سامۇئىل «2» 3:1-38 UIGB2010 - Bible AI

1ھالبۇكى، سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرسىدىكى جەڭ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋاملاشتى؛ داۋۇتنىڭ جەمەتى بارغانسېرى كۈچەيدى، لېكىن سائۇلنىڭ جەمەتى بارغانسېرى ئاجىزلاشماقتا ئىدى.

2ھېبروندا داۋۇت بىر قانچە ئوغۇللۇق بولدى، ئۇنىڭ تۇنجىسى ئامنون بولۇپ، يىزرەئەللىك ئاھىنوئامدىن تۇغۇلدى؛ ◘ 3:2 1تار. 3‏:1-9*

3ئىككىنچىسى كىلېئاب بولۇپ كارمەللىك نابالنىڭ ئايالى بولغان ئابىگائىلدىن تۇغۇلدى. ئۈچىنچىسى ئابشالوم ئىدى. ئۇ گەشورنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكاھدىن تۇغۇلغانىدى،

4تۆتىنچىسى ئادونىيا بولۇپ ھاگگىتتىن تۇغۇلغان ئىدى. بەشىنچىسى شەفاتىيا بولۇپ ئابىتالدىن تۇغۇلغان ئىدى.

5ئالتىنچىسى يىترىئام بولۇپ داۋۇتنىڭ ئايالى ئەگلاھدىن تۇغۇلدى. داۋۇتنىڭ بۇ ئالتە ئوغلىنىڭ ھەممىسى ھېبروندا تۇغۇلدى.

6سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ داۋامىدا، ئابنەر سائۇلنىڭ جەمەتىدە ئۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتتى.

7ئەمدى سائۇلنىڭ بىر كېنىزىكى بار ئىدى؛ ئۇ ئاياھنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى رىزپاھ ئىدى. بىر كۈنى ئىشبوشەت ئابنەرگە: نېمىشقا ئاتامنىڭ كېنىزىكى بىلەن بىللە بولدۇڭ؟ ــ دېدى. ◘ 3:7 2سام. 21‏:8، 10، 11*

8ئابنەر ئىشبوشەتنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاتاڭ سائۇلنىڭ جەمەتىگە، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە دوستلىرىغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، سېنى داۋۇتنىڭ قولىغا تاپشۇرمىغان تۇرسام، مېنى يەھۇداغا تەۋە بىر ئىتىنىڭ بېشىدەك كۆرۈپ، بۈگۈن بۇ خوتۇن ئۈچۈن مېنى گۇناھقا بۇيرۇماقچىمۇسەن؟ ◼ 3:8 +bd «سائۇلنىڭ ... ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سائۇلنىڭ... قېرىنداشلىرىغا».*

9مەن پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغىنىدەك قىلمىسام خۇدا مەنكى ئابنەرنى قاتتىق ئۇرسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇرسۇن! ◼ 3:9 +bd «خۇدا مەنكى ئابنەرنى قاتتىق ئۇرسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇرسۇن!»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خۇدا ئابنەرنىڭ بېشىغا مۇنداق ئىش چۈشۈرسۇن ياكى تېخىمۇ ئېغىر ئىش چۈشۈرسۇن».*

10ــ يەنى، پادىشاھلىقنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن يۆتكەپ، داۋۇتنىڭ تەختىنى داندىن بەئەر-شېباغىچە پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە تىكلىمىسەم!». ◼ 3:10 +bd «داندىن بەئەر-شېباغىچە»+bd* ــ «دان» ئىسرائىلنىڭ ئەڭ شىمالىي يۇرتى، «بەئەر-شېبا» يەھۇدانىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى جاي ئىدى.*

11ئىشبوشەت ئابنەردىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئېغىز سۆز قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.

12ئابنەر بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئەلچىلەرنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇرۇپ ئۇنىڭغا: زېمىن كىمنىڭكى؟ مەن بىلەن ئەھدە تۈزگىن، مېنىڭ قولۇم سېنىڭ تەرىپىڭدە بولۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىلنى ساڭا مايىل قىلىمەن ــ دېدى. ◼ 3:12 +bd «ئابنەر بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئەلچىلەرنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇرۇپ ئۇنىڭغا....»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۆزى ئۈچۈن» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدا ئۈچ خىل چۈشەنچىسى بار: ــ (1) «ئابنەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن» ( ئىشبوشەت بىلمىگەن ھالدا)؛ (2) «ئۇنىڭ ئۈچۈن» (يەنى ئىشبوشەت ئۈچۈن)؛ (3) «نەق مەيداندا». بىز بىرىنچى تەرجىمىگە مايىلمىز.*

13داۋۇت جاۋاب بېرىپ: ــ بولىدۇ، مەن سەن بىلەن ئەھدە قىلاي. پەقەت بىرلا ئىشنى تەلەپ قىلاي؛ مېنىڭ قېشىمغا كەلگەندە سائۇلنىڭ قىزى مىقالنى ئېلىپ كەلمىسەڭ، يۈزۈمنى كۆرەلمەيسەن، دېدى.

