سامۇئىل «1» 1:1-27 UIGB2010 - Bible AI

1ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راماتائىم-زوفىمدا ئەلكاناھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئەفرائىملىق بولۇپ، يەروھامنىڭ ئوغلى، يەروھام ئېلىخۇنىڭ ئوغلى، ئېلىخۇ توخۇنىڭ ئوغلى، توخۇ زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى. ◘ 1:1 1تار. 6‏:11، 12*

2ئۇنىڭ ئىككى ئايالى بار ئىدى. بىرسىنىڭ ئىسمى ھانناھ، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى پەنىنناھ ئىدى. پەنىنناھنىڭ بالىلىرى بار ئىدى، لېكىن ھانناھنىڭ بالىسى يوق ئىدى.

3بۇ ئادەم ھەر يىلى ئۆز شەھىرىدىن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ قۇربانلىق سۇنغىلى شىلوھغا باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ خوفنىي ۋە فىنىھاس دېگەن ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولۇپ ئىشلەيتتى. ◘ 1:3 مىس. 23‏:14؛ قان. 16‏:16. *

4ھەر قېتىم ئەلكاناھ قۇربانلىق قىلغان كۈنىدە ئۇ قۇربانلىقتىن* ئايالى پەنىنناھ ۋە ئۇنىڭ ھەربىر ئوغۇل-قىزلىرىغا ئۆز ئۈلۈشىنى بېرەتتى.

5ئەمما ھانناھغا بولسا ئۇ ئىككى ھەسسىلىك ئۈلۈش بېرەتتى؛ چۈنكى ئۇ ھانناھنى تولىمۇ سۆيەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلغانىدى. ◼ 1:5 +bd «لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلغانىدى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بالىياتقۇسىنى ئېتىۋەتكەنىدى».*

6پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى تۇغماس قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ كۈندەش رەقىبى پەنىنناھ ھانناھنى* ئازابلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قېرىشاتتى.

7ۋە ھەر يىلى، ھانناھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىققاندا، پەنىنناھ* ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. پەنىنناھ شۇنداق قىلغاچقا، ئۇ يىغلاپ ھېچ نېمە يېمەيتتى. ◼ 1:7 +bd «ۋە ھەر يىلى، ھانناھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىققاندا، پەنىنناھ ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى»+bd* ــ نېمىشقا ئۇلار ھەر قېتىم «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىققاندا» شۇنداق بولىدۇ؟ ــ بىزنىڭچە ھەر قېتىم بىر ئىبرانىي ئائىلە خۇدانىڭ ئالدىغا شۇنداق كەلگەندە، ئۇلار بارلىق بالىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىشى مۇمكىم. شۇ چاغلاردا پەنىنناھ ھانناھقا «سەن بىر تۇغماس!» دەپ ئەسلىتەتتى.

8ئاخىرى ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئى ھانناھ، نېمىشقا يىغلايسەن؟ نېمىشقا بىرنەرسە يېمەيسەن؟ نېمىشقا كۆڭلۈڭ ئازار يەيدۇ؟ مەن ئۆزۈم ساڭا ئون ئوغۇلدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. ◘ 1:8 رۇت 4‏:15. *

9ئۇلار شىلوھدا يەپ-ئىچكەندىن كېيىن (ئەلى دېگەن كاھىن شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى) ھانناھ داستىخاندىن تۇردى؛

10ئۇ قاتتىق ئازاب ئىچىدە پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ زار-زار يىغلايتتى.

11ئۇ قەسەم ئىچىپ: ــ ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر دېدىكىڭنىڭ دەردىگە يېتىپ، مېنى ياد ئېتىپ دېدىكىڭنى ئۇنتۇماي، بەلكى دېدىكىڭگە بىر ئوغۇل بالا ئاتا قىلساڭ، ئۇنى پۈتۈن ئۆمرىنىڭ كۈنلىرىدە سەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلايمەن؛ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇستىرا ھېچقاچان سېلىنمايدۇ، دېدى. ◼ 1:11 +bd «ئۇنىڭ بېشىغا ئۇستىرا ھېچقاچان سېلىنمايدۇ»+bd* ــ تەۋرات دەۋرىدە بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ ئىبادىتىگە بېغىشلاش مەقسىتىدە ئۆزلىرىنى «نازارىي» دەپ ئاتايتتى؛ «نازارىي»لار (نازارىي بولۇشقا قەسەم ئىچىپ بېكىتىلگەن مۆھلەتتە) ھاراق ئىچمەيتتى، چاچلىرىنى ھېچ چۈشۈرمەيتتى. «چۆل.» 1:6-22نى كۆرۈڭ.* ◘ 1:11 ھاك. 13‏:5. *

12ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئاسىنى داۋام قىلىۋاتقاندا، ئەلى ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇردى؛

13چۈنكى ھانناھ دۇئانى ئىچىدە قىلغاچقا لەۋلىرى مىدىرلاۋاتقىنى بىلەن ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. شۇڭا ئەلى ئۇنى مەست بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدى.

