سامۇئىل «1» 23:1-28 UIGB2010 - Bible AI

1بىرسى داۋۇتقا خەۋەر بېرىپ: ــ مانا فىلىستىيلەر كېئىلاھغا ھۇجۇم قىلىپ خامانلارنى بۇلاپ-تالىماقتا، دېدى.

2داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: ــ مەن بېرىپ بۇ فىلىستىيلەرگە زەربە بېرىمەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار داۋۇتقا: ــ بېرىپ فىلىستىيلەرگە زەربە بېرىپ كېئىلاھنى ئازاد قىلغىن، دېدى.

3لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپمۇ قورقۇۋاتقان يەردە، كېئىلاھغا بېرىپ فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلساق قانداق بولار؟ ــ دېدى.

4شۇڭا داۋۇت يەنە بىر قېتىم پەرۋەردىگاردىن سورىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كېئىلاھغا بارغىن؛ چۈنكى مەن فىلىستىيلەرنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، دېدى.

5بۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن كېئىلاھغا بېرىپ فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشۇپ، ماللىرىنى ئولجا قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق قىردى. داۋۇت شۇنداق قىلىپ كېئىلاھدا تۇرۇۋاتقانلارنى قۇتقۇزدى.

6ئەمدى ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئابىياتار كېئىلاھغا قېچىپ كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ قولىدا ئەفود بار ئىدى. ◘ 23:6 1سام. 22‏:20*

7بىرسى سائۇلغا، داۋۇت كېئىلاھغا كەپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. سائۇل: ــ ئەمدى خۇدا ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاشلاپ تاپشۇردى. چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرى ۋە تاقاقلىرى بار شەھەرگە كىرگەچكە سولىنىپ قالدى، دېدى.

8ئەمدى سائۇل داۋۇت بىلەن ئادەملىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۈچۈن ھەممە خەلقنى كېئىلاھغا بېرىپ جەڭ قىلىشقا چاقىردى.

9داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئابىياتار كاھىنغا: ــ ئەفودنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. ◼ 23:9 +bd «داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئابىياتار كاھىنغا: ــ ئەفودنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى»+bd* ــ كۆرۈنىدۇكى، 10-12-ئايەتتىكى سوئاللارنى داۋۇت ئەفود ۋاسىتىسى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورايدۇ.*

10ئاندىن داۋۇت: ــ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، مەنكى سېنىڭ قۇلۇڭ سائۇلنىڭ بۇ شەھەرنى مېنىڭ سەۋەبىمدىن خاراب قىلىش ئۈچۈن كېئىلاھغا كېلىشكە قەستلەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدى.

11كېئىلاھدىكىلەر مېنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرەرمۇ؟ سائۇل ئۆز بەندەڭ ئاڭلىغاندەك بۇ يەرگە كېلەرمۇ؟ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ئۆز بەندەڭگە بىلدۈرگەيسەن، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۇ بۇ يەرگە كېلىدۇ، دېدى. ◼ 23:11 +bd «..كېلەرمۇ؟... كېلىدۇ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... چۈشەرمۇ؟...چۈشىدۇ» دېيىلىدۇ.*

12داۋۇت يەنە: ــ كېئىلاھتىكىلەر مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرەرمۇ، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۇلار سىلەرنى تۇتۇپ بېرىدۇ، دېدى.

13ئەمدى داۋۇت ئادەملىرى بىلەن (تەخمىنەن ئالتە يۈزچە) ئورنىدىن تۇرۇپ كېئىلاھدىن چىقىپ، ئۆزلىرى بارالايدىغان تەرەپكە قاراپ كەتتى. سائۇلغا، داۋۇت كېئىلاھتىن قېچىپتۇ دەپ خەۋەر بېرىلگەندە ئۇ ئۇنى قوغلاشقا چىقمىدى.

14داۋۇت بولسا چۆلدىكى قورغان-قىيالاردا ھەمدە زىف چۆلىنىڭ تاغلىرىدا تۇردى. سائۇل ئۇنى ھەر كۈنى ئىزدەيتتى؛ لېكىن خۇدا ئۇنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرمىدى.

