1پەرۋەردىگار ناتاننى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى. ئۇ داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، يەنە بىرسى كەمبەغەل ئىدى.
2باينىڭ ئىنتايىن تولا قوي ۋە كالا پادىلىرى بار ئىدى.
3لېكىن كەمبەغەلنىڭ ئۆزى سېتىۋېلىپ باققان كىچىك بىر ساغلىق قوزىدىن باشقا بىر نەرسىسى يوق ئىدى. قوزا كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە بالىلىرى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ چوڭ بولدى. قوزا ئۇنىڭ يېگىنىدىن يەپ، ئۇنىڭ ئىچكىنىدىن ئىچىپ، ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلىدى؛ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئۆز قىزىدەك ئىدى.
4بىر كۈنى بىر يولۇچى باينىڭكىگە كەلدى. ئەمما ئۇ ئۆزىگە كەلگەن مېھمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قوي ياكى كالا پادىلىرىدىن بىرىنى يېگۈزۈشكە تەييارلاشقا كۆزى قىيماي، بەلكى كەمبەغەلنىڭ قوزىسىنى تارتىۋېلىپ سويۇپ، كەلگەن مېھمان ئۈچۈن تەييارلىدى».
5داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ ناتانغا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى*، شۇنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە لايىقتۇر!
6ئۇ ھېچ رەھىمدىللىق كۆرسەتمەي بۇ ئىشنى قىلغىنى ئۈچۈن قوزىغا تۆت ھەسسە تۆلەم تۆلىسۇن ــ دېدى. ◼ 12:6 +bd «بۇ ئىشنى قىلغىنى ئۈچۈن قوزىغا تۆت ھەسسە تۆلەم تۆلىسۇن»+bd* ــ «مىس.» 1:22نى كۆرۈڭ.* ◘ 12:6 مىس. 22:1*
7ناتان داۋۇتقا: سەن دەل شۇ كىشىدۇرسەن! ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولغىلى مەسىھ قىلدىم ۋە سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم؛ ◘ 12:7 1سام. 16:13*
8مەن غوجاڭنىڭ جەمەتىنى ساڭا بېرىپ، غوجاڭنىڭ ئاياللىرىنى قۇچىقىڭغا ياتقۇزۇپ، ئىسرائىلنىڭ جەمەتى بىلەن يەھۇدانىڭ جەمەتىنى ساڭا بەردىم. ئەگەر سەن بۇنى ئاز كۆرگەن بولساڭ، مەن ساڭا يەنە ھەسسىلەپ بېرەتتىم؛ ◼ 12:8 +bd «مەن غوجاڭنىڭ جەمەتىنى ساڭا بېرىپ، غوجاڭنىڭ ئاياللىرىنى قۇچىقىڭغا ياتقۇزۇپ...»+bd* ــ «غوجاڭ» سائۇل پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ.*
9نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدىڭ؟ سەن ھىتتىي ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلدىڭ، سەن ئۇنى ئاممونىيلارنىڭ قىلىچى بىلەن قەتل قىلدىڭ.
10ئەمدى سەن مېنى كۆزگە ئىلماي، ھىتتىي ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلغىنىڭ ئۈچۈن، قىلىچ سېنىڭ ئۆيۈڭدىن قەتئىي ئايرىلمايدۇ».
11پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا ئۆز ئۆيۈڭدىن ساڭا يامانلىق كەلتۈرۈپ، كۆزلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئاياللىرىڭنى ئېلىپ، ساڭا يېقىن بىرسىگە بېرىمەن، ئۇ بولسا كۈپكۈندۈزدە ئاياللىرىڭ بىلەن ياتىدۇ. ◘ 12:11 قان. 28:30؛ 2سام. 16:22*
12سەن بولساڭ ئۇ ئىشنى مەخپىي قىلدىڭ، لېكىن مەن بۇ ئىشنى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا كۈندۈزدە قىلىمەن» ــ دېدى.
13داۋۇت ناتانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدىم ــ دېدى. ناتان داۋۇتقا: پەرۋەردىگار ھەم گۇناھىڭدىن ئۆتتى؛ سەن ئۆلمەيسەن.
14ھالبۇكى، بۇ ئىش بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىگە كۇپۇرلۇق قىلىشقا پۇرسەت بەرگىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭدىن تۇغۇلغان ئوغۇل بالا چوقۇم ئۆلىدۇ ، ــ دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن ناتان ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن داۋۇتقا تۇغۇلغان بالىنى شۇنداق ئۇردىكى، ئۇ قاتتىق كېسەل بولدى.
