1ھانناھ دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2پەرۋەردىگاردەك مۇقەددەس بولغۇچى يوقتۇر؛
3ئى ئىنسانلار، كىبىرلىك سۆزلىرىڭلارنى كۆپەيتىۋەرمەڭلار،
4پالۋانلارنىڭ ئوق-يالىرى سۇندۇرىلدى؛
5قورسىقى توق بولغانلار نان تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنى ياللانمىلىققا بەردى؛
6پەرۋەردىگار ھەم ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ھايات بېرىدۇ؛
7پەرۋەردىگار ئادەمنى ھەم نامرات قىلىۋېتىدۇ، ھەم باي قىلىدۇ؛
8ئۇ ئۆزى مىسكىننى توپىدىن قوپۇرىدۇ،
9ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ پۇتلىرىنى ئۇ مەزمۇت قىلىدۇ؛
10پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقانلار پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇ؛
11ئەلكاناھ بولسا راماھدىكى ئۆز ئۆيىگە يېنىپ باردى. بالا بولسا ئەلىنىڭ قېشىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ قالدى.
12ئەمما ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئىنتايىن يامان كىشىلەردىن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى. ◼ 2:12 +bd «...ئىنتايىن يامان كىشىلەردىن بولۇپ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بېلىئالنىڭ (ئىبلىسنىڭ) ئوغۇللىرىدىن بولۇپ» دېيىلىدۇ. «بېلىئال»نىڭ مەنىسى «ئەرزىمەس»، بەلكىم شەيتاننى كۆرسىتىدۇ.*
13كاھىنلارنىڭ خەلقلەرگە مۇنداق ئادىتى بولغان: ــ بىرسى قۇربانلىق قىلىپ، گۆش قايناپ پىشىۋاتقاندا كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ ئۈچ تىللىق چاڭگاكنى قولىدا تۇتۇپ
14داش، قازان، داڭقان ياكى كورىنىڭ ئىچىگە سانجىپ، چاڭگاكقا نېمە ئېلىنغان بولسا كاھىن شۇنى ئۆزىگە ئالاتتى. ئۇلارنىڭ شىلوھغا قۇربانلىق قىلغىلى* كەلگەن ھەممە ئىسرائىللارغا شۇنداق ئادىتى بولغان. ◼ 2:14 +bd «ئۇلارنىڭ شىلوھغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلگەن ھەممە ئىسرائىللارغا شۇنداق ئادىتى بولغان»+bd* ــ مۇشۇ خىل قۇربانلىقلار، شۈبھىسىزكى، «تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى» ياكى «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى» ئىدى. كاھىنلارنىڭ مۇشۇ ئادىتى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇننىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغان ئەمەس. كاھىنلارنىڭ «ھوقۇق ئۈلۈشى» بولسا «لاۋ.» 11:7-18، 28-34-ئايەتلەردە كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئاچكۆزلۈكىدىن بۇ ئادەتنى تولىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنىدى. كېيىنكى ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.*
15شۇنداقلا ھەتتا ياغنى كۆيدۈرمەستە كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ قۇربانلىق قىلىۋاتقان ئادەمگە: ــ كاھىنغا كاۋاپ ئۈچۈن گۆش بەرگىن، چۈنكى ئۇ سەندىن قايناپ پىشقان گۆش قوبۇل قىلمايدۇ، بەلكى خام گۆش لازىم، دەيتتى.
16ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ــ ئاۋۋال يېغى كۆيدۈرۈلۈپ بولسۇن، ئاندىن نېمىنى خالىساڭ شۇنى ئالغىن، دېسە، ئۇ: ــ بولمايدۇ، ماڭا دەرھال بەر! بولمىسا مەجبۇرىي ئالىمەن، دەيتتى؛ ◼ 2:16 +bd «ئاۋۋال يېغى كۆيدۈرۈلۈپ بولسۇن، ئاندىن نېمىنى خالىساڭ شۇنى ئالغىن»+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە قۇربانلىقلاردىكى بارلىق ياغلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرۈلەتتى. ئادەمنىڭ ئۇنى يېيىشى مەنئى قىلىناتتى.*
17شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ياشنىڭ گۇناھى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئېغىر بولغانىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن خەق پەرۋەردىگارغا ئاتىغان قۇربانلىقلار كۆزگە ئىلىنمايۋاتاتتى.
