سامۇئىل «2» 7:1-28 UIGB2010 - Bible AI

1پادىشاھ ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ئارام بەرگەندىن كېيىن،

2پادىشاھ ناتان پەيغەمبەرگە: مانا قارا، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئۆيدە ئولتۇرىمەن، لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىر چىدىرنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ ــ دېدى. ◼ 7:2 +bd «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىر چىدىرنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «چېدىرنىڭ ئىچىدە» ئىبرانىي تىلىدا «پەردىلەر ئىچىدە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*

3ناتان پادىشاھقا جاۋاپ بېرىپ: كۆڭلۈڭدە نېمە ئويلىغىنىڭ بولسا، شۇنى قىلغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللىدۇر ــ دېدى.

4لېكىن كېچىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ناتانغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە:

5ــ بېرىپ قۇلۇم داۋۇتقا دېگىن: «پەرۋەردىگار: ــ «سەن دەرۋەقە ماڭا تۇرىدىغانغا ئۆي سالماقچىمۇسەن؟» ــ دەيدۇ. ◼ 7:5 +bd «قۇلۇم داۋۇت»+bd* ــ «قۇل» دېگەن ئۇقۇم توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ.*

6ــ «مەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن چىقارغاندىن تارتىپ، بۇ كۈنگىچە بىر ئۆيدە ئولتۇرمىدىم، بەلكى بىر چېدىرنى ماكان قىلىپ، كېزىپ يۈردۈم.

7مەن ئۆزۈم بارلىق ئىسرائىللار بىلەن يۈرگەن ھەممە يەرلەردە، خەلقىم ئىسرائىلنى پادىچى بولۇپ بېقىشقا ئەمر قىلغانلارغا، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەرقانداق قەبىلىسىنىڭ بىر يېتەكچىسىگە*: نېمىشقا ماڭا كېدىر ياغاچتىن بىر ئۆي ياسىمايسىلەر؟ ــ دەپ باققانمۇ؟ ◼ 7:7 +bd «ئىسرائىلنىڭ ھەرقانداق قەبىلىسىنىڭ بىر يېتەكچىسى...»+bd* ــ «1تار.» 6:17دە «ئىسرائىلنىڭ ھەرقانداق يېتەكچى ھاكىمى» دېيىلىدۇ.*

8ئەمدى قۇلۇم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ سېنى خەلقىم ئىسرائىلغا باشلامچى قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن سېنى يايلاقلاردىن، قوي بېقىشتىن ئېلىپ كەلدىم، ــ دەيدۇ،

9ــ ۋە مەيلى قەيەرگە بارمىغىن، مەن ھامان سېنىڭ بىلەن بىللە بولدۇم ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ كەلدىم؛ يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلار نام-شۆھرەتكە ئىگە بولغاندەك سېنى ئۇلۇغ نام-شۆھرەتكە سازاۋەر قىلدىم. ◘ 7:9 2سام. 8‏:14،6*

10‏-11 مەن خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا بىر جاينى بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە تىكىپ ئۆستۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز زېمىنىدا تۇرىدىغان، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىمايدىغان بولىدۇ. رەزىللەر دەسلەپتىدىكىدەك، شۇنداقلا مەن خەلقىم ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھاكىملارنى تەيىنلىگەن كۈنلەردىكىدەك، ئۇلارغا قايتىدىن زۇلۇم سالمايدۇ. مەن ھازىر ساڭا ھەممە دۈشمەنلىرىڭدىن ئارام بەردىم. ئەمدى مەنكى پەرۋەردىگار ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆينى قۇرۇپ بېرىمەن!» ــ دەيدۇ. ◼ 7:10‏-11 +bd «سەن ئۈچۈن بىر ئۆي قۇرۇپ بېرىمەن»+bd* ــ داۋۇت ئەسلى خۇدا ئۈچۈن بىر ئۆي قۇرماقچى بولغان، لېكىن خۇدا داۋۇتقا: ساڭا بىر ئۆي (ئائىلە، جەمەت، سۇلالە دېگەن مەنىدە) قۇرۇپ بېرىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.*

