1سامۇئىل ئۆلدى. پۈتكۈل ئىسرائىل يىغىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى؛ ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ راماھدىكى ئۆيىدە دەپنە قىلدى. داۋۇت بولسا قوپۇپ پاران چۆلىگە باردى. ◘ 25:1 1سام. 28:3*
2ئەمدى تىرىكچىلىكى كارمەلدە بولغان، مائوندا ئولتۇرۇقلۇق بىر ئادەم بار ئىدى. بۇ كىشى بەك باي بولۇپ ئۈچ مىڭ قوي، بىر مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇ ئۆز قويلىرىنى كارمەلدە قىرقىۋاتاتتى.
3ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى نابال بولۇپ، ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىگائىل ئىدى؛ ئايالى ھەم پەم-پاراسەتلىك ھەم ئەپت-تۇرقى چىرايلىق، لېكىن ئېرى قاتتىق قول ۋە رەزىل ئىدى؛ ئۇ كالەبنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. ◼ 25:3 +bd «ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى نابال بولۇپ...»+bd* ــ «نابال»نىڭ مەنىسى «ئەخمەق، قوپال».*
4داۋۇت چۆلدە تۇرۇپ نابالنىڭ ئۆز قويلىرىنى قىرقىيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ
5ئون ياش يىگىتنى ئۇ يەرگە ماڭدۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر كارمەلگە چىقىپ نابالنىڭ قېشىغا بېرىپ، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتىڭلار.
6ئۇنىڭغا: ــ «ياشىغايسەن؛ سىزگە تىنچ-ئامانلىق بولغاي، ئۆيىڭىزگە تىنچ-ئامانلىق بولغاي، ھەممە بارلىقىڭىزغا تىنچ-ئامانلىق بولغاي!
7مەن قىرقىغۇچىلارنىڭ سىزدە ئىش باشلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. سىزنىڭ پادىچىلىرىڭىز بىز تەرەپلەردە تۇرغاندا ئۇلارغا ھېچ زەخمە يەتكۈزمىدۇق؛ بىز كارمەلدە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسى يىتىپ كەتمىدى.
8ئۆز يىگىتلىرىڭىزدىن سورىسىڭىز ئۇلار سىزگە دەپ بېرىدۇ. شۇڭا بىز قۇتلۇق بىر كۈنىدە كەلدۇق، شۇڭا يىگىتلىرىمىز نەزىرىڭىزدە ئىلتىپات تاپسۇن؛ ئۆز قولىڭىزغا نېمە چىقسا شۇنى كەمىنىلىرىڭىزگە ۋە ئوغلىڭىز داۋۇتقا نېمە چىقسا شۇنى بەرگەيسىز»، دەڭلار، ــ دېدى.
9داۋۇتنىڭ يىگىتلىرى ئۇ يەرگە بېرىپ بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا ئېيتىپ ئاندىن جىم تۇرۇپ ساقلىدى.
10نابال داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىغا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇت دېگەن كىم؟ يەسسەنىڭ ئوغلى دېگەن كىم؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز غوجىلىرىنى تاشلاپ كېتىۋاتقان خىزمەتكارلار تولا.
11مەن ئۆزۈمنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى ۋە يۇڭ قىرقۇغۇچىلىرىمغا سويغان گۆشنى كەلگەن جايى نامەلۇم بولغان كىشىلەرگە بېرەمدىم؟ ــ دېدى. ◼ 25:11 +bd «يېمەك-ئىچمىكىم»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نېنىم ۋە سۈيۈم».*
12داۋۇتنىڭ يىگىتلىرى كەلگەن يولىغا يېنىپ كەتتى. يېنىپ كېلىپ ئۇلار داۋۇتقا ھەممە گەپنى دەپ بەردى.
13داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە: ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز قىلىچىڭلارنى ئېسىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىرى ئۆز قىلىچىنى تاسمىسىغا* ئاستى، داۋۇتمۇ ئۆز قىلىچىنى ئاستى. ئاندىن تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن چىقتى، ۋە ئىككى يۈز كىشى جابدۇقلار بىلەن قالدى.
14ئەمما نابالنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئايالى ئابىگائىلغا: ــ داۋۇت ئەلچىلەرنى چۆلدىن غوجىمىزغا سالام بېرىشكە ئەۋەتكەنىكەن؛ لېكىن ئۇ ئۇلارنى تىللاپ كايىپ كەتتى.
15بۇ ئادەملەر بولسا، بىزگە كۆپ ياخشىلىق قىلغان. بىز دالادا ئۇلارنىڭ يېنىدا يۈرگەن ۋاقىتلىرىمىزدا بىزگە ھېچ يامانلىق كەلمىدى، بىزنىڭ ھېچ نەرسىمىزمۇ يىتىپ كەتمىگەنىدى.
16بىز ئۇلارغا يېقىن جايدا قوي باققان ۋاقىتتا ئۇلار كېچە-كۈندۈز بىزگە سېپىلدەك بولغانىدى.
