1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن يۈكلەنگەن بېشارەت ــ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق ئۈستىگە قونىدۇ (چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى ئادەملەر ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئۈستىدىدۇر)؛ ◼ 9:1 +bd «خادراك زېمىنى»+bd* ــ كونا تارىخنامىلەر بويىچە، «خادراك» دېگەن رايون دەمەشق شەھىرىگە يېقىن بولغان، بىراق دەل قايسى جاي ئىكەنلىكىنى ھازىر بىلمەيمىز. +bd «چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى ئادەملەر ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئۈستىدىدۇر»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرىنىڭ كۆزى پەرۋەردىگارغا قارايدۇ».*
2ئۇ بۇلارغا چېگرىداش بولغان خاماتقا، تۇر ۋە زىدون ئۈستىگىمۇ قونىدۇ. تۇر تولىمۇ «دانا» بولغاچقا، ◼ 9:2 +bd «ئۇ +bdit ، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ بېشارىتى+bdit* بۇلارغا چېگرىداش بولغان خاماتقا، تۇر ۋە زىدون ئۈستىگىمۇ قونىدۇ»+bd* ــ «بۈيۈك ئىسكەندەر» مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 332-يىلى جەنۇب تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ مۇشۇ يەرلەرنى بىر-بىرلەپ ئىگىلىۋالغان.*
3ئۆزى ئۈچۈن قورغان قۇرغان، كۈمۈشنى توپىدەك، ساپ ئالتۇننى كوچىلاردىكى پاتقاقتەك دۆۋىلەپ قويغان.
4مانا، رەب ئۇنى مال-دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ؛ ئۇ ئوت تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ. ◼ 9:4 +bd «مانا، رەب ئۇنى مال-دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ؛ ئۇ ئوت تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ»+bd* ــ بۇ ئايەتنى «بۈيۈك ئىسكەندەر» ئەمەلگە ئاشۇرغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 332-يىلى ئۇ تۇرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەن. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ).
5ئاشكېلون بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ؛ گازامۇ كۆرۈپ ئازابلىنىپ تولغىنىپ كېتىدۇ؛ ئەكرونمۇ شۇنداق، چۈنكى ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى توزۇپ كېتىدۇ؛ پادىشاھ گازادىن يوقاپ كېتىدۇ، ئاشكېلون ئادەمزاتسىز قالىدۇ.
6شۇنىڭ بىلەن ئاشدودتا ھارامدىن بولغان بىرسى تۇرىدۇ؛ مەن فىلىستىيلەرنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرىنى يوقىتىمەن. ◼ 9:6 +bd «شۇنىڭ بىلەن ئاشدودتا ھارامدىن بولغان بىرسى تۇرىدۇ؛ مەن فىلىستىيلەرنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرىنى يوقىتىمەن»+bd* ــ ئىسكەندەر تۇرنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن فىلىستىيەگە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. 5- ۋە 6-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان (ئاشكېلون، گازا، ئەكرون، ئاشدود) شەھەرلەر فىلىستىيەدىكى بەش چوڭ شەھەرنىڭ تۆتى. بۇ جەڭلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈچۈن «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
7مەن ئاغزىدىن قانلارنى، ئۇنىڭ ھارام يېگەن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىشلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ كېتىمەن؛ ئاندىن قېلىپ قالغانلار بولسا، ئۇلار خۇدايىمىزغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدادا يولباشچى بولىدۇ؛ ئەكروننىڭ ئورنى يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. ◼ 9:7 +bd «مەن ئاغزىدىن قانلارنى، ئۇنىڭ ھارام يېگەن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىشلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ كېتىمەن؛ ئاندىن قېلىپ قالغانلار بولسا، ئۇلار خۇدايىمىزغا تەۋە بولۇپ،...»+bd* ــ «خۇدايىمىزغا» دېگەن سۆزگە قارىغاندا مۇشۇ ئايەتلەردىكى سۆزلىگۈچى مەسىھنىڭ ئۆزى بولۇشى كېرەك. +bd «...ئەكروننىڭ ئورنى يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ»+bd* ــ تولۇق ئايەتنىڭ مەنىسى: (1) فىلىستىيلەر ئەمدى بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنىمۇ، گۆشىنىمۇ يېمەيدىغان بولىدۇ. (2) فىلىستىيلەر خۇداغا تەۋە بولۇپ يەھۇدا ئارىسىدا (يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەردەك) ھۆرمەتلىك مەرتىۋىگە ئىگە بولىدۇ (ھازىرقى «پەلەسىتىنلىكلەر» فىلىستىيلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇشى مۇمكىن). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.*
8مەن قوشۇن تۈپەيلىدىن، يەنى ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە قايتىپ كەلگۈچى تۈپەيلىدىن ئۆز ئۆيۈم ئەتراپىدا چېدىرىمنى تىكتۈرىمەن؛ ئەزگۈچى قايتىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆزىتىمەن. ◼ 9:8 +bd «مەن قوشۇن تۈپەيلىدىن، يەنى ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە قايتىپ كەلگۈچى تۈپەيلىدىن ئۆز ئۆيۈم ئەتراپىدا چېدىرىمنى تىكتۈرىمەن؛ ئەزگۈچى قايتىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆزىتىمەن»+bd* ــ «بۈيۈك ئىسكەندەر» زالىم بولغىنى بىلەن، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشقا ماڭغاندا («ئۆتۈپ كەتكەندە») ياكى مىسىرنى ئىشغال قىلىپ «قايتىپ كەلگەندە» (گەرچە يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا نۇرغۇنلىغان بايلىقلار بولسىمۇ)، يېرۇسالېمغا ھېچ ھۇجۇم قىلمىغان. بۇ تارىخنىڭ ئەڭ چوڭ سىرلىرىدىن بىرىدۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.*
9زور شادلان، ئى زىئون قىزى!
