1داۋۇت ئەمدى نوبقا كېلىپ ئاخىمەلەك كاھىننىڭ قېشىغا باردى.
2لېكىن ئاخىمەلەك داۋۇتنى كۆرگەندە تىترەپ قورقۇپ ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا بىرىمۇ سەن بىلەن كەلمەي يالغۇز كەلدىڭ؟ ــ دېدى.
3داۋۇت ئاخىمەلەك كاھىنغا: ــ پادىشاھ ماڭا مەلۇم بىر ئىشنى بۇيرۇپ: ــ مەن ساڭا بۇيرۇغان ئىش ياكى ساڭا تاپىلغان يوليورۇق توغرىسىدىن ھېچكىم بىرنېمە بىلمىسۇن، دېگەنىدى. ئۆز غۇلاملىرىمنى بولسا مەلۇم بىر جايغا بېرىشقا بېكىتىپ قويدۇم.
4ئەمدى قولۇڭدا نېمە بار؟ بەش نان، ياكى نېمە بولسا، شۇنى ماڭا بەرگىن، دېدى.
5كاھىن داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ: ــ قولۇمدا ئادەتتىكى نان يوق، پەقەت مۇقەددەس نان بار. ئەگەر غۇلاملار ئاياللارغا يېقىنلاشمىغان بولسا يېسە راۋا بولىدۇ، دېدى.
6داۋۇت كاھىنغا جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، مەن باشقا ۋاقىتلاردا چىققىنىمغا ئوخشاش، ئاياللار بىزدىن يىراق بولغىلى ئۈچ كۈن بولدى. مەن ھەرقېتىم* چىققاندا، گەرچە ئادەتتىكى سەپەر بولسىمۇ، غۇلاملارنىڭ قاچىلىرى پاك بولىدىغان يەردە، بۈگۈن ئۇلار ۋە قاچىلىرى تېخىمۇ پاك بولمامدۇ، دېدى. ◼ 21:6 +bd «...گەرچە ئادەتتىكى سەپەر بولسىمۇ، غۇلاملارنىڭ قاچىلىرى پاك بولىدىغان يەردە، بۈگۈن ئۇلار ۋە قاچىلىرى تېخىمۇ پاك بولمامدۇ»+bd* ــ باشقا نەچچە تەرجىمىسى ئۇچرىشى مۇمكىن.*
7شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئۇنىڭغا مۇقەددەس ناندىن بەردى، چۈنكى بۇ يەردە «تەقدىم نان»دىن باشقا ھېچقانداق نان يوق ئىدى. بۇ نان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يېڭى ئىسسىق نان قويۇلغان كۈنى ئالماشتۇرۇلغان نانلار ئىدى ◼ 21:7 +bd «چۈنكى بۇ يەردە «تەقدىم نان»دىن باشقا ھېچقانداق نان يوق ئىدى»+bd* ــ «تەقدىم نان»: ــ ياكى «(خۇدانىڭ) ھۇزۇرى نېنى»، ياكى «تىزىلغان نان». «مىس.» 25- ۋە 35-بابنى كۆرۈڭ.* ◘ 21:7 مات. 12:3؛ مار. 2:25؛ لۇقا 6:3*
8(لېكىن ئۇ كۈنى سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن مەلۇم بىرسى ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قالدۇرۇلغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمى دوئەگ بولۇپ سائۇلنىڭ پادىچىلىرىنىڭ چوڭى ئىدى).
9داۋۇت ئاخىمەلەككە: ــ قولۇڭدا نەيزە ياكى قىلىچ يوقمۇ؟ پادىشاھ تاپشۇرغان ئىش جىددىي بولغاچ ياكى قىلىچ ياكى باشقا ياراغلىرىمنى ئېلىپ كېلەلمىدىم، دېدى.
10كاھىن: ــ سەن ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىي گولىئاتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە بار، ئۇ ئەفودنىڭ كەينىدە، بىر پارچە رەختكە ئوراقلىق ھالدا تۇرىدۇ. خالىساڭ ئالغىن، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوق، دېدى. داۋۇت: ــ بۇ تەڭدىشى يوق قىلىچتۇر، شۇنى ماڭا بەرگىن، دېدى.
11داۋۇت ئۇ كۈنى قوپۇپ سائۇلدىن قېچىپ گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى.
12لېكىن ئاقىشنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ بۇ زېمىننىڭ پادىشاھى داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ توغرىسىدا قىز-ئاياللار بىر-بىرىگە: ــ
13داۋۇت بۇ سۆزلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشتىن بەك قورقتى.
14شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ قولىدا تۇرغان ۋاقتىدا ئۆزىنى ساراڭدەك كۆرسەتتى؛ ئۇ دەرۋازىلارنىڭ ئىشىكلىرىگە جىجىپ، تۈكۈرۈكىنى ساقىلىغا ئاقتۇراتتى.
15ئاقىش خىزمەتكارلىرىغا: ــ مانا بۇ ئادەمنىڭ ساراڭلىقىنى كۆرمەمسىلەر؟ ئۇنى نېمىشقا مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلدىڭلار؟