15ئەمدى داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرگىلى چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. شۇ چاغدا ئۇ زىف چۆلىدىكى بىر ئورمانلىقتا تۇراتتى. ◼ 23:15 +bd «زىف چۆلىدىكى بىر ئورمانلىقتا..»+bd* ــ ياكى «زىف چۆلىدىكى خورەش شەھىرىدە...».*

16سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بولسا ئورمانلىققا چىقىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى خۇدا ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈپ ئۇنىڭغا: ــ ◼ 23:16 +bd «يوناتان... +bdit داۋۇتنى+bdit* .... رىغبەتلەندۈردى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «يوناتان ... ئۇنىڭ (داۋۇتنىڭ) قولىنى كۈچلەندۈردى» دېيىلىدۇ.*

17قورقمىغىن؛ چۈنكى ئاتام سائۇلنىڭ قولى سېنى تاپالمايدۇ. سەن بەلكى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولىسەن، مەن بولسام سېنىڭ ۋەزىرىڭ بولىمەن، بۇنى ئاتام سائۇلمۇ بىلىدۇ، دېدى.

18ئاندىن ئۇلار ئىككىيلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەھدە قىلىشتى؛ داۋۇت بولسا، ئورمانلىقتا تۇرۇپ قالدى، يوناتان ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى.

19شۇنىڭدىن كېيىن زىفتىكىلەر گىبېئاھتا تۇرۇۋاتقان سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ مانا، داۋۇت خاقىلاھنىڭ ئېگىزلىكىدىكى يەشىموننىڭ جەنۇبى تەرىپىگە جايلاشقان ئورمانلىقتىكى قورغانلاردا يوشۇرۇنۇۋالدى، بىلمەمدىلا؟

20شۇڭا، ئى پادىشاھ، قاچان كۆڭۈللىرى تارتسا شۇ چاغدا كەلسىلە؛ بىزنىڭ بۇرچىمىز ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرىشتۇر، دېدى.

21سائۇل: ماڭا ئىچ ئاغرىتقىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي.

22ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بېرىپ زادى قايسى يەردە تۇرىدىغىنىنى جەزملەشتۈرۈڭلار، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېنىقلاپ، ۋە كىمنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىنى بىلىپ كېلىڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر ئېيتىشىچە ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر ئىكەن، دېدى.

23شۇڭا بېرىپ، ئۇنىڭ يوشۇرۇنغان بارلىق مەخپىي جايلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ كېلىڭلار، يېنىمغا يېنىپ كېلىپ ماڭا ئەينىنى ئېيتىڭلار. ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بارىمەن؛ ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇ زېمىندا بولسىلا، مەن يەھۇدىيلارنىڭ مىڭلىغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەپ تاپىمەن، دېدى.

24ئۇلار قوپۇپ سائۇلدىن ئىلگىرى زىفقا باردى؛ لېكىن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن مائون چۆللۈكىدىكى يەشىموننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتاتتى.

25سائۇل ئادەملىرى بىلەن داۋۇتنى ئىزدەپ باردى. كىشىلەر بۇ خەۋەرنى داۋۇتقا ئېيتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۈشۈپ، قىياغا بېرىپ مائون چۆلىدە تۇردى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ داۋۇتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ مائوننىڭ چۆلىگە چىقتى.

26سائۇل تاغنىڭ بۇ تەرىپىدە ماڭدى، ئەمما داۋۇت ئادەملىرى بىلەن تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە ماڭدى. داۋۇت سائۇلدىن قېچىش ئۈچۈن ئالدىرىۋاتقانىدى؛ لېكىن سائۇل ئادەملىرى بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تۇتىمىز دەپ ئۇلارنى قورشىغىلى تۇردى.

27ئەمما بىر خەۋەرچى سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ فىلىستىيلەر زېمىنىمىزنىڭ جەنۇب تەرىپىگە كىرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتىدۇ، تېزدىن قايتسىلا، دېدى.

28شۇنىڭ بىلەن سائۇل يېنىپ داۋۇتنى قوغلاشتىن توختاپ فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشقىلى چىقتى. شۇڭا ئۇ يەر سېلا-خامماھلېكوت دەپ ئاتالدى. ◼ 23:28 +bd «سېلا-ھامماھلېكوت»+bd* ــ مەنىسى بەلكىم «ئايرىغۇچى قورام تاش».*

le>