فىلىپپىلىقلارغا 1:1-29 UIGB2010 - Bible AI

1ئەيسا مەسىھنىڭ قۇللىرى بولغان پاۋلۇس ۋە تىموتىيدىن، فىلىپپىدا تۇرۇۋاتقان، مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە، يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتچىلەرگە سالام! ◼ 1:1 +bd «ئەيسا مەسىھنىڭ قۇللىرى بولغان پاۋلۇس ۋە تىموتىيدىن، فىلىپپىدا تۇرۇۋاتقان، مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە، يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتچىلەرگە سالام!»+bd* ــ «يېتەكچىلەر» ھەم «خىزمەتچىلەر» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە قاراڭ.*

2سىلەرگە خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي! ◘ 1:2 رىم. 1‏:7؛ 1پېت. 1‏:2. *

3ھەرقېتىم سىلەرنى ئەسلىگىنىمدە مەن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ ◼ 1:3 +bd «ھەرقېتىم سىلەرنى ئەسلىگىنىمدە مەن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ مېنى ھەرقېتىملىق ئەسلىگىنىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن؛...».* ◘ 1:3 ئ‍ەف. 1‏:15؛ كول. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:2؛ 2تېـس. 1‏:3. *

4‏-5 ھەرقېتىم دۇئا قىلغىنىمدا، سىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر خىزمىتىگە بولغان ھەمكارلىقىڭلار تۈپەيلىدىن توختىماي شاد-خۇراملىق بىلەن سىلەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىمەن؛ ◼ 1:4‏-5 +bd «...سىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر خىزمىتىگە بولغان ھەمكارلىقىڭلار تۈپەيلىدىن توختىماي شاد-خۇراملىق بىلەن سىلەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىمەن»+bd* ــ «سىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ» ــ دېمەك، فىلىپپىلىقلارنىڭ پاۋلۇستىن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان كۈنىدىن تارتىپ.

6چۈنكى مېنىڭ دەل شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، سىلەردە ياخشى ئىشنى باشلىغۇچى بۇ ئىشنى تاكى ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنىگىچە كامالەتكە يەتكۈزۈپ تاماملايدۇ؛ ◼ 1:6 +bd «سىلەردە ياخشى ئىشنى باشلىغۇچى بۇ ئىشنى تاكى ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنىگىچە كامالەتكە يەتكۈزۈپ تاماملايدۇ»+bd* ــ «ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنى» بولسا مەسىھ دۇنياغا قايتىپ كېلىدىغان، جامائەتنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىدىغان كۈنىدۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 1:6 يـۇھ. 6‏:29؛ 1تېس. 1‏:3. *

7مېنىڭ ھەممىڭلار توغرۇلۇق شۇنداق ئويلىشىم توغرىدۇر؛ چۈنكى مەن قەلبىڭلاردىدۇرمەن؛ مەن زىنداندا زەنجىرلەنگىنىمدىمۇ ۋە خۇش خەۋەرنى ئاقلىغىنىمدىمۇ، دەلىللىگىنىمدىمۇ خۇدا ماڭا يەتكۈزگەن* مېھىر-شەپقەتتىن سىلەرمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولىسىلەر. ◼ 1:7 +bd «چۈنكى مەن قەلبىڭلاردىدۇرمەن»+bd* ــ باشقا خىل تەرجىمىسى: «چۈنكى سىلەر مېنىڭ قەلبىمدىدۇرسىلەر». لېكىن بىزنىڭچە بىزنىڭ تەرجىمىمىمىز توغرىدۇر؛ شۇنداق بولغاندا ئايەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى: ــ ئۇلارنىڭ «پاۋلۇسقا قەلبىدىن ئورۇن بەرگىنى» ۋە شۇنىڭدەك تۈرمىدە بولغان ھاجىتىدىن چىققانلىقى، ھەر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ خىزمەتتە پاۋلۇسقا شېرىك بولغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى، پاۋلۇسقا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېتىقادچىلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. +bd «مەن زىنداندا زەنجىرلەنگىنىمدىمۇ ۋە خۇش خەۋەرنى ئاقلىغىنىمدىمۇ، دەلىللىگىنىمدىمۇ خۇدا ماڭا يەتكۈزگەن مېھىر-شەپقەتتىن سىلەرمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولىسىلەر»+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم: (1) فىلىپپىدىكى قېرىنداشلارنىڭ تۈرمىدە ياتقان پاۋلۇسقا ياردەم بېرىپ ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە خۇش خەۋەرنىڭ يولىدا ئۇنىڭ بىلەن ئورتاق جاپا تارتىشقا تەييار بولۇشى خۇدا مېھىر-شەپقىتىنى ئۇلاردا مول يۈرگۈزۈشى، ياكى (2) ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى خۇدانىڭ ئۆز مېھىر-شەپقىتىنى ئۇلارغا تېخىمۇ مول ياغدۇرۇشىنىڭ سەۋەبى بولغان. ئىككىلىسىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار بولغىنى بىلەن بىزنىڭچە ئىككىنچىسى ئېھتىمالغا يېقىندۇر.* ◘ 1:7 ئ‍ەف. 3‏:1؛ 4‏:1؛ كول. 4‏:3،18؛ 2تىم. 1‏:8. *

