1فىلىستىيلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئولجا ئېلىپ، ئۇنى ئەبەن-ئېزەردىن ئېلىپ ئاشدودقا باردى.
2ئۇ يەردە فىلىستىيلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ داگون بۇتخانىسىغا ئەكىرىپ، داگون دېگەن بۇتنىڭ يېنىغا قويدى.
3ئاشدوددتكىلەر ئەتىسى سەھەر قوپۇپ كەلسە، مانا داگون بۇتى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى. شۇڭا ئۇلار داگون بۇتنى ئېلىپ يەنە ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇپ قويدى.
4لېكىن ئەتىسى سەھەر قوپۇپ كەلسە، مانا، داگون پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى؛ داگوننىڭ بېشى ھەم قوللىرى بوسۇغىدا چېقىلغانىدى؛ داگوننىڭ پەقەت بېلىقسىمان تېنى قالغانىدى. ◼ 5:4 +bd «داگون پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى»+bd* ــ «داگون» دېگەن بۇتتا ئادەمنىڭ بېشى ۋە بېلىقنىڭ تېنى بار ئىدى.*
5شۇڭا بۈگۈنگە قەدەر ئاشدودتا يا داگوننىڭ كاھىنلىرى بولسۇن يا داگوننىڭ بۇتخانىسىغا كىرگۈچىلەر بولسۇن، داگوننىڭ بوسۇغىسىغا دەسسىمەيدۇ.
6ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاشدودتىكىلەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق چۈشۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ، ئاشدود بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنى ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇردى. ◼ 5:6 +bd «ھۈررەك كېسىلى»+bd* ــ ياكى «ئۆسمىلەر» ياكى «بوۋاسىر كېسىلى».* ◘ 5:6 زەب. 78:60-66. *
7ئاشدودتىكىلەر بۇلارنى كۆرۈپ: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزلەردە تۇرمىسۇن! چۈنكى ئۇنىڭ قولى بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق بېسىۋالدى، دېيىشتى.
8شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ ھەممە غوجىلىرىنى چاقىرتىپ جەم قىلىپ ئۇلاردىن: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى گاتقا چەت يول بىلەن يۆتكەلسۇن، دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەرگە چەت يول بىلەن يۆتكىدى. ◼ 5:8 +bd «گاتقا چەت يول بىلەن يۆتكەلسۇن»+bd* ــ بەلكىم باشقا شەھەر-كەنتلەردىن ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن.*
9ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇنى چەت يول بىلەن يۆتكىگەندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇ شەھەرگە چۈشۈپ كىشىلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈردى. ئۇ كىچىكلەردىن تارتىپ چوڭلارغىچە شەھەردىكىلەرنى ئۇردى، ئۇلار ھۈررەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى.
10شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەكرونغا ئەۋەتتى. لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئەكرونغا يېتىپ كەلگەندە، ئەكروندىكىلەر پەرياد قىلىپ: ــ بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بىزگە يۆتكىدى! ــ دېدى.
11ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرىنى قىچقارتىپ جەم قىلىپ ئۇلارغا: ــ بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز جايىغا كەتكۈزۈڭلار، دېدى؛ چۈنكى قاتتىق ۋەھىمە شەھەرنى باسقانىدى؛ خۇدانىڭ قولى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تولىمۇ ئېغىر چۈشكەنىدى.