14ئاندىن داۋۇت ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: مەن بىر يۈز فىلىستىينىڭ خەتنىلىكى بەدىلى بىلەن ئالغان ئايالىم مىقالنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگىن ــ دېدى. ◼ 3:14 +bd «مەن بىر يۈز فىلىستىينىڭ خەتنىلىكى بەدىلى بىلەن ئالغان ئايالىم مىقالنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگىن»+bd* ــ مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق «1سام.»20:18-27نى كۆرۈڭ.* ◘ 3:14 1سام. 18‏:25، 27*

15ئىشبوشەت ئادەم ئەۋەتىپ مىقالنى ئۇنىڭ ئېرىدىن، يەنى لائىشنىڭ ئوغلى پالتىيەلدىن ئېلىپ كەلدى. ◼ 3:15 +bd «لائىشنىڭ ئوغلى پالتىيەل»+bd* ــ «1سام.» 44:25دە «لائىشنىڭ ئوغلى فالتى» ياكى «لائىشنىڭ ئوغلى پالتى» دەپ ئاتىلىدۇ.* ◘ 3:15 1سام. 25‏:44*

16لېكىن ئۇنىڭ ئېرى باخۇرىمغىچە ئۇنىڭ كەينىدىن يىغلىغان پېتى ئەگىشىپ ماڭدى. ئاخىر بېرىپ ئابنەر ئۇنىڭغا: ــ يېنىپ كەتكىن، دېۋىدى، ئۇ قايتىپ كەتتى.

17ئەمدى ئابنەر ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا: سىلەر بۇرۇن داۋۇت ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولسۇن، دېگەن ئارزۇ-ئىستەكتە بولدۇڭلار.

18ئەمدى ھازىر ھەرىكەت قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇت توغرىسىدا: ــ قۇل-بەندەم داۋۇتنىڭ قولى بىلەن ئىسرائىل خەلقىمنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن، شۇنداقلا بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن، ــ دېگەنىدى، دېدى.

19ئابنەر يەنە بىنيامىنلارنىڭ قۇلىقىغىمۇ مۇشۇ سۆزلەرنى ئېيتتى. ئاندىن ئىسرائىل بىلەن بىنيامىننىڭ پۈتكۈل جەمەتىنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا ئېيتىشقا ھېبرونغا باردى.

20شۇنداق قىلىپ ئابنەر يىگىرمە ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا ھېبرونغا داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە داۋۇت ئابنەر ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بىر زىياپەت تەييارلىدى.

21ئابنەر داۋۇتقا: مەن قوزغىلىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم قىلاي، ئۇلار سېنىڭ بىلەن ئەھدە قىلىشسۇن، ئاندىن سەن ئۆز كۆڭلۈڭ خالىغاننىڭ بارلىقى ئۈستىدىن سەلتەنەت قىلالايدىغان بولىسەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئابنەرنى يولغا سېلىپ قويدى، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتتى. ◼ 3:21 +bd «مەن قوزغىلىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم قىلاي...»+bd* ــ ياكى «مەن ھازىر چىقىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم قىلاي...» ياكى «مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم قىلاي...».*

22مانا، شۇ ئەسنادا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىلەن يوئاب بىر يەرگە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئولجا ئېلىپ قايتىپ كەلدى. لېكىن ئابنەر شۇ چاغدا ھېبروندا داۋۇتنىڭ قېشىدا يوق ئىدى؛ چۈنكى داۋۇتنىڭ ئۇزىتىپ قويۇشى بىلەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتكەنىدى.

23يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتكۈل قوشۇن يېتىپ كەلگەندە، خەلق ئۇنىڭغا: نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى، پادىشاھ ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇشى بىلەن ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتتى ــ دېدى.