8مېنىڭ مەسىھ ئەيسانىڭ ئىچ-باغرىدا بولۇپ سىلەرنى شۇنچىلىك تەلپۈنۈپ سېغىنغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھچىدۇر. ◘ 1:8 رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ 1تېس. 2‏:5؛ 1تىم. 5‏:21؛ 2تىم. 4‏:1. *

9مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى،

10سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر ◼ 1:10 +bd «... سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر ...»+bd* ــ «مەسىھنىڭ كۈنى» توغرۇلۇق 6-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.*

11ھەمدە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بولغان، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ھەم مەدھىيىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر.

12بىراق سىلەرگە شۇنى خەۋەرلەندۈرمەكچىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىم ئەمەلىيەتتە خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى؛

13چۈنكى مېنىڭ قامىلىشىم مەسىھ ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىمپېراتور ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىدىكىلەرگە ۋە باشقا ھەممەيلەنگە ئايان بولدى. ◼ 1:13 +bd «مېنىڭ قامىلىشىم»+bd* ــ گرېك تىلىدا «مېنىڭ باغ-زەنجىرلىرىم». +bd «ئىمپېراتور ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانا»+bd* ــ گرېك تىلىدا «پرايتورىئۇم» دېگەن سۆز قەيسەرنىڭ ئوردىسىدىكى مەلۇم بىر قىسىمنى كۆرسىتىدۇ. «پرايتورىئۇم»غا ئىمپېراتورنى مۇداپىئە قىلغۇچىلار بولغان رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ خىل لەشكەرلىرى جايلاشقان؛ شۇ يەر يەنە رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىسىدىكى ۋالىيلارنىڭ باش شتابى ئىدى. شۇڭا پاۋلۇسنىڭ بۇ يەردە «باشقا ھەممەيلەن» دېگىنى بەلكىم لەشكەرلەرنى ھەم رىمدا تۇرۇۋاتقان بارلىق ۋالىيلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.*

14شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ قامىلىشىم تۈپەيلىدىن رەبگە تايىنىپ خۇدانىڭ* سۆز-كالامىنى قورقماي سۆزلەشكە تېخىمۇ جۈرئەتلىك بولدى؛ ◼ 1:14 +bd «شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ قامىلىشىم تۈپەيلىدىن رەبگە تايىنىپ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قورقماي سۆزلەشكە تېخىمۇ جۈرئەتلىك بولدى...»+bd* ــ دېمەك، كۆپ قېرىنداشلار: «پاۋلۇس ھەتتا قەيسەرنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇپمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى قورقماي سۆزلەۋاتقان يەردە، مەن سىرتتا ئەركىن تۇرۇپ ئۇنى جاكارلاشتا نېمىدىن قورققانتىم؟» دەپ جۈرئەتلىنىدۇ.* ◘ 1:14 ئ‍ەف. 3‏:13؛ 1تېس. 3‏:3. *

15دەرۋەقە، بەزىلىرى ھەسەت قىلىپ ياكى رىقابەتلىشىپ، بەزىلىرى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مەسىھنى جاكارلايدۇ؛

