1ئاندىن كېيىن ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ھېبرونغا داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ: قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز!
2بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا؛ پەرۋەردىگار سىلىگە: سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ، ئۇلارنى باقىسەن، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى ــ دېدى. ◼ 5:2 +bd «ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىسرائىلنىڭ چىقىشىدا ھەم كىرىشىدە ئۇلارغا باشلىغۇچى ئىدىلا» دېگەنلىك بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ مۇشۇ ئىبارە ئىسرائىلنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.* ◘ 5:2 2سام. 7:7؛ زەب. 78:70-72*
3شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ھېبرونغا پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى؛ داۋۇت پادىشاھ ھېبروندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشتى. ئاندىن ئۇلار داۋۇتنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدى.
4داۋۇت پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ياشقا كىرگەن بولۇپ، قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى.
5ئۇ ھېبروندا يەھۇدانىڭ ئۈستىدە يەتتە يىل ئالتە ئاي سەلتەنەت قىلىپ، يېرۇسالېمدا پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىدە ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. ◘ 5:5 2سام. 2:11؛ 1پاد. 2:11؛ 1تار. 3:4*
6پادىشاھ ئۆز ئادەملىرى بىلەن يېرۇسالېمغا چىقىپ، شۇ زېمىندا تۇرغان يەبۇسىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى باردى. ئۇلار داۋۇتقا: سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، بەلكى ھەتتا كورلار بىلەن ئاقساقلار سېنى چېكىندۈرىدۇ! ــ دېدى. چۈنكى ئۇلار: «داۋۇت بۇ يەرگە قەتئىي كىرەلمەيدۇ»، دەپ ئويلايتتى. ◼ 5:6 +bd «بەلكى ھەتتا كورلار بىلەن ئاقساقلار سېنى چېكىندۈرىدۇ! ــ دېدى. چۈنكى ئۇلار: «داۋۇت بۇ يەرگە قەتئىي كىرەلمەيدۇ»، دەپ ئويلايتتى»+bd* ــ بۇ ئىككى جۈملىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «بەلكى سەن كورلار بىلەن ئاقساقلارنى ھەيدىۋەتمىسەڭ، بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، ــ دېدى، داۋۇتنى ھەرگىز بۇ يەرگە كىرمەيدۇ، دەپ ئويلاتتى».*
7لېكىن داۋۇت زىئون قورغىنىنى ئالدى (بۇ يەر داۋۇتنىڭ شەھىرى دەپ ئاتىلىدۇ). ◼ 5:7 +bd «زىئون قورغىنىنى»+bd* ــ «زىئون» يېرۇسالېمنىڭ ئىچىدىكى ئېگىزلىك بولۇپ، شۇ يەرگە دائىم قورغان سېلىنىپ تۇراتتى. كېيىن ئىبادەتخانىمۇ زىئوندا قۇرۇلغان. كېيىن «زىئون» دېگەن ئىسىم بەزىدە پۈتكۈل يېرۇسالېم شەھىرىگىمۇ ۋە بەزىدە ئىسرائىلنىڭ ئۆزىگىمۇ ۋەكىللىك بولغان.*
8داۋۇت ئۇ كۈنى: كىمكى يەبۇسىيلارنى ئۇراي دېسە سۈڭگۈچ بىلەن چىقىشى كېرەك، ئاندىن ئۇ داۋۇت قىن-قىنىدىن ئۆچ كۆرىدىغان بۇ كور، ئاقساقلار بىلەن ھېسابلىشالايدۇ*، دېدى. شۇنىڭ بىلەن «كورلار يا ئاقساقلار ئۆيگە كىرمىسۇن» دەيدىغان ماقال پەيدا بولدى. ◼ 5:8 +bd «كىمكى يەبۇسىيلارنى ئۇراي دېسە، سۈڭگۈچ بىلەن چىقىشى كېرەك»+bd* ــ بۇ سىرلىق سۆزنىڭ مەنىسى پەقەت يېقىندا ئارخېئولوگلار تەكشۈرۈپ تاپقان تارىخىي ئىزلاردىن ئېنىقلاندى. ئەسلىدە يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئاستىدا مەخپىي بىر سۇ يولى بار ئىدى؛ شەھەردە بۇ سۇ يولىغا تۇتىشىدىغان تىك بىر قۇدۇق بار ئىدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى شۇ قۇدۇقتىن يامىشىپ چىققان بولسا كېرەك. +bd «كورلار يا ئاقساقلار ئۆيگە كىرمىسۇن»+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەلكىم (1) ھېچقانداق بۇتپەرەس ئادەملەرنىڭ (مەسىلەن، يەبۇسىيلارنىڭ) پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىشىگە رۇخسەت يوق؛ (2) داۋۇت يەبۇسىيلار تايانغان ھەرقانداق بۇتلار («كور ۋە ئاقساقلار)نى ھەرگىز ئۆيىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلمايتتى (دېمەك، بۇتلار «كور»، «ئاقساق»لاردەك ھېچنېمە قىلالمايدۇ). بۇ سۆز كورلار ۋە ئاقساقلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى كېيىن ئاقساق بولغان مەفىبوشەت ھەركۈنى داۋۇت بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇراتتى.* ◘ 5:8 1تار. 11:6 *
9شۇنداق قىلىپ داۋۇت قورغاندا تۇردى ۋە ئۇ يەرنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت شەھەرنىڭ ئەتراپىغا مىللودىن تارتىپ ئىچ تەرەپكىچە ئىمارەت سالدى. ◼ 5:9 +bd «مىللودىن تارتىپ ئىچ تەرەپكىچە ئىمارەت سالدى»+bd* ــ «مىللو»: «پەلەمپەيلىك يەر» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.*
10داۋۇت بارغانسېرى قۇدرەت تاپتى؛ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى.
11تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام داۋۇتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن قوشۇپ، كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئۇلار داۋۇت ئۈچۈن بىر ئوردا ياساپ بەردى.
12داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ تىكلەپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.
13داۋۇت ھېبروندىن كەلگەندىن كېيىن يېرۇسالېمدىن يەنە ئاياللارنى ۋە كېنىزەكلەرنى ئالدى؛ شۇنىڭ بىلەن داۋۇتقا يەنە كۆپ ئوغۇل-قىزلار تۇغۇلدى. ◘ 5:13 1تار. 3:9؛ 14:3-7*
14يېرۇسالېمدا ئۇنىڭدىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئىسىملىرى مانا مۇنداق ئىدى: شاممۇئا، شوباب، ناتان، سۇلايمان،
15ئىبھار، ئېلىشۇئا، نەفەگ، يافىيا،
16ئېلىشاما، ئېلىئادا ۋە ئېلىفەلەت.
17فىلىستىيلەر داۋۇتنىڭ ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلەنگىنىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ھەممىسى داۋۇتنى تۇتقىلى چىقتى، داۋۇت بۇنى ئاڭلاپلا، قورغانغا چۈشتى.
18فىلىستىيلەر كېلىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى؛ ◼ 5:18 +bd «رەفايىم جىلغىسى»+bd* ــ يېرۇسالېمغا يېقىن، ھىننوم جىلغىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە.*
19داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: فىلىستىيلەرگە قارشى ئاتلىنايمۇ؟ ئۇلارنى قولۇمغا تاپشۇرارسەنمۇ؟ ــ دېدى. پەرۋەردىگار داۋۇتقا: چىققىن! چۈنكى، مەن فىلىستىيلەرنى جەزمەن قولۇڭغا تاپشۇرىمەن ــ دېدى.
20ئۇ ۋاقىتتا داۋۇت بائال-پەرازىمغا باردى. ئۇ يەردە داۋۇت ئۇلارنى تارمار قىلدى. ئۇ: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ ئالدىمدا دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرنى «بائال-پەرازىم» دەپ ئاتىدى. ◼ 5:20 +bd «بائال-پەرازىم»+bd* ــ «بۆسۈپ چىققۇچىلارنىڭ رەببى» دېگەن مەنىدە.* ◘ 5:20 يەش. 28:21*
21فىلىستىيلەر ئۇ يەردە ئۆز مەبۇدلىرىنى تاشلاپ كەتتى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى.
22ئەمدى فىلىستىيلەر يەنە چىقىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى.
23داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى. پەرۋەردىگار: سەن ئۇ يەرگە چىقماي، بەلكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلغىن ــ دېدى، ◼ 5:23 +bd «ئۈجمە دەرەخلىرى»+bd* ــ بۇ بىزنىڭ قىياسىمىز. ئىبرانىي تىلىدا «يىغلىغۇچى دەرەخلەر». زادى قايسى دەرەخ ئىكەنلىكى بىزگە نامەلۇم. باشقا بىر قىياس «خىنە دەرەخلىرى».*
24شۇنداق بولىدۇكى، سەن ئۈجمە دەرەخلىكىنىڭ ئۈستىدىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا دەرھال ئاتلان؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇمغا چىققان بولىدۇ، ــ دېدى.