17ئەمدى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولدىلا، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ باققايلا. بولمىسا، غوجىمىزغا ۋە پۈتكۈل ئۆيدىكىلىرىگە بىر بالا-قازا كەلمەي قالمايدۇ. ئۇ شۇنچە كاج بىر ئادەمكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، دېدى. ◼ 25:17 +bd «ئۇ شۇنچە كاج بىر ئادەمكى...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ بېلىئالنىڭ (شەيتاننىڭ) شۇنداق بىر ئوغلىكى...».*
18ئابىگائىل دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، بەش پىشۇرۇلغان قوي، بەش سېئاھ قوماچ، بىر يۈز كىشمىش پوشكىلى، ئىككى يۈز ئەنجۈر پوشكىلى ئېلىپ ئېشەكلەرگە ئارتىپ ◼ 25:18 +bd «بەش سېئاھ قوماچ»+bd* ــ «سېئاھ» ئۈچتىن بىر ئەفاھ، يەنى ئاشلىق-دانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى ئىدى، تەخمىنەن 9 لىتر.*
19ئۆز يىگىتلىرىگە: ــ مېنىڭ ئالدىمدا بېرىڭلار؛ مانا، مەن كەينىڭلاردىن باراي، دېدى. لېكىن ئۇ ئۆز ئېرى نابالغا بۇ ئىشنى دېمىدى.
20ئۇ ئۆز ئېشىكىگە مىنىپ تاغنىڭ ئېتىكىدىن چۈشكەندە، مانا داۋۇت ئادەملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى.
21داۋۇت ئەسلىدە: ــ مەن بۇ كىشىنىڭ مېلىنى چۆلدە بىكاردىن بىكار قوغداپ، ئۇنىڭ بارلىقىدىن ھېچنېمىنى يىتتۈرگۈزمىگەنىدىم؛ لېكىن ئۇ ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا ماڭا يامانلىق قىلدى.
22ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن ئەتىگىچە بىرەر ئەركەكنى قالدۇرۇپ قويسام، خۇدا مەن داۋۇتنى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جازالىغاي، دېگەنىدى. ◼ 25:22 +bd «ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن ئەتىگىچە بىرەر ئەركەكنى قالدۇرۇپ قويسام...»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «بىرەر ئەركەك» ئىبرانىي تىلىدا «تامغا قاراپ بىرەر سىيگۈچى» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. +bd «خۇدا مەن داۋۇتنى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جازالىغاي»+bd* ــ ياكى «خۇدا داۋۇتنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قىلغاي» (بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە شۇنداق يېزىلىدۇ).*
23ئابىگائىل داۋۇتنى كۆرۈپ، ئالدىراپ ئېشەكتىن چۈشۈپ، داۋۇتنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ تەزىم قىلدى؛
24ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى غوجام، بۇ قەبىھلىك ماڭا ھېسابلانسۇن؛ ئەمدى شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، دېدەكلىرىنىڭ سىلىگە سۆز قىلىشىغا ئىجازەت قىلىپ، دېدىكلىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا: ــ
25ئۆتۈنىمەنكى، غوجام بۇ رەزىل ئادەم نابالغا پىسەنت قىلمىغايلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزى خۇددى ئىسمىغا ئوخشاشتۇر؛ ئۇنىڭ ئىسمى «كاج»، دەرۋەقە ئۇنىڭدا كاجلىق تولىمۇ ئېغىردۇر. لېكىن مەن دېدەكلىرى بولسا غوجام ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمىدىم. ◼ 25:25 +bd «غوجام بۇ رەزىل ئادەم نابال»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «غوجام بېلىئالنىڭ (شەيتاننىڭ) بۇ ئوغلى نابال» دېيىلىدۇ. +bd «ئۇنىڭ ئىسمى «كاج»، دەرۋەقە ئۇنىڭدا كاجلىق تولىمۇ ئېغىردۇر»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نابال» دېگەننىڭ مەنىسى «كاج».*
26ئەمدى ئى غوجام، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، پەرۋەردىگار سىلىنى ئۆز قوللىرى بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن ساقلىدى. ئەمدى دۈشمەنلىرىمۇ، سىلى غوجامغا يامانلىق قىلماقچى بولغانلارمۇ نابالغا ئوخشاش بولسۇن.
27ئەمدى دېدەكلىرى غوجامغا ئېلىپ كەلگەن بۇ سوۋغات بولسا غوجامغا ئەگەشكەن يىگىتلەرگە تەقسىم قىلىنسۇن.
28سىلىدىن ئۆتۈنىمەنكى، دېدەكلىرىنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرگەيلا؛ چۈنكى سىلى، ئى غوجام پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىنى قىلىپ كەلگەنلىرى ئۈچۈن، بارلىق كۈنلىرىدە سىلىدە يامانلىق تېپىلمىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار جەزمەن جەمەتلىرىنى مەزمۇت قىلىدۇ.