18ئەمما سامۇئىل نارەسىدە بالا بولۇپ كاناپتىن توقۇلغان بىر ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى. ◼ 2:18 +bd «سامۇئىل نارەسىدە بالا بولۇپ كاناپتىن توقۇلغان بىر ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى»+bd* ــ «ئەفود» دېگەن نېمە؟ خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇن بويىچە، باش كاھىن كىيدىغان بىر ئالاھىدە كالتە چاپان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى خىل تاش ئارقىلىق خۇدادىن يول سورىغىلى بولاتتى. سامۇئىل لاۋىي قەبىلىسىدىن بولمىسىمۇ، بۇ ئايەتكە قارىغاندا «كاھىنلىق كىيىم» كىيىپ، كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتاتتى.*
19بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئانىسى ھەر يىلدا ئۇنىڭغا بىر كىچىك تون تىكىپ، ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ئېرى بىلەن بارغاندا ئالغاچ كېلەتتى.
20ئەلى ئەلكاناھ ۋە ئايالىغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ «ئايالىڭنىڭ پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغىنىنىڭ ئورنىغا ساڭا ئۇنىڭدىن باشقا نەسىل بەرگەي، دېدى. ئاندىن بۇ ئىككىسى ئۆز ئۆيىگە ياندى.
21شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھانناھنى يوقلاپ بەرىكەتلەپ، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئوغۇل ۋە ئىككى قىز تۇغدى. كىچىك سامۇئىل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆسۈۋاتاتتى. ◼ 2:21 +bd «...يوقلاپ بەرىكەتلەپ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «يوقلاپ» دېيىلىدۇ. خۇدانىڭ «يوقلىشى» توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.*
22ئەلى بەك قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلغا ھەممە قىلغانلىرىنى ئاڭلىدى ھەم جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن ياتقىنىنىمۇ ئاڭلىدى. ◼ 2:22 +bd «جامائەت چېدىرى»+bd* ــ يەنى «ئىبادەت چېدىرى» ياكى «مۇقەددەس چېدىر».*
23ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ چۈنكى بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىدىن سىلەرنىڭ يامانلىقىڭلارنى ئاڭلاۋاتىمەن، دېدى.
24بولمايدۇ، ئى ئوغۇللىرىم! مەن ئاڭلىغان بۇ خەۋەر ياخشى ئەمەس، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئازدۇرۇپسىلەر. ◼ 2:24 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئازدۇرۇپسىلەر»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئارىسىدا تارقالغان خەۋەر ياخشى ئەمەس».*
25ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە گۇناھ قىلسا، باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن رەھىم سورىسا بولىدۇ؛ لېكىن ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلسا، كىم ئۇنىڭ گۇناھىنى تىلىيەلەيدۇ؟ ــ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغانىدى.
26ئەمما سامۇئىل دېگەن بالا ئۆسۈۋاتاتتى، پەرۋەردىگار ھەم ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقانىدى. ◘ 2:26 لۇقا 2:52. *
27خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئەلىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مىسىردا، پىرەۋننىڭكىدە تۇرغاندا ئۆزۈمنى ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئوچۇق ئايان قىلمىدىممۇ؟ ◘ 2:27 روس. 7:25. *
28مەن ئۇنى كاھىنىم بولۇش، ئۆز قۇربانگاھىمدا قۇربانلىق قىلىش، خۇشبۇي يېقىش ۋە مېنىڭ ئالدىمدا ئەفود تونىنى كېيىپ خىزمەت قىلىشقا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن تاللىمىغانىدىممۇ؟ شۇنىڭدەك مەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتا كۆيدۈرىدىغان ھەممە قۇربانلىقلىرىنى ئاتاڭغا تاپشۇرۇپ تەقدىم قىلغان ئەمەسمۇ؟ ◼ 2:28 +bd «... مەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتا كۆيدۈرىدىغان ھەممە قۇربانلىقلىرىنى ئاتاڭغا تاپشۇرۇپ تەقدىم قىلغان ئەمەسمۇ؟»+bd* ــ تەۋراتقا ئاساسەن، كاھىنلارنىڭ ھەرقانداق قۇربانلىقلاردىن ئۆزىگە خاس بىر ئۈلۈشنى ئېلىش ھوقۇقى بار ئىدى.* ◘ 2:28 لاۋ. 10:14. *