14ئەلى ئۇنىڭغا: ــ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابىڭنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىل، دېدى.

15لېكىن ھانناھ جاۋابەن: ــ ئۇنداق ئەمەس، ئى غوجام! كۆڭلى سۇنۇق بىر مەزلۇممەن. مەن شارابمۇ، ھاراقمۇ ئىچمىدىم، بەلكى جېنىم دەردىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۆكتۈم؛ ◘ 1:15 زەب. 62‏:8؛ 142‏:2*

16دېدەكلىرىنى يامان خوتۇن دەپ بىلمىگەيلا. چۈنكى مېنىڭ زور دەردىم ۋە ئازابلىرىمدىن بۇ كۈنگىچە شۇنداق نىدا قىلىۋاتىمەن، دېدى. ◼ 1:16 +bd «دېدەكلىرىنى يامان خوتۇن دەپ بىلمىگەيلا...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دېدەكلىرىنى «بېلىئالنىڭ قىزى» دەپ بىلمىگەيلا» دېيىلىدۇ. «بېلىئال»نىڭ مەنىسى «ئەرزىمەس» دېگەنلىك بولۇپ، بەلكىم ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ.*

17ئەلى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ تىنچ-ئامان قايتقىن؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۆزىدىن تىلىگەن ئىلتىجايىڭنى ئىجابەت قىلغاي، دېدى.

18ھانناھ: ــ دېدەكلىرى كۆز ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپقاي، دېدى. ئۇ شۇلارنى دەپ چىقىپ، غىزا يېدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چىرايىدا ئىلگىرىكىدەك غەمكىنلىك كۆرۈنمىدى.

19ئۇلار ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەجدە قىلىپ بولۇپ، راماھدىكى ئۆيىگە يېنىپ كەلدى. ئەلكاناھ ئايالى ھانناھغا يېقىنچىلىق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى ئەسلىگەنىدى.

20ھانناھ ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقتى-سائىتى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «مەن ئۇنى پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالدىم» دەپ، ئىسمىنى سامۇئىل قويدى. ◼ 1:20 +bd ««مەن ئۇنى پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالدىم» دەپ، ئىسمىنى سامۇئىل قويدى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سامۇئىل» دېگەننىڭ مەنىسى «خۇدا ئاڭلىدى» ياكى «خۇدادىن تىلىگەن» دېگەنگە يېقىن كېلىدۇ.*

21ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۆيىدىكى ھەممىسى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىدىغان ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ۋە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شىلوھغا چىقتى.

22لېكىن ھانناھ بىللە بارماي ئېرىگە: ــ بالا ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن مەن ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئېلىپ بارىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، دېدى.

23ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭگە نېمە ياخشى كۆرۈنسە، شۇنى قىلغىن. ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىغۇچە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار ئۆز سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلغاي، دېدى. ئايالى ئۆيدە قېلىپ بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغۇچە ئېمىتتى.

24بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۇنى ئېلىپ، شۇنداقلا ئۈچ بۇقا، بىر ئەفاھ ئۇن ۋە بىر تۇلۇم شارابنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھدىكى ئۆيىگە ئاپاردى. بالا بولسا تېخى كىچىك ئىدى. ◼ 1:24 +bd «بىر ئەفاھ ئۇن»+bd* ــ «ئەفاھ» ئاشلىق-دانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى ئىدى، تەخمىنەن 27 لىتر. بۇقا قۇربانلىق قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئۇندىن «قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى» قىلىنىشىمۇ كېرەك ئىدى.* ◘ 1:24 لۇقا 2‏:41. *

25ئۇلار بىر بۇقىنى سويۇپ بالىنى ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. ◼ 1:25 +bd «ئۇلار بىر بۇقىنى سويۇپ بالىنى ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى»+bd* ــ قالغان ئىككى بۇقا بەلكىم ئېلىغا سامۇئىلنى بېقىش ئۈچۈن بەرگەن «بېقىش ھەققى» بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىر ئېھتىماللىق باركى، 24-ئايەتنىڭ مەنىسى: «...ئۈچ بۇقا» ئەمەس، بەلكى «....ئۈچ ياشلىق بىر بۇقا» بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ ئايەتنى شۇنداق چۈشەنگەن ئالىملار ئاز.*

26شۇنىڭ بىلەن ھانناھ ئۇنىڭغا*: ــ ئى غوجام، ئۆزلىرىدە ھايات راست بولغىنىدەك، بۇ يەردە سىلىنىڭ قاشلىرىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا نىدا قىلغان مەزلۇم مەن بولىمەن، دېدى.

27مەن مۇشۇ ئوغۇل بالا ئۈچۈن دۇئا قىلدىم ۋە مانا، پەرۋەردىگار مېنىڭ تىلىگەن ئىلتىجايىمنى ئىجابەت قىلدى.

e>