24ئاندىن يوئاب پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ: بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ؟! مانا، ئابنەر قېشىڭغا كەپتۇ! نېمىشقا ئۇنى يولغا سېلىپ قويدۇڭ؟ ئۇ ھازىر كېتىپتۇ!

25سەن نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنى بىلىسەنغۇ! ئۇنىڭ كېلىشى جەزمەن سېنى ئالداش ئۈچۈن، سېنىڭ چىقىپ-كىرىدىغان يولۇڭنى، شۇنداقلا بارلىق ئىش-پائالىيىتىڭنى بىلىۋېلىش ئۈچۈندۇر، ــ دېدى.

26يوئاب داۋۇتنىڭ قېشىدىن چىقىشى بىلەن ئۇ خەۋەرچىلەرنى ئابنەرنىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى. ئۇلار ئۇنى سىراھ قۇدۇقىنىڭ يېنىدىن ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن داۋۇت بۇ ئىشتىن بىخەۋەر ئىدى.

27ئابنەر ھېبرونغا يېنىپ كەلگەندە يوئاب ئۇنى شەھەر قوۋۇقىدا ئۇچرىتىپ، «ساڭا دەيدىغان مەخپىي سۆزۈم بار ئىدى» دەپ ئۇنى بىر چەتكە ئەكىلىپ ئۇ يەردە ئىنىسى ئاساھەلنىڭ قان قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن قورسىقىغا پىچاق سالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. ◘ 3:27 2سام. 2‏:23؛ 1پاد. 2‏:5*

28كېيىن، داۋۇت بۇ ئىشنى ئاڭلاپ: مەن ۋە پادىشاھلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ئاققان قېنى ئۈچۈن مەڭگۈ بىگۇناھدۇرمىز؛

29ئۇنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇش* گۇناھى يوئابنىڭ بېشىغا ۋە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىغا قاينام بولۇپ چۈشسۇن؛ يوئابنىڭ ئائىلىسىدىن ئاقما يارا كېسىلى، ياكى ماخاۋ كېسىلى، ياكى ھاسىغا تايانغۇچى، قىلىچتىن ئۆلگۈچى ياكى ئاش-تۈلۈكسىزلەر ئۆكسۈمىسۇن! ــ دېدى. ◼ 3:29 +bd «ھاسىغا تايانغۇچى»+bd* ــ ياكى «چاق ئېگىرگۈچى».*

30شۇنداق قىلىپ، ئابنەر گىبېئوندىكى جەڭدە ئۇلارنىڭ ئىنىسى ئاساھەلنى ئۆلتۈرگىنى ئۈچۈن، يوئاب بىلەن ئىنىسى ئابىشاي ئۇنى ئۆلتۈردى.

31داۋۇت يوئابقا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق خەلققە: كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار! بۆز كىيىم كىيىڭلار! ئابنەرنىڭ مېيىتى* ئالدىدا ماتەم تۇتۇڭلار! دېدى. داۋۇت پادىشاھ ئابنەرنىڭ* جىنازىسىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.

32ئۇلار ئابنەرنى ھېبروندا دەپنە قىلدى، پادىشاھ ئابنەرنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ يىغلىدى؛ خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ يىغلاشتى.

33پادىشاھ ئابنەر ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇپ:

34قوللىرىڭ باغلاقلىق بولمىسىمۇ،

35ئاندىن بارلىق خەلق داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا كۈن پاتقۇچە تاماق يېيىشنى ئۆتۈندى. ئەمما داۋۇت قەسەم ئىچىپ: مەن كۈن پاتماستا يا نان يا باشقا ھەرقانداق نەرسىنى تېتىسام، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن، ــ دېدى. ◼ 3:35 +bd «خۇدا مېنى ئۇرسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خۇدا مېنىڭ بېشىغا بۇنداق ياكى ئۇنداق قىلسۇن ياكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئارتۇق قىلسۇن!».*

36بارلىق خەلق بۇنى بايقاپ، بۇ ئىشتىن رازى بولدى؛ ئەمەلىيەتتە پادىشاھ قىلغان ھەربىر ئىش بارلىق خەلقنى رازى قىلاتتى.

37شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ كۈنى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتى.

38پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: بىلەمسىلەر؟ بۈگۈن ئىسرائىلدا بىر سەردار، ئۇلۇغ بىر زات يىقىلدى! ◼ 3:38 +bd «پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: بىلەمسىلەر؟...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: بىلمەمسىلەر...؟».*

e>