10شۇنىڭ بىلەن مەن جەڭ ھارۋىلىرىنى ئەفرائىمدىن،
11ئەمدى سېنى بولسا، ساڭا چۈشۈرۈلگەن ئەھدە قېنى تۈپەيلىدىن، مەن ئاراڭدىكى مەھبۇسلارنى سۇسىز ئورەكتىن ئازادلىققا چىقىرىمەن. ◼ 9:11 +bd «ئەمدى سېنى بولسا، ساڭا چۈشۈرۈلگەن ئەھدە قېنى تۈپەيلىدىن، مەن ئاراڭدىكى مەھبۇسلارنى سۇسىز ئورەكتىن ئازادلىققا چىقىرىمەن»+bd* ــ بۇ سىرلىق بېشارەتنىڭ ھەم روھىي ھەم جىسمانىي جەھەتلىرى بولۇشى كېرەك. ئىشىنىمىزكى، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىلەن تۈزگەن «يېڭى ئەھدە» يەھۇدىيلارنى، ئەللەرنىمۇ ھەرخىل «گۇناھ ئورىكى»دىن قۇتقۇزالايدۇ ھەم كەلگۈسىدىمۇ بۇنىڭ سەۋەبىدىن خۇدا يەھۇدىيلارنى ھەرخىل جىسمانىي قىينچىلىقلاردىنمۇ قۇتقۇزىدۇ.* ◘ 9:11 مات. 26:28؛ لۇقا 22:20؛ رىم. 9:3، 4؛ رىم. 11:25، 26، 27؛ 1كور. 11:25؛ ئىبر. 9:19، 20، .21*
12مۇستەھكەم جايغا قايتىپ كېلىڭلار، ئى ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى! بۈگۈن مەن جاكارلاپ ئېيتىمەنكى، تارتقان جازالىرىڭنىڭ ئەكسىنى ئىككى ھەسسىلەپ ساڭا قايتۇرىمەن. ◼ 9:12 +bd «مۇستەھكەم جايغا قايتىپ كېلىڭلار، ئى ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى!»+bd* ــ «ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى» بەلكىم بۇ تولىمۇ قىسقارتىلغان گەپ بولۇشى مۇمكىن، مەنىسى: ««خۇدانىڭ قالدىسى» خۇدانىڭ نۇرغۇن ۋەدىلىرى ئالدىدا ئۈمىدۋار بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكى، شۇنداقلا ئۈمىدسىزلىنىشى تۈپەيلىدىن گۇناھنىڭ مەھبۇسلىرى بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر «مۇستەھكەم جاي»ى خۇدانىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە.*
13چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن يەھۇدانى ئوقيادەك ئېگىلدۈردۈم، ئەفرائىمنى ئوق قىلىپ ئوقياغا سالدىم؛ مەن ئوغۇل بالىلىرىڭنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، ئى زىئون ــ ئۇلار سېنىڭ ئوغۇل بالىلىرىڭغا قارشى جەڭ قىلىدۇ، ئى گرېتسىيە! ئى زىئون، مەن سېنى پالۋاننىڭ قولىدىكى قىلىچتەك قىلىمەن.
14پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئوقى چاقماقتەك ئېتىلىپ ئۇچىدۇ. رەب پەرۋەردىگار كاناينى چالىدۇ؛ ئۇ جەنۇبتىكى دەھشەتلىك قارا قۇيۇنلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش قىلىدۇ. ◘ 9:14 ناھ. 2:6؛ يەش. 13:27؛ مات. 31:24؛ 1كور. 52:15، 1تېس. 16:4؛ ۋەھ. 7؛10، 15:11*
15ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مۇداپىئە بولىدۇ؛ ئۇلار سالغا تاشلىرىنى كۇكۇم قىلىپ، دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئىچىۋېلىپ، شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك قىيقاس-سۈرەن كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار قانغا* مىلەنگەن قۇربانگاھنىڭ بۈرجەكلىرىدەك، قانغا* تولدۇرۇلغان قاچىلاردەك بولىدۇ. ◼ 9:15 +bd «... ئۇلار (قانغا) مىلەنگەن قۇربانگاھنىڭ بۈرجەكلىرىدەك، قانغا تولدۇرۇلغان قاچىلاردەك بولىدۇ»+bd* ــ بۇ ئوخشىتىش ئىسرائىلنىڭ جەڭگە بولىدىغان زوق-كەيپىنىڭ شاراب ئىچكەن ئادەمنىڭكىدەك بولىدىغانلىقىنى ياكى دۈشمەنلەردىن تۆكۈلگەن قاننىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ. قۇربانگاھ ئۈستىدىكى قۇربانلىقلارنىڭ قانلىرىنى ئېلىشقا بىرنەچچە قاچىلارنى تەييارلاش كېرەك ئىدى، ئۇلار ئەلۋەتتە قان بىلەن لىق تولدۇرۇلاتتى ۋە قۇربانگاھنىڭ بۇرجەكلىرى قانغا مىلىنىپ كېتەتتى.
16شۇ كۈنى پەرۋەردىگار بولغان ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى ئۆزۈم باققان پادام بولغان خەلقىم دەپ بىلىپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار تاج گۆھەرلىرىدەك ئۇنىڭ زېمىنى ئۈستىدە كۆتۈرۈلىدۇ.