16داۋۇت بالا ھەققىدە خۇداغا يېلىندى. ئۇ روزا تۇتۇپ، كېچىلەردە ئىچكىرىگە كىرىپ يەردە دۈم ياتاتتى. ◼ 12:16 +bd «ئۇ روزا تۇتۇپ، كېچىلەردە ئىچكىرىگە كىرىپ يەردە دۈم ياتاتتى»+bd* ــ ياكى «ئۇ روزا تۇتۇپ، كېچىدە ئىچكىرىگە كىرىپ يەردە دۈم ياتتى».*
17ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ ئاقساقاللىرى قوپۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى يەردىن قوپۇرماقچى بولدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىمىدى ۋە ئۇلار بىلەن تاماق يېيىشنى رەت قىلدى.
18يەتتىنچى كۈنى بالا ئۆلدى. داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى بالا ئۆلدى، دېگەن خەۋەرنى ئۇنىڭغا بېرىشتىن قورقۇپ: «بالا تىرىك ۋاقىتىدا پادىشاھ بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە قۇلاق سالمىدى، ئەمدى بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا بالا ئۆلدى، دەپ خەۋەر بېرىمىز؟ ئۇ ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن!» ــ دېيىشتى.
19لېكىن داۋۇت خىزمەتكارلىرىنىڭ پىچىرلاشقىنىنى كۆرۈپ، بالىنىڭ ئۆلگىنىنى ئۇقتى. شۇڭا داۋۇت خىزمەتكارلىرىدىن: بالا ئۆلدىمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: ئۆلدى، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
20شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يەردىن قوپۇپ، يۇيۇنۇپ، خۇشبۇي* ماي بىلەن مەسىھلىنىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئىبادەت قىلدى؛ ئاندىن ئۆز ئۆيىگە قايتىپ ئۆزىگە تاماق ئەكەلتۈرۈپ يېدى.
21خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: سىلىنىڭ بۇ نېمە قىلغانلىرى؟ بالا تىرىك چاغدا روزا تۇتۇپ يىغلىدىلا، لېكىن بالا ئۆلگەندىن كېيىن قوپۇپ تاماق يېدىلا، ــ دېدى.
22ئۇ: مەن: «كىم بىلسۇن، پەرۋەردىگار ماڭا شاپائەت كۆرسىتىپ، بالىنى تىرىك قالدۇرارمىكىن» دەپ ئويلاپ، بالا تىرىك ۋاقىتتا روزا تۇتۇپ يىغلىدىم.
23لېكىن ئەمدى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن نېمىشقا روزا تۇتاي؟ مەن ئۇنى ياندۇرۇپ ئالالايمەنمۇ؟ مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ يېنىمغا يېنىپ كېلەلمەيدۇ، ــ دېدى
24داۋۇت ئايالى بات-شېباغا تەسەللى بەردى. ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتتى؛ ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىۋىدى، داۋۇت ئۇنى سۇلايمان دەپ ئاتىدى. پەرۋەردىگار ئۇنى سۆيدى، ◼ 12:24 +bd «داۋۇت ئۇنى سۇلايمان دەپ ئاتىدى»+bd* ــ «سۇلايمان» ئىبرانىي تىلىدا «شالوم» ــ ئامان-تىنچلىق، خاتىرجەملىك دېگەن مەنىدىكى سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.* ◘ 12:24 1تار. 22:9؛ مات. 1:6*
25ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار ئۈچۈن «يەدىدىيا» دەپ ئىسىم قويدى. ◼ 12:25 +bd «ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق ... ئۇنىڭغا ... «يەدىدىيا» دەپ ئىسىم قويدى»+bd* ــ «يەدىدىيا»: «پەرۋەردىگار سۆيگەن»، دېگەن مەنىدە.*
26يوئاب ئاممونىيلارنىڭ شاھانە پايتەختى رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالدى. ◘ 12:26 1تار. 20:1-3*
27ئاندىن يوئاب خەۋەرچىلەرنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇرۇپ: مەن رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ سۇ بار قىسمىنى ئالدىم.
28ھازىر سەن قالغان ئەسكەرلەرنى يىغىپ، شەھەرنى قامال قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلغىن؛ بولمىسا مەن شەھەرنى ئالسام، مېنىڭ ئىسمىم بىلەن ئاتىلىشى مۇمكىن ــ دېدى.
29شۇڭا داۋۇت ھەممە خەلقنى جەم قىلىپ، رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالدى.
30ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ تاجىنى ئۇنىڭ بېشىدىن ئالدى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇننىڭ ئېغىرلىغى بىر تالانت ئىدى، ۋە ئۇنىڭ كۆزىدە بىر گۆھەر بار ئىدى. كىشىلەر بۇ تاجنى داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيگۈزدى، داۋۇت بولسا ئۇ شەھەردىن نۇرغۇن ئولجا ئالدى. ◼ 12:30 +bd «ئالتۇننىڭ ئېغىرلىغى بىر تالانت ئىدى»+bd* ــ «بىر تالانت» بەلكىم 34 كىلوگرامدۇر. +bd «ئۇنىڭ كۆزىدە بىر گۆھەر بار ئىدى»+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭغا بىرنەچچە گۆھەر قادالدى».* ◘ 12:30 1تار. 20:2*