1دارىئۇس پادىشاھنىڭ تۆتىنچى يىلى توققۇزىنچى ئاي، يەنى «خىسلەۋ»نىڭ تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى زەكەرىياغا كەلدى.
2شۇ چاغدا بەيت-ئەل شەھىرىدىكىلەر شېرېزەر ۋە رەگەم-مەلەكلەرنى پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات سوراشقا ئەۋەتكەنىدى.
3بەيت-ئەلدىكىلەر: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى كاھىنلاردىن، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرلەردىن: «ھەربىرىمىز كۆپ يىللاردىن بېرى قىلغىنىمىزدەك، بەشىنچى ئايدا ھەربىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ، يىغا-زارغا ئولتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سوراڭلار» دەپ تاپىلىغانىدى. ◼ 7:3 +bd «بەشىنچى ئايدا ھەربىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ، يىغا-زارغا ئولتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟»+bd* ــ «بەشىنچى ئاي»دىكى روزا تۇتۇش بولسا ئەسلىدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىغا ھەسرەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. بابىل ئىمپېرىيەسىنىڭ قوشۇنلىرى ئىبادەتخانىنى بەشىنچى ئاينىڭ 9-كۈنىدە ۋەيران قىلغانىدى، ئاندىن خەلقنى 70 يىل سۈرگۈن قىلىپ باشقۇرغان. مۇشۇ كىشىلەر: «ئىبادەتخانا ھازىر قايتىدىن قۇرۇلۇۋاتقان بولغاچقا، بۇ روزىنى تۇتۇۋېرىشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ ئويلىنىۋاتقانىدى.*
4پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
5«زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقان خەلققە ھەم كاھىنلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق سورىغىن: ــ «سىلەر مۇشۇ يەتمىش يىلدىن بېرى بەشىنچى ئاي ۋە يەتتىنچى ئايلاردا روزا تۇتۇپ يىغا-زار قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ماڭا، ھەقىقەتەن ماڭا روزا تۇتتۇڭلارمۇ؟ ◼ 7:5 +bd «سىلەر مۇشۇ يەتمىش يىلدىن بېرى بەشىنچى ئاي ۋە يەتتىنچى ئايلاردا روزا تۇتۇپ يىغا-زار قىلغىنىڭلاردا...»+bd* ــ «يەتتىنچى ئاي»دىكى روزا، ۋالىي گەدەلىيانىڭ قازا قىلىنغانلىقىنى ئەسلەش مەقسىتىدە تۇتۇلغان روزا بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ھەسرەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى (تەۋرات، «يەرەمىيا»، 40-41بابلار). بۇ بابىل ئىمپېرىيەسى پەلەستىننى ئىشغال قىلغان مەزگىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى پاجىئەلىك ۋەقە ئىدى.*
6يېگىنىڭلار، ئىچكىنىڭلار، بۇ پەقەت ئۆزۈڭلار ئۈچۈنلا يەپ-ئىچكىنىڭلاردىن ئىبارەت بولدى ئەمەسمۇ؟ ◼ 7:6 +bd «يېگىنىڭلار، ئىچكىنىڭلار، بۇ پەقەت ئۆزۈڭلار ئۈچۈنلا يەپ-ئىچكىنىڭلاردىن ئىبارەت بولدى ئەمەسمۇ؟ »+bd* ــ دېمەك، سىلەرنىڭ روزا تۇتۇشۇڭلار يەپ-ئىچىشىڭلارغا ئوخشاش، پەقەت ئۆزلىرىڭلا ئۈچۈندۇر. روزا تۇتۇشنىڭ مەقسىتى خۇدانى ئىزدەش ئەمەس، بەلكى «ئۆز-ئۆزىگە ئىچىنى ئاغرىتىش»تىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر ئىمكانىيىتى، بۇ ئايەتتىكى «يېمەك» ۋە «ئىچمەك» بەلكىم ھېيت-بايراملارنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئۇلاردىن: «مۇشۇ ھېيت-بايراملارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن تەبرىكلىدىڭلارمۇ، ياكى مەن ئۈچۈن تەبرىكلىدىڭلارمۇ؟» ــ دەپ سوراۋاتىدۇ.*
7بۇلار يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى ئاھالىلىك بولغان، تازا ئاۋاتلاشقان چاغلاردا، جەنۇبىي يەھۇدا ۋە تۆۋەن تۈزلەڭلىك ئاھالىلىك بولغان چاغلاردا، پەرۋەردىگار بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاكارلىغان سۆزلەر ئەمەسمۇ؟
8پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى زەكەرىياغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
9ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەقىقىي ئادالەتنى يۈرگۈزۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار،
10تۇل خوتۇن ۋە يېتىم-يېسىرلارنى، يات ئادەملەر ۋە نامراتلارنى بوزەك قىلماڭلار؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىغا كۆڭلىدە يامانلىق ئويلىمىسۇن. ◘ 7:10 مىس. 22:22*
11بىراق ئاتا-بوۋىلىرىڭلار* ئاڭلاشنى رەت قىلغان، ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، ئاڭلىماسقا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلغان؛ ◼ 7:11 +bd «ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار مۈرىسىنى جاھىل قىلىپ...».*
12ئۇلار تەۋرات قانۇنىنى ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھى بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن كۆڭلىنى ئالماستەك قاتتىق قىلغانىدى؛ شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن قاتتىق غەزەپ چۈشكەن؛
13شۇنداق بولدىكى، مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا ئۇلار ئاڭلاشنى رەت قىلغاندەك، ئۇلار چاقىرغاندا مەنمۇ ئاڭلاشنى رەت قىلدىم» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ◘ 7:13 پەند. 1:28؛ يەش. 1:15؛ يەر. 11:11؛ 14:12*