1ئەمدى سامۇئىل سائۇلغا: ــ پەرۋەردىگار سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ بولۇش ئۈچۈن مەسىھ قىلغىلى مېنى ئەۋەتكەنىدى؛ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن.
2ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئامالەكلەرنىڭ ئىسرائىلغا قىلغان مۇئامىلىسىنى، يەنى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا ئۇلارنىڭ يولدا ئۇلارغا قانداق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆڭلۈمگە پۈككەنمەن. ◘ 15:2 مىس. 17:8، 14؛ قان. 25:17*
3ئەمدى بېرىپ ئامالەكلەرنى ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىپ ئۇلارنى ھېچ ئايىمايلا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ئۆسمۈر بولسۇن، بوۋاق بولسۇن، كالا-قوي، تۆگە ۋە ئىشەك ھەممىسىنى يوقاتقىن، دېدى.
4سائۇل خەلقنى جەم قىلىپ ئۇلارنى تەلائىم شەھىرىدە سانىۋىدى، ئىككى يۈز مىڭ پىيادە ئەسكەر، يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئادەم چىقتى.
5سائۇل ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىگە كەلگەندە شۇ يەردىكى ۋادىدا بۆكتۈرمە قويدى. ◼ 15:5 +bd «ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىگە»+bd* ــ ياكى «ئامالەكلەرنىڭ شەھەرلىرىگە».*
6ئاندىن سائۇل كېنىيلەرگە: ــ چىقىپ كېتىڭلار، سىلەرنى ئۇلار بىلەن قوشۇپ يوقاتماسلىقىم ئۈچۈن ئامالەكلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا سىلەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنسىلەر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كېنىيلەر ئامالەكلەردىن چىقىپ كەتتى. ◘ 15:6 مىس. 18:10، 19؛ چۆل. 10:29؛ ھاك. 1:16*
7ئەمدى سائۇل ئامالەكلەرنى ھاۋىلاھدىن تارتىپ مىسىرنىڭ ئۇدۇلىدىكى شۇرغىچە قوغلاپ ئۇردى.
8ئۇ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتتى، ئەمما بارلىق خەلقنى قىلىچ بىسى بىلەن پۈتۈنلەي يوقاتتى. ◘ 15:8 چۆل. 24:7*
9لېكىن سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگنى ئايىدى ۋە قوي-كالا، بوردالغان مال ۋە قوزىلاردىن ئەڭ ئېسىللەرنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن نېمە ياخشى بولسا شۇنى ئاياپ ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا قولى بارمىدى؛ لېكىن نېمە يارىماس ۋە زەئىپ بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار يوقاتتى. ◼ 15:9 +bd «سائۇل بىلەن خەلق ... قوي-كالا، بوردالغان مال ۋە قوزىلاردىن ئەڭ ئېسىللەرنىڭ ھەممىسىنى ...ھالاك قىلىشقا قولى بارمىدى»+bd* ــ «بوردالغان مال» دېگەننىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئىككىنچى تۇغۇلغان مال».*
10شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سامۇئىلغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ ◼ 15:10 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سامۇئىلغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە...»+bd* ــ ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سامۇئىلغا كېلىپ مۇنداق دېدى» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. تاۋراتتا بىر يۈزدىن ئارتۇق قېتىممۇ «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى پالانچى ئادەمگە كېلىپ مۇنداق دېدى» دېگەن ئىبارە تېپىلىدۇ. ئنىققى، «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى» بىر شەخسگە ئوخشايدۇ.«يار.» 8:3 «ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئاۋازىنىڭ باغدا ماڭغانلىقىنى ئاڭلاپ كېلىپ....» دېگەنلىكتىمۇ «پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئاۋازى» بىر شەخسنى كۆرسىتىدۇ. شۈبھىسىزكى بۇ شەخس «ئۈچتە بىر»دىكى ئىككىنچى شەخنسدۇر.*
11«سائۇلنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم، چۈنكى ئۇ ماڭا ئەگىشىشتىن يېنىپ مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلمىدى».
12ئەتىسى سامۇئىل سائۇلنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن تاڭ سەھەردىلا ئورنىدىن تۇردى. سامۇئىلغا: ــ سائۇل كارمەلگە باردى ۋە مانا، ئۇ ئۆزىگە بىر ئابىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن يېنىپ گىلگالغا چۈشۈپتۇ، دېگەن خەۋەر بېرىلدى.
13سامۇئىل سائۇلنىڭ قېشىغا كەلگەندە سائۇل ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار سېنى مۇبارەكلىگەي! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلدىم، دېدى.
14لېكىن سامۇئىل: ــ ئۇنداق بولسا قۇلىقىمغا ئاڭلانغان قوينىڭ مەرىشى بىلەن مەن ئاڭلاۋاتقان كالىنىڭ مۆرىشى زادى نەدىن كەلدى؟ ــ دېدى.
15سائۇل جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار ئامالەكلەردىن ئېلىپ كېلىندى؛ چۈنكى خەلق خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن قوي-كالىنىڭ ئېسىللىرىنى ئاياپ قالدۇرۇپ قويدى؛ قالغىنىنى بولسا پۈتۈنلەي يوقاتتۇق، دېدى.