16كېيىنكىلىرى بولسا بەرھەق مۇھەببەتتىن، مېنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاقلاپ ئىسپاتلىشىم ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە قويۇلغانلىقىمنى بىلگەنلىكىدىن شۇنداق قىلماقتا؛ ◼ 1:16 +bd «مۇشۇ يەرگە قويۇلغانلىقىم»+bd* ــ «قويۇلغانلىقىم» ــ ھەممىگە قادىر تەرىپىدىن، ئەلۋەتتە.*

17ئالدىنقىلىرى بولسا چىن كۆڭلىدىن ئەمەس، بەلكى شەخسىيەتچىلىكىدىن، مېنىڭ زەنجىرلەنگەن دەردىمگە دەرد قوشماقچى بولۇپ شۇنداق قىلماقتا. ◼ 1:17 +bd «ئالدىنقىلىرى بولسا چىن كۆڭلىدىن ئەمەس، بەلكى شەخسىيەتچىلىكىدىن، مېنىڭ زەنجىرلەنگەن دەردىمگە دەرد قوشماقچى بولۇپ شۇنداق قىلماقتا»+bd* ــ شۇنداق قېرىنداشلار بەلكىم: «ئۇلۇغ روسۇل پاۋلۇس تۈرمىدە قاماقلىق، بىزگە پۇرسەت كەلدى» دەپ، جامائەتلەر ئارىسىدا ئۆز داڭقىنى چىقارماقچى، ئۆزلىرى «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى» بولۇۋالماقچى بولغانلاردۇر.*

18ئەمدى بۇلارغا نېمە دېگۈلۈك؟ قانداقلا بولمىسۇن، توغرا نىيەتتىن بولسۇن ساختىلىقتىن بولسۇن، ئوخشاشلا مەسىھ جاكارلىنىدۇ؛ مەن شۇنىڭغا شادلىنىمەن؛ بەرھەق، داۋاملىق شادلىنىۋېرىمەن.

19چۈنكى دۇئالىرىڭلار ۋە مەسىھ ئەيسانىڭ روھىنىڭ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشلار نىجات-قۇتقۇزۇلۇشۇمغا مەدەت بولىدۇ دەپ بىلىمەن، ◼ 1:19 +bd «چۈنكى دۇئالىرىڭلار ۋە مەسىھ ئەيسانىڭ روھىنىڭ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشلار نىجات-قۇتقۇزۇلۇشۇمغا مەدەت بولىدۇ دەپ بىلىمەن...»+bd* ــ «مېنىڭ نىجات-قۇتقۇزۇلۇشۇم» ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزلەرنى «تۈرمىدىن قۇتقۇزۇلۇش» ياكى بولمىسا «مېنى ئۆلۈم ئارقىلىق جەننەتكە يەتكۈزۈش» دەپ چۈشىنىدۇ؛ بىزنىڭچە بۇ سۆزلەر چوقۇم تۆۋەندىكى 20-ئايەت بىلەن باغلىقتۇر. 20-ئايەتتە «نىجات-قۇتقۇزۇلۇش»نىڭ ئەمەلىيەتتە نېمە ئىكەنلىكى كۆرىسىتىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 1:19 2كور. 1‏:11. *

20ــ دېمەك، تەقەززالىقىم ۋە ئۈمىد-ئىستىكىم بويىچە ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن، تىرىك ياكى ئۆلۈك بولاي، ھەردائىم بولغىنىدەك ھازىرمۇ تولۇق جاسارەت بىلەن مەسىھ تېنىمدە ئۇلۇغلانسۇن! ◼ 1:20 +bd «تەقەززالىقىم ۋە ئۈمىد-ئىستىكىم بويىچە ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن... »+bd* ــ «ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن...» بەلكىم مەسىھنىڭ ۋەكىل سۈپىتىدە ئۇنىڭغا ھېچقانداق داغ كەلتۈرمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 1:20 رىم. 5‏:5. *

21چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمنىڭ ئۆزى مەسىھدۇر، ئۆلۈش بولسا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر.