12«كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن ئۆلۈمدە* ئۇخلىغىنىڭدا، مەن ئۆز پۇشتىڭدىن بولغان نەسلىڭنى سېنىڭ ئورنۇڭدا تۇرغۇزۇپ، پادىشاھلىقىنى مەزمۇت قىلىمەن. ◼ 7:12 +bd «مەن ئۆز پۇشتىڭدىن بولغان نەسلىڭنى سېنىڭ ئورنۇڭدا تۇرغۇزۇپ، ...»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «پۇشتىڭدىن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىچ-باغرىڭدىن».* ◘ 7:12 1پاد. 8‏:20*

13مېنىڭ نامىم ئۈچۈن بىر ئۆينى ياسىغۇچى ئۇ بولىدۇ، ۋە مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئەبەدگىچە مۇستەھكەم قىلىمەن. ◘ 7:13 1پاد. 5‏:19؛ 6‏:12؛ 1تار. 22‏:10*

14مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۇ قەبىھلىك قىلسا، ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ تايىقى بىلەن ۋە ئادەم بالىلىرىنىڭ ساۋاق-دۇمبالاشلىرى بىلەن تەربىيە بېرىمەن. ◼ 7:14 +bd «ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ تايىقى بىلەن ۋە ئادەم بالىلىرىنىڭ ساۋاق-دۇمبالاشلىرى بىلەن تەربىيە بېرىمەن»+bd* ــ دېمەك، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان پادىشاھلار گۇناھ قىلسا، خۇدا ئۇلارغا ئىنسانىي ۋاسىتە (بەلكىم دۈشمەننىڭ ۋاسىتىسى) بىلەن تەربىيە بېرىدۇ.* ◘ 7:14 زەب. 89‏:26-27، 31؛ ئىبر. 1‏:5*

15ئەمما مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆرۈۋەتكەن سائۇلدىن مېھىر-شەپقىتىمنى جۇدا قىلغىنىمدەك، ئۇنىڭدىن مېھىر-شەپقىتىمنى جۇدا قىلمايمەن.

16شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئۆيۈڭ ۋە سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئالدىڭدا ھەمىشە مەزمۇت قىلىنىدۇ؛ تەختىڭ ئەبەدگىچە مەزمۇت تۇرغۇزۇلىدۇ». ◼ 7:16 +bd «...سېنىڭ ئۆيۈڭ ۋە سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئالدىڭدا ھەمىشە مەزمۇت قىلىنىدۇ»+bd* ــ ياكى «...سېنىڭ ئۆيۈڭ ۋە سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئالدىمدا ھەمىشە مەزمۇت قىلىنىدۇ».*

17ناتان بۇ بارلىق سۆزلەر ۋە بارلىق ۋەھىينى ھېچنېمە قالدۇرماي، داۋۇتقا ئېيتىپ بەردى.

18ئاندىن داۋۇت پادىشاھ كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى، رەب پەرۋەردىگار، مەن زادى كىم ئىدىم، مېنىڭ ئۆيۈم نېمە ئىدى، سەن مېنى مۇشۇ دەرىجىگە كۆتۇرگۈدەك؟

19لېكىن، ئى رەب پەرۋەردىگار، مېنىڭ بۇ مەرتىۋەم* سېنىڭ نەزىرىڭدە كىچىككىنە بىر ئىش ھېسابلاندى؛ چۈنكى سەن مەن قۇلۇڭنىڭ ئۆيىنىڭ يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق سۆزلىدىڭ؛ بۇ ھەممىلا ئادەمگە دائىم بولىدىغان ئىشمۇ، ئى، رەب پەرۋەردىگار؟ ◼ 7:19 +bd «مېنىڭ بۇ مەرتىۋەم سېنىڭ نەزىرىڭدە كىچىككىنە بىر ئىش ھېسابلاندى»+bd* ــ دېمەك، «سەن (ئاللىقاچان) مېنى مۇشۇ (يۇقىرى) دەرىجىگە كۆتۇرگەنىكەنسەن...» دېگەن سۆز (18-ئايەتنى كۆرۈڭ) ئۇنىڭ پادىشاھ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن خۇدا بۇ ئىمتىيازدىن يەنە كۆپ ئىمتىيازلارنى قوشۇپ بەرمەكچى. 9-16-ئايەتلەرنى قايتىدىن كۆرۈڭ. «بۇ ھەممىلا ئادەمگە دائىم بولىدىغان ئىشمۇ، ئى، رەب پەرۋەردىگار؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇ ئىش بارلىق ئىنسامىيەتكە بولىدىغان ۋەهىي، رەب پەرۋەردىگار!».*

