1پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا بۇ كۈينى ئېيتتى: ــ ◼ 22:1 +bd «...ئۇ پەرۋەردىگارغا بۇ كۈينى ئېيتتى»+bd* ــ زەبۇر، 18-كۈي ۋە ئۇنىڭ ئىزاھاتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.*
2ئۇ مۇنداق دېدى: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر!
3خۇدا مېنىڭ قورام تېشىمدۇر، مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن ــ
4مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا مەن نىدا قىلىمەن،
5چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى،
6تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى،
7قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم،
8ئاندىن يەر-زېمىن تەۋرەپ سىلكىنىپ كەتتى،
9ئۇنىڭ دىمىغىدىن ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى،
10ئۇ ئاسمانلارنى ئېڭىشتۈرۈپ ئېگىپ چۈشتى،
11ئۇ بىر كېرۇب ئۈستىدە پەرۋاز قىلدى،
12ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، شۇنداقلا يىغىلغان سۇلارنى،
13ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان يورۇقلۇقتىن،
14پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى؛
15بەرھەق، ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، دۈشمەنلىرىمنى* تارقىتىۋەتتى؛
16شۇنىڭ بىلەن دېڭىزنىڭ تەكتى كۆرۈنۈپ قالدى،
17ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛
18ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن،
19كۈلپەتكە ئۇچرىغان كۈنۈمدە، ئۇلار ماڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛
20ئۇ مېنى كەڭرى-ئازادە بىر جايغا ئېلىپ چىقاردى؛
21پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛
22چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛
23چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئالدىمدىدۇر؛
24مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم،
25ۋە پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ،
26ۋاپادار-مېھرىبانلارغا ئۆزۈڭنى ۋاپادار-مېھرىبان كۆرسىتىسەن؛
27ساپ دىللىقلارغا ئۆزۈڭنى ساپ دىللىق كۆرسىتىسەن؛
28چۈنكى سەن ئاجىز مۆمىن خەلقنى قۇتقۇزىسەن؛
29چۈنكى سەن پەرۋەردىگار مېنىڭ چىرىغىمدۇرسەن؛
30چۈنكى سەن ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم؛
31تەڭرىم ــ ئۇنىڭ يولى مۇكەممەلدۇر؛
32چۈنكى پەرۋەردىگاردىن باشقا يەنە كىم ئىلاھتۇر؟
33تەڭرى مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇر؛
34ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ؛
35قوللىرىمنى ئۇرۇش قىلىشقا ئۆگىتىدۇ،
36سەن ماڭا نىجاتىڭدىكى قالقاننى بەردىڭ،
37سەن قەدەملىرىم ئاستىدىكى جاينى كەڭ قىلدىڭ،
38مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ يوقاتتىم،
39قايتا تۇرالمىغۇدەك قىلىپ،
40سەن جەڭ قىلىشقا كۈچ بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ؛
41دۈشمەنلىرىمنى ماڭا ئارقىنى قىلىپ قاچقۇزدۇڭ،
42ئۇلار تەلمۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛
43مەن ئۇلارنى سوقۇپ يەردىكى توپىدەك قىلىۋەتتىم؛
44سەن مېنى خەلقىمنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن؛
45يات ئەلدىكىلەر ماڭا زەئىپلىشىپ تەسلىم بولىدۇ؛
46يات ئەلدىكىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ؛
47پەرۋەردىگار ھاياتتۇر!
48ئۇ، يەنى مەن ئۈچۈن تولۇق قىساس ئالغۇچى تەڭرى،
49ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىم ئارىسىدىن چىقارغان؛
50مۇشۇ سەۋەبلىك مەن ئەللەر ئارىسىدا ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