29بىرسى قوپۇپ سىلىنى قوغلاپ جانلىرىنى ئىزدىسە، سىلى غوجامنىڭ جېنى پەرۋەردىگار خۇدالىرىنىڭ قېشىدىكى تىرىكلەر خالتىسى ئىچىدە ئورىلىپ ساقلىنىدۇ، لېكىن دۈشمەنلىرىنىڭ جانلىرىنى بولسا، ئۇ سالغۇغا سېلىپ چۆرۈپ تاشلايدۇ.
30ئەمدى پەرۋەردىگار سىلى غوجام توغرىسىدا ئېيتقان بارلىق ياخشى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، سىلىنى ئىسرائىلغا باش قىلغاندا شۇنداق بولىدۇكى،
31سىلى غوجامنىڭ ناھەق قان تۆكمىگەنلىكلىرى ياكى ئۆز ئىنتىقاملىرىنى ئالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كۆڭۈللىرىگە پۇتلىكاشاڭ ياكى دەرد بولمايدۇ. ۋە پەرۋەردىگار غوجامغا نۇسرەت بەرگىنىدە سىلى ئۆز دېدەكلىرىنى ياد قىلغايلا».
32داۋۇت ئابىگائىلغا: ــ سېنى بۈگۈن مېنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئەۋەتكەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلغاي!
33ئەمدى ئەقىل-پاراسىتىڭگە بارىكاللا، ساڭىمۇ بارىكاللا! چۈنكى سەن بۈگۈن مېنى ئۆز قولۇم بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن توستۇڭ.
34لېكىن مېنى ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ساقلىغان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن مېنىڭ ئالدىمغا تېزلىنىپ كەلمىگەن بولساڭ، نابالنىڭ ئادەملىرىدىن ھېچ ئەركەك ئەتىگىچە تىرىك قالماس ئىدى، دېدى. ◼ 25:34 +bd «نابالنىڭ ئادەملىرىدىن ھېچ ئەركەك ئەتىگىچە تىرىك قالماس ئىدى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئەركەك» ئىبرانىي تىلىدا «تامغا قاراپ سىيگۈچى» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*
35ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرگەن نەرسىلىرىنى قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭغا: ــ تىنچ-ئامان ئۆيۈڭگە بارغىن، مانا سۆزلىرىڭگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭلۈڭنى قوبۇل قىلدىم، دېدى.
36ئابىگائىل نابالنىڭ قېشىغا كەلدى؛ مانا، ئۇ ئۆيىدە شاھانە زىياپەتتەك بىر زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. نابال كۆڭلىدە خۇشال ئىدى ۋە ئىنتايىن مەست بولۇپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئابىگائىل ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچ نېمە دېمىدى.
37لېكىن ئەتىسى نابال مەستلىكتىن يېشىلگەندە ئايالى ئۇنىڭغا بولغان ۋەقەلەرنى دەپ بېرىۋىدى، ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆلگەندەك بولۇپ، ئۆزى تاشتەك بولۇپ قالدى.
38ۋە شۇنداق بولدىكى، تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن نابالنى پەرۋەردىگار ئۇردى ۋە ئۇ ئۆلدى.
39داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ: ــ پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر. چۈنكى ئۇ مەن نابالدىن تارتقان ھاقارەت ئۈچۈن دەۋايىمنى سوراپ ئۆز قۇلىنى يامانلىقتىن ساقلىدى؛ ئەكسىچە پەرۋەردىگار نابالنىڭ يامانلىقىنى ئۆز بېشىغا ياندۇردى، دېدى. ئاندىن ئابىگائىلنى ئۆز ئەمرىمگە ئالاي دەپ، ئۇنىڭغا سۆز قىلغىلى ئەلچى ماڭدۇردى.
40داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى كارمەلگە ئابىگائىلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئەمرىمگە ئالاي دەپ داۋۇت ساڭا سۆز قىلغىلى بىزنى ئەۋەتتى، دېدى.
41ئابىگائىل بولسا قوپۇپ يۈزىنى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: ــ مانا، دېدىكىڭ غوجامنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا قۇل بولسۇن، دېدى. ◼ 25:41 +bd «مانا، دېدىكىڭ غوجامنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا قۇل بولسۇن»+bd* ــ ئىسرائىلدا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە شۇنداق ئادەت باركى، ئۆيگە مېھمان كەلسە، ساھىبخان ياكى خىزمەتكارلىرى ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيىدۇ.*
42ئاندىن ئابىگائىل شۇ ھامان ئۆزىگە ھەمراھ بولغان بەش چۆرىسى بىلەن ئېشەككە مىنىپ داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ ئايالى بولدى.
43داۋۇت يىزرەئەللىك ئاھىنوئامنى ھەم خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ئۇنىڭغا خوتۇن بولدى.