22جېنىم تېنىمدە قالسا، ئەمدى نېسىۋەم يەنە مېۋىلىك خىزمەت بولىدۇ؛ لېكىن قايسىسىنى ئەۋزەل بىلىپ تاللىۋېلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن؛

23مەن ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالدىم؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىزارمەن ــ بۇ ئىش زىيادە ئەۋزەلدۇر؛

24ئەمما سىلەر ئۈچۈن جېنىمنىڭ تېنىمدە قېلىشى تېخىمۇ زۆرۈرغۇ دەيمەن. ◼ 1:24 +bd «ئەمما سىلەر ئۈچۈن جېنىمنىڭ تېنىمدە قېلىشى تېخىمۇ زۆرۈرغۇ دەيمەن»+bd* ــ 21-25-ئايەتلەر توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*

25ئەمدى بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل بولۇپ، سىلەرنىڭ ئېتىقادتا ئالغا ئىلگىرىلىشىڭلار ھەم شاد-خۇرام بولۇشۇڭلار ئۈچۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە قېلىپ داۋاملىق تۇرىمەن دەپ بىلىمەن؛ ◼ 1:25 +bd «ئەمدى بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل بولۇپ، سىلەرنىڭ ئېتىقادتا ئالغا ئىلگىرىلىشىڭلار ھەم شاد-خۇرام بولۇشۇڭلار ئۈچۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە قېلىپ داۋاملىق تۇرىمەن دەپ بىلىمەن»+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ تۈرمىدىن قايتا چىققانلىقى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*

26شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە يەنە ھەمراھ بولغىنىم ۋەجىدىن مەن ئارقىلىق مەسىھ ئەيسادا پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلىشىڭلار تېخىمۇ زىيادىلىشىدۇ!

27پەقەت ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە لايىق تۇتۇڭلاركى، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەر بىلەن دىدارلاشقاندىمۇ، سىلەردىن ئايرىلغاندىمۇ، ئىشلىرىڭلاردىن ئاڭلايدىغىنىم سىلەرنىڭ بىر روھ بىر جاندا بولۇپ چىڭ دەسسەپ تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئېتىقادنىڭ يولىدا كۈرەشكە ئىنتىلىۋاتقىنىڭلار، ◼ 1:27 +bd «ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ خەۋىرىگە لايىق ھالدا تۇتۇڭلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۆزۈڭلار مەسىھنىڭ خەۋىرىگە لايىق ھالدا پۇقرا بولۇڭلار» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. فىلىپپىدىكىلەر بولسا «رىملىق پۇقرالار» دەپ ھېسابلىنىپ، ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئىدى. پاۋلۇسنىڭ پۇرىتىپ ئېيتماقچى بولغىنى «ئۆزۈڭلارنى ئەرشتىكى پۇقرالارغا لايىق ھالدا تۇتۇڭلار» دېگەنلىكتۇر.* ◘ 1:27 يار. 17‏:1؛ 1كور. 7‏:20؛ ئ‍ەف. 4‏:1؛ كول. 1‏:10؛ 1تېس. 2‏:12؛ 4‏:1. *

28شۇنداقلا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ۋەھىمىلىرىدىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمىگىنىڭلار بولسۇن؛ سىلەردىكى بۇ غەيرەت، ئۇلارغا ھالاكەتنىڭ بەلگىسى، سىلەرگە بولسا قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ ئالامىتى، شۇنىڭدەك ئالايىتەن خۇدادىن كەلگەن بىر ئالامەتتۇر؛ ◼ 1:28 +bd «سىلەردىكى بۇ غەيرەت...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «بۇ ئىش...». باشقا مۇمكىنچىلىكى باركى، «بۇ ئىش» قارشى چىققۇچىلارنىڭ قارشىلىقىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «...ئۇلارغا ھالاكەتنىڭ بەلگىسى، سىلەرگە بولسا قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ ئالامىتى، شۇنىڭدەك ئالايىتەن خۇدادىن كەلگەن بىر ئالامەتتۇر»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...ئۇلارغا ھالاكەتنىڭ بەلگىسى، سىلەرگە بولسا قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ ئالامىتى، (شۇنىڭدەك) قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ خۇدادىن بولغانلىقىغا بىر ئالامەتتۇر».*

29چۈنكى مەسىھنىڭ يولىدا سىلەرگە پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن خورلۇققا ئۇچراشمۇ نېسىۋە قىلىنغاندۇر.

ticle>