛ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز ئىكەن» ــ دېدىم. ◼ 5:2 +bd «ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز ئىكەن»+bd* ــ ئىبرانىيلار ئىشلەتكەن «گەز» بەلكىم يېرىم مېتر ئىدى. ئورام يازمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى مۇسا پەيغەمبەرگە كۆرسىتىلگەن «مۇقەددەس چېدىر»نىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك («مىس.» 29-بابنى كۆرۈڭ).*
3ئۇ ماڭا: «بۇ بولسا پۈتۈن زېمىن ئۈستىگە چىقىرىلغان لەنەتتۇر؛ چۈنكى ھەربىر ئوغرىلىق قىلغۇچى بۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ۋە قەسەم ئىچكۈچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ دېدى.
4ــ «مەن بۇ يازمىنى* چىقىرىمەن» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، «ۋە ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ھەمدە نامىم بىلەن يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە شۇ ئۆيدە قونۇپ ئۇنى ياغاچ-تاشلىرى بىلەن قوشۇپلا يەۋېتىدۇ». ◼ 5:4 +bd «مەن بۇ يازمىنى چىقىرىمەن... ۋە ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ھەمدە نامىم بىلەن يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە شۇ ئۆيدە قونۇپ ئۇنى ياغاچ-تاشلىرى بىلەن قوشۇپلا يەۋېتىدۇ»+bd* ــ «ئۇچار ئورام يازما» توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.*
5ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقىپ ماڭا: «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرگىن، نېمىنىڭ چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ باق» ــ دېدى.
6مەن: «ئۇ نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ چىقىۋاتقان «ئەفاھ» سېۋىتىدۇر»، ۋە: «بۇ بولسا شۇ رەزىللەرنىڭ* پۈتۈن زېمىندىكى قىياپىتىدۇر» ــ دېدى. ◼ 5:6 +bd «بۇ چىقىۋاتقان «ئەفاھ» سېۋىتىدۇر»+bd* ــ «ئەفاھ» بولسا ھەجىم ئۆلچىمى، تەخمىنەن 40 لىتر كېلىدۇ. مۇشۇ يەردە ھەم ئۆلچەم ھەم ئۆلچەيدىغان سېۋەتنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «بۇ بولسا شۇ رەزىللەرنىڭ پۈتۈن زېمىندىكى قىياپىتىدۇر»+bd* ــ «رەزىللەر» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار». يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئوغرى ۋە يالغانچىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئىبرانىي تىلىدا «قىياپەت» «كۆز» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەنىسى بەلكىم: خۇدا ئۆز خەلقىگە كۆزى بىلەن يېتەكچىلىك قىلغىنىدەك («زەب.» 8:32) شەيتانمۇ ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى «ئەفاھ» (سودا-سېتىقنىڭ سىمۋولى) ئارقىلىق باشقۇرىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
7ئەفاھ سېۋىتىنىڭ ئاغزىدىن دۇمىلاق بىر قوغۇشۇن كۆتۈرۈلدى، مانا، ئەفاھ سېۋىتى ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى.
8ئۇ: «بۇ بولسا، رەزىللىك»تۇر» ــ دەپ، ئۇنى ئەفاھ سېۋىتى ئىچىگە قايتۇرۇپ تاشلاپ، ئەفاھنىڭ ئاغزىغا ئېغىر قوغۇشۇننى تاشلاپ قويدى.
9بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا ئىككى ئايالنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم؛ شامال ئۇلارنىڭ قاناتلىرىنى يەلپۈتۈپ تۇراتتى (ئۇلارنىڭ لەيلەكنىڭكىدەك قاناتلىرى بار ئىدى)؛ ئۇلار ئەفاھنى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆتۈردى.
10مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئۇلار ئەفاھنى نەگە كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ؟» ــ دەپ سورىدىم.