سامۇئىل «2» 1:1-26 UIGB2010 - Bible AI

1سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى قىرغىن قىلىپ يېنىپ كەلگەندە، ئۇ زىكلاگدا ئىككى كۈن تۇردى. ◘ 1:1 1سام. 30‏:17*

2ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، مانا سائۇلنىڭ لەشكەرگاھىدىن كىيىمى يىرتىق ۋە بېشىغا توپا-چاڭ چاچقان بىر ئادەم كەلدى. ئۇ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، يەرگە يىقىلىپ باش ئۇردى.

3داۋۇت ئۇنىڭدىن: نەدىن كەلدىڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىدىن قېچىپ كەلدىم ــ دېدى.

4داۋۇت ئۇنىڭدىن: ئىش قانداق بولدى؟ ماڭا دەپ بەرگىن، دەپ سورىدى. ئۇ: خەلق جەڭدىن قاچتى، خەلقتىن بەك جىق كىشى سوقۇشتا ئۆلدى. سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتانمۇ ئۆلدى، ــ دېدى.

5داۋۇت خەۋەر ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن: سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگىنىنى قانداق بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.

6ئۇنىڭغا خەۋەر بەرگەن يىگىت: مەن تاسادىپىي گىلبوئا تېغىغا چىققانىدىم، مانا سائۇل نەيزىگە يۆلىنىپ تۇرۇپتۇ؛ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قوغلاۋاتاتتى.

7ئۇ كەينىگە قاراپ مېنى كۆرۈپ چاقىردى. مەن «مانا مەن»، دېدىم.

8ئۇ: ئۆزۈڭ كىم بولىسەن، دەپ مەندىن سورىۋىدى، مەن ئامالەكلەردىنمەن، دېدىم.

9ئۇ يەنە ماڭا: ئۈستۈمدە تۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ گەرچە جېنىم مەندە بولسىمۇ، مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتىۋاتىمەن ــ دېدى. ◼ 1:9 +bd «مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتىۋاتىمەن»+bd* ــ ياكى «مېنىڭ بېشىم ئايلىنىۋاتىدۇ».*

10شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈردۈم، چۈنكى، ئۇ شۇ ھالدا يىقىلسىلا، تىرىك قالمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئاندىن بېشىدىكى تاجنى ۋە بىلىكىدىكى بىلەزۈكنى ئېلىپ مۇشۇ يەرگە غوجامغا ئېلىپ كەلدىم، ــ دېدى. ◼ 1:10 +bd «شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈردۈم، ... ئاندىن ... تاجنى ۋە ... بىلەزۈكنى ئېلىپ ... غوجامغا ئېلىپ كەلدىم»+bd* ــ «1سام.» 30-بابتىكى تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، بۇ يىگىتنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان، داۋۇتتىن مەلۇم ئىنئام ياكى مەرتىۋىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئېيتقان بولسا كېرەك؛ لېكىن يالغانچىلىقى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدۇ.*

11شۇئان داۋۇت ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ، تىلما-تىلما قىلىۋەتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئادەملەرمۇ ھەم شۇنداق قىلدى. ◘ 1:11 2سام. 3‏:31؛ 13‏:31*

12ئۇلار سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئاھ-زار كۆتۈرۈپ كەچكىچە روزا تۇتتى؛ چۈنكى ئۇلار قىلىچ ئاستىدا يىقىلىپ قازا قىلغانىدى.

13داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە خەۋەر بەرگەن يىگىتتىن: قەيەردىن سەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: مەن بىر ئامالەك مۇساپىرنىڭ ئوغلىمەن ــ دېدى.

14داۋۇت ئۇنىڭغا: سەن قانداقمۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ھالاك قىلىشقا قولۇڭنى سوزۇشتىن قورقمىدىڭ؟ ــ دېدى. ◼ 1:14 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى»+bd* ــ خۇدا بېكىتكەن پادىساھ، دېمەكچى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.*

15ئاندىن داۋۇت ئۆز غۇلاملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: بۇياققا كەل، ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگىن ــ دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئۇرۇۋىدى، ئامالەك* ئۆلدى.

16داۋۇت ئۇنىڭغا: قان قەرزىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! چۈنكى ئۆز ئاغزىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ئۆلتۈرگىنىڭگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئەيىبلىدى، ــ دېدى.

17شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ مۇنداق بىر نەزمە ئوقۇدى

18(ئۇ «ئوقيا» دەپ ئاتالغان بۇ نەزمىنى پۈتكۈل يەھۇدا خەلقىگە ئۆگىتىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. دەرۋەقە ئۇ «ياشار» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەنىدى): ــ ◼ 1:18 +bd «دەرۋەقە ئۇ «ياشار» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەنىدى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۇ» «ئوقيا» دەپ ئاتالغان نەزمىنىڭ ئۆزىنى ياكى داۋۇتنىڭ بۇ نەزمىنى ئۆگەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «ئوقيا» دېگەن نەزمە بولسا بەلكىم تۆۋەندىكى 19-27-ئايەتتىكى مەرسىيەنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. +bd ««ياشار» دېگەن كىتاب»+bd* ــ ھازىر يوقىلىپ كەتكەن قەدىمكى بىر كىتاب («يە.» 12:10-13نى كۆرۈڭ).* ◘ 1:18 يە. 10‏:13*

19ــ ئى ئىسرائىل، سېنىڭ گۈزەل ئەزىزىڭ يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ!

20گات شەھىرىدە بۇ خەۋەرنى بەرمەڭلار،

21ئى گىلبوئا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا نە شەبنەم بولمىسۇن، نە يامغۇر چۈشمىسۇن،

22قىرىلىدىغانلارنىڭ قېنىنى تۆكمەي،

23سائۇل بىلەن يوناتان ھايات ۋاقتىدا سۆيۈملۈك ھەم يېقىملىق ئىدى،

24ئى ئىسرائىل قىزلىرى، سائۇل ئۈچۈن يىغلاڭلار،

25پالۋانلار كەسكىن جەڭدە شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟

26سەن ئۈچۈن ھەسرەتتە قالدىم، ئى ئىنىم يوناتان! ماڭا شۇنچە سۆيۈملۈك ئىدىڭ!

e>