29نېمىشقا مەن بۇيرۇغان، تۇرالغۇ جايىمدىكى قۇربانلىقىم بىلەن ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى دەپسەندە قىلىسىلەر؟ نېمىشقا خەلقىم ئىسرائىللار كەلتۈرگەن ھەممە ھەدىيەلەرنىڭ ئېسىلىدىن ئۆزلىرىڭلارنى سەمرىتىپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى مېنىڭكىدىن ئۈستۈن قىلىسەن؟» ◘ 2:29 قان. 32:15. *
30ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەرھەقىقەت سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر مېنىڭ ئالدىمدا خىزمىتىمدە مەڭگۈ ماڭىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىم؛ لېكىن ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى دەيمەنكى، بۇ ئىش ھازىر مەندىن نېرى بولسۇن! مېنى ھۆرمەت قىلغانلارنى مەن ھۆرمەت قىلىمەن، لېكىن مېنى كەمسىتكەنلەر پەس قارىلىدۇ. ◘ 2:30 مىس. 28:43؛ 29:9. *
31مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سېنىڭ بىلىكىڭنى ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىنىڭ بىلىكىنى تەڭ كېسىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن جەمەتىڭدە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ! ◼ 2:31 +bd «... سېنىڭ بىلىكىڭنى ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىنىڭ بىلىكىنى تەڭ كېسىۋېتىمەن»+bd* ــ «ئادەمنىڭ بىلىكى» ئۇنىڭ كۈچى، قابىلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى بىلدۈرەتتى.*
32سەن تۇرالغۇ جايىمدا دەرد-قايغۇ كۆرىسەن؛ ئىسرائىللار ھەرقانداق ھۇزۇر-بەختنى كۆرگىنى بىلەن، سېنىڭ جەمەتىڭدە ئەبەدگىچە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ. ◼ 2:32 +bd «سەن تۇرالغۇ جايىمدا دەرد-قايغۇ كۆرىسەن»+bd* ــ ياكى «سەن تۇرالغۇ جايىمدا دۈشمەن كۆرىسەن». +bd «سېنىڭ جەمەتىڭدە ئەبەدگىچە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ»+bd* ــ بۇ بېشارەت تۆۋەندىكى بابلاردا ئېچىلىدۇ. ئەلى ئۆزى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرىدۇ؛ بىراق كېيىنكى كۈنلەردە، يەنى داۋۇت پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدىكى بەخت-بەرىكەتنى ئۇ كۆرمەيدۇ (ئەلىنىڭ جەمەتىنىڭ كېيىنكى تارىخى 22-باب، 1-22، «1پاد.» 26:2-27دە كۆرۈلىدۇ).*
33ۋە مەن قۇربانگاھىمنىڭ خىزمىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىمىغان ئادىمىڭ بار بولسا، ئۇ كۆزلىرىڭنىڭ خىرەلىشىشى بىلەن جېنىڭنىڭ ئازابلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. جەمەتىڭدە تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بالاغەتتىن ئۆتمەي ئۆلىدۇ. ◼ 2:33 +bd «كۆزلىرىڭنىڭ خىرەلىشىشى»+bd* ــ بۇ ئىبارە ئادەتتە كۆز ياشلىرىنىڭ كۆپ تۆكۈلگەنلىكىدىن ياكى زور غەمكىنلىكتىن بولغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.*
34ساڭا بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاشقا، ئىككى ئوغلۇڭ خوفنىي بىلەن فىنىھاسنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان مۇنداق بىر ئالامەت بېشارەت بولىدۇ: ــ ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بىر كۈندە ئۆلىدۇ.
35ئەمما ئۆزۈمگە روھىم ۋە دىلىمدىكى نىيىتىم بويىچە ئىش كۆرىدىغان سادىق بىر كاھىننى تىكلەيمەن؛ مەن ئۇنىڭغا مەزمۇت بىر جەمەت قۇرىمەن؛ ئۇ مېنىڭ مەسىھ قىلغىنىمنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ مېڭىپ خىزمەت قىلىدۇ. ◼ 2:35 +bd «...مېنىڭ مەسىھ قىلغىنىمنىڭ ئالدىدا»+bd* ــ مېنىڭ پادىشاھىمنىڭ ئالدىدا، دېمەكچى. بىزنىڭچە بۇ بېشارەت ئاۋۋال سامۇئىلنىڭ ئۆزىدە ئاندىن كاھىن زادوكنىڭ جەمەتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. +bd «مەڭگۈ مېڭىپ خىزمەت قىلىدۇ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق كۈنلەردە مېڭىپ خىزمەت قىلىدۇ».*