زەكەرىيا 6:1-14 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن مانا، مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىن تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم. تاغلار بولسا مىس تاغلار ئىدى.

2بىرىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى قىزىل ئاتلار ئىدى؛ ئىككىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى قارا ئاتلار ئىدى؛

3ئۈچىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى ئاق ئاتلار، تۆتىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى كۈچلۈك چىپار ئاتلار ئىدى.

4مەن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم.

5پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن چىققان ئاسمانلارنىڭ تۆت روھى.

6قارا ئاتلار قېتىلغان ھارۋا شىمالىي زېمىنلار تەرەپكە كىرىدۇ؛ ئاقلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ چىپارلار بولسا جەنۇبىي زېمىنلار تەرەپكە ماڭىدۇ.

7ئاندىن مۇشۇ كۈچلۈك ئاتلار چىقىپ يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق كېزىشكە ئالدىرايدۇ» ــ دېدى.

8ۋە ئۇ ماڭا ئۈنلۈك ئاۋازدا: «قارا، شىمالىي يەر-زېمىنلار تەرەپكە ماڭغانلار مېنىڭ روھىمدىكى ئاچچىقنى شىمالىي زېمىن تەرەپتە بېسىقتۇردى» ــ دېدى. ◼ 6:8 +bd «شىمالىي يەر-زېمىنلار تەرەپكە ماڭغانلار مېنىڭ روھىمدىكى ئاچچىقنى شىمالىي زېمىن تەرەپتە بېسىقتۇردى»+bd* ــ سەككىزىنچى كۆرۈنۈش ئۈستىدە «قوشۇمچى سۆز»مىزدە توختىلىمىز.*

9پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

10سۈرگۈن بولۇپ كەلگەنلەردىن، يەنى ھەلداي، توبىيا ۋە يەدايادىن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغىن؛ شۇ كۈنى ئۇلار بابىلدىن كېلىپ چۈشكەن ئۆيگە، يەنى زەفانىيانىڭ ئوغلى يوسىيانىڭ ئۆيىگە كىرگىن؛

11شۇنداق، كۈمۈش ۋە ئالتۇننى قوبۇل قىلغىن، بۇلاردىن چەمبەرسىمان بىر تاجنى توقۇپ ۋە تاجنى يەھوزاداكنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئانىڭ بېشىغا كىيگۈزگىن؛

12ۋە يەشۇئاغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: قاراڭلار، «شاخ» دەپ ئاتالغان ئىنسان! ئۇ ئۆز تۈۋىدىن ئورنىدا شاخلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرىدۇ» ــ دېگىن. ◘ 6:12 زەك. 3‏:8‏: يەش. 4‏:2؛ 11‏:1؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:15*

13«بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرغۇچى دەل شۇ بولىدۇ؛ ئۇ شۇ شاھانە شان-شەرەپنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز تەختىگە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ تەختكە ئولتۇرىدىغان كاھىن بولىدۇ؛ خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىق ئۇلار ئىككىسى ئارىسىدا بولىدۇ. ◼ 6:13 +bd «ئۇ شۇ شاھانە شان-شەرەپنى زىممىسىگە ئېلىپ، ... ئۇ تەختكە ئولتۇرىدىغان كاھىن بولىدۇ»+bd* ــ ئىسرائىلدا «لاۋىي» قەبىلىسىدىن بولغان «كاھىن»لار پادىشاھ بولۇشقا قەتئىي بولمايتتى. مۇشۇ يەردە يەشۇئا (ئەيسا) شۈبھىسىزكى، كەلگۈسى زاماندا كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. «مەسىھ» ھەم كاھىن ھەم پادىشاھ بولۇپ، يەشۇئا ۋە زەرۇببابەل قۇرۇۋاتقان ئىبادەتخانىدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ ئىبادەتخانىنى، يەنى م؛ۇقەددەس روھتىن تۇغۇلغان كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ئىبادەتخانىنى قۇرىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىز ۋە «ھاگاي پەيغەمبەر» قىسمىدىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. +bd «خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىق... »+bd* ــ ياكى «خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان پىلان ...». +bd «خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىق ئۇلار ئىككىسى ئارىسىدا بولىدۇ»+bd* ــ بەزى ئالىملار «ئىككىسى» دېگەن سۆز «ئىككى ھوقۇق» دېگەن مەنىدە، ئۇ بەلكىم قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ «كاھىن» ھەم «تەختتە ئولتۇرغۇچى پادىشاھ» دېگەن ئىككى سالاھىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە «ئۇلار ئىككىسى» بولسا پەرۋەردىگار ھەم ئۇنىڭ مەسىھىدۇر. دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى يۇيىدىغان قۇربانلىق بولسا خۇدانىڭ پىلانى بولۇپ، ئۆز مەسىھى شۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ قۇربانلىق بولغان؛ شۇڭا «خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىق» «ئۇلار ئىككىسى» ئارىسىدىدۇر.* ◘ 6:13 زەب. 110‏:1، 4؛ 85‏:10؛ يەش. 9‏:6؛ 22‏:24؛ يـۇھ. 2‏:19-22*

14مۇشۇ چەمبەرسىمان تاج پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خەلەم، توبىيا، يەدايالارغا ۋە زەفانىيانىڭ ئوغلىنىڭ مېھرىبانلىقىغا بىر ئەسلەتمە ئۈچۈن قويۇلىدۇ. ◼ 6:14 +bd «خەلەم، توبىيا، يەدايالار...»+bd* ــ «خەلەم» 10-ئايەتتە «خەلداي» دەپ ئاتىلىدۇ. +bd « زەفانىيانىڭ ئوغلىنىڭ مېھرىبانلىقىغا بىر ئەسلەتمە ئۈچۈن قويۇلىدۇ»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «زەفانىيانىڭ ئوغلى «خەن»گە بىر ئەسلەتمە ئۈچۈن قويۇلىدۇ». بىراق «خەن»نىڭ مەنىسى «ئىلتىپات، مېھرىبانلىق» بولۇپ، مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا يەرلەردە ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكى كۆرۈلمەيدۇ.*

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>