20ئەمدى داۋۇت ساڭا يەنە نېمە دېسۇن؟ سەن ئۆز قۇلۇڭنى تونۇيسەن، ئى، رەب پەرۋەردىگار!

21سەن سۆز-ۋەدەڭ ۋەجىدىن، ئۆز كۆڭلۈڭدىكىگە ئاساسەن بۇ ئۇلۇغ ئىشنىڭ ھەممىسىنى قۇلۇڭ بىلسۇن دەپ بېكىتىپ قىلغانسەن.

22شۇڭا سەن ئۇلۇغسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ قۇلاقلىرىمىز بارلىق ئاڭلىغىنىدەك، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوق، سەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ◘ 7:22 قان. 3‏:24؛ 4‏:35؛ 32‏:39؛ 1سام. 2‏:2؛ زەب. 86‏:8؛ يەش. 45‏:5، 18، 22؛ مار. 12‏:29، 32*

23خەلقىڭ ئىسرائىلدەك يەنە باشقا بىر ئەل بارمۇ، ئۇلار جاھاندا ئالاھىدە تۇرىدۇ؟ ــ چۈنكى سەن* خۇدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ ئۆزۈڭگە خاس بىر خەلق قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا نام-شۆھرەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۆزۈڭ باردىڭ؛ سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مىسىردىن، ئەللەردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان خەلقىڭ ئالدىدا زېمىنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلدىڭ. ◼ 7:23 +bd «ئۇلارنى... قۇتقۇزۇپ ئۆزۈڭگە خاس بىر خەلق قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا نام-شۆھرەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۆزۈڭ باردىڭ»+bd* ــ تېكىستنىڭ ئېنىق مەنىسى شۇكى، ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خۇدا ئۆزى شەخسەن مىسىرغا بارغان. +bd «...ئۇلارنى... ئەللەردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان»+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە بەلكىم خۇدانىڭ ئىسرائىل ئالدىدا پەلەستىن زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان بۇتپەرەس ئەللەرنى قوغلىۋېتىشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.* ◘ 7:23 قان. 4‏:7، 34؛ 10‏:21؛ 33‏:29؛ زەب. 147‏:19-20*

24سەن خەلقىڭ ئىسرائىلنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەبەدگىچە بىر خەلق بولۇشقا بېكىتتىڭ؛ سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ.

25ئەمدى ھازىر، ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئۆز قۇلۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئۆيى توغرىسىدا ئېيتقان ۋەدەڭگە ئەبەدگىچە مەزمۇت ئەمەل قىلغىن؛ سەن دېگەنلىرىڭ بويىچە ئىشنى ئادا قىلغايسەن!

26سېنىڭ نامىڭ ئەبەدگىچە ئۇلۇغلىنىپ: ــ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان خۇدادۇر، دەپ ئېيتىلسۇن، شۇنداقلا ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۆي-سۇلالىسى سېنىڭ ئالدىڭدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلسۇن.

27چۈنكى سەن، ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۆز قۇلۇڭغا: مەن ساڭا بىر ئۆي-سۇلالە قۇرۇپ بېرىمەن، دەپ ۋەھىي قىلدىڭ؛ شۇڭا قۇلۇڭ بۇ دۇئانى سېنىڭ ئالدىڭدا قىلىشقا جۈرئەت قىلدى.

28ئەمدى سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، بىردىنبىر خۇدادۇرسەن، سېنىڭ سۆزلىرىڭ ھەقىقەتتۇر ۋە سەن بۇ بەخت-ئىلتىپاتنى ئۆز قۇلۇڭغا ۋەدە قىلدىڭ؛ ◘ 7:28 يـۇھ. 17‏:17*

e>