16سامۇئىل سائۇلغا: ــ قوي، بۇ گېپىڭنى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ كېچە ماڭا نېمە دېگىنىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي، دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئېيتقىن، دېدى.
17سامۇئىل مۇنداق دېدى: ــ ئۆز نەزىرىڭدە كىچىك ھېسابلانغان ۋاقتىڭدىلا پەرۋەردىگار سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولسۇن دەپ، مەسىھ قىلىشى بىلەن سەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بېشى بولغان ئەمەسمىدىڭ؟
18ئاندىن پەرۋەردىگار سېنى: ــ سەن بېرىپ گۇناھكار ئامالەكلەرنى ھالاك قىلغىن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ئۇلار بىلەن سوقۇشقىن، دەپ ئەۋەتكەنىدى.
19ئەمدى نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، بەلكى ئولجا ئۈستىگە دۈم چۈشۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغاننى قىلدىڭ؟
20سائۇل سامۇئىلغا: ــ مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدىمغۇ! پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتكەن يول بىلەن ماڭدىم ۋە ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى ئېلىپ كېلىپ ئامالەكلەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم.
21ئەمما خەلق بولسا ئولجىدىن قوي بىلەن كالا، يەنى يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا گىلگالدا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى، دېدى.
22سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈشتىن سۆيۈنەمدۇ، يا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن سۆيۈنەمدۇ؟ مانا ئىتائەت قىلماقلىق قۇربانلىق قىلماقلىقتىن ئەۋزەل، كۆڭۈل قويۇش قوچقار يېغىنى سۇنۇشتىن ئەۋزەلدۇر. ◘ 15:22 توپ. 4:17؛ ھوش. 6:6؛ مات. 9:13؛ 12:7*
23چۈنكى ئاسىيلىق بولسا جادۇگەرلىك گۇناھى بىلەن ئوخشاشتۇر،
24سائۇل سامۇئىلغا: ــ مەن گۇناھ سادىر قىلدىم، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدىن ۋە سېنىڭ سۆزۈڭدىنمۇ چىقتىم؛ چۈنكى مەن خەلقتىن قورقۇپ ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىردىم.
25ئەمدى گۇناھىمنى ئەپۇ قىلغىن؛ مېنىڭ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىشىم ئۈچۈن مېنىڭ بىلەن قايتىپ بارغىن، دېدى.
26سامۇئىل سائۇلغا: ــ مەن سېنىڭ بىلەن قايتىپ بارمايمەن؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تاشلىغانسەن، ۋە پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ پادىشاھلىقتىن مەھرۇم قىلدى، دېدى.
27سامۇئىل كېتىشكە بۇرۇلغىنىدا سائۇل ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇتۇۋالدى، ئۇ يىرتىلىپ كەتتى.
28سامۇئىل ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى سەندىن يىرتىپ ئېلىپ سەندىن ئەۋزەل بولغان بىر يېقىنىڭغا تاپشۇردى.
29ئىسرائىلنىڭ جانابىي ئالىيىسى بولغۇچى يالغان سۆزلىمەيدۇ ياكى نىيىتىدىن يانمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئادەم بالىسىدەك نىيىتىدىن يانغۇچى ئەمەستۇر، دېدى. ◼ 15:29 +bd «ئىسرائىلنىڭ جانابىي ئالىيىسى بولغۇچى»+bd* ــ خۇدانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 15:29 چۆل. 23:19؛ ياق. 1:17*
30سائۇل: ــ مەن گۇناھ سادىر قىلدىم. لېكىن خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ماڭا ئىززەت قىلىپ مېنىڭ بىلەن يېنىپ بارغىن؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلالايمەن، دېدى.
31شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل سائۇل بىلەن يېنىپ باردى ۋە سائۇل پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.
32ئاندىن سامۇئىل: ــ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئاگاگ بولسا خۇشلۇق بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا باردى. ئاگاگ كۆڭلىدە: ــ شۈبھىسىزكى، ئۆلۈم دەھشىتى ئۆتۈپ كەتتى، دېدى. ◼ 15:32 +bd «... ئاگاگ بولسا خۇشلۇق بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا باردى. ئاگاگ كۆڭلىدە: ــ شۈبھىسىزكى، ئۆلۈم دەھشىتى ئۆتۈپ كەتتى، دېدى»+bd* ــ بۇ ئايەتنى ئىبرانىي تىلىدا چۈشىنىش تەس. باشقا بىر تەرجىمىسى: «... ئاگاگ بولسا تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ قېشىغا باردى. ئاگاگ: ــ دەرۋەقە ئۆلۈمنىڭ ئاچچىقى قورقۇنچلۇقتۇر! ــ دېدى».*
33ئەمما سامۇئىل: ــ سېنىڭ قىلىچىڭ خوتۇنلارنى بالىسىز قىلغاندەك سېنىڭ ئاناڭمۇ خوتۇنلارنىڭ ئارىسىدا بالىسىز بولىدۇ، دېۋىدى، سامۇئىل ئاگاگنى گىلگالدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چاناپ پارە-پارە قىلدى.
34ئاندىن سامۇئىل راماھقا باردى. سائۇل بولسا «سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھ» دېگەن جايدىكى ئۆيىگە چىقىپ كەتتى.