فىلىپپىلىقلارغا 2:1-29 UIGB2010 - Bible AI

1ئەگەر ئەمدى مەسىھتە رىغبەت بار دېيىلسە، مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى بار دېيىلسە، روھنىڭ سىرداشلىقى بار دېيىلسە، قەلبدە ئىچ ئاغرىتىشلار ھەم رەھىمدىللىق بار دېيىلسە، ◼ 2:1 +bd «ئەگەر ئەمدى مەسىھتە رىغبەت بار دېيىلسە، مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى بار دېيىلسە، روھنىڭ سىرداشلىقى بار دېيىلسە، قەلبدە ئىچ ئاغرىتىشلار ھەم رەھىمدىللىق بار دېيىلسە، ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ ئايەتتىكى «ئەگەر» دائىم رېتورىك شەكىلدە ئىشلىتىلىپ «ئەگەر... ۋە دەرۋەقە (شۇنداق) بولىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «روھ» بولسا خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ. «قەلبدە» ئەسلى گرېك تىلىدا «ئىچ-قارنىدا»، «ئىچ-باغرىدا».*

2‏-3 ــ ئەمدى ئوخشاش بىر ئوي-پىكىردە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتە باغلىنىپ، بىر جان بىر نىيەتتە بولۇپ، ئاراڭلاردا ھېچ ئىش رىقابەتتىن ياكى قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكتىن بولمىسۇن؛ ئەكسىچە، ئوي-خىيالىڭلاردا كىچىك پېئىللىق بولۇپ ھەربىرىڭلار باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى دەپ بىلىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا شاد-خۇراملىقىمنى كامىل قىلىسىلەر. ◘ 2:2‏-3 رىم. 12‏:16؛ 15‏:5؛ 1كور. 1‏:10؛ فىل. 3‏:16؛ 1پېت. 3‏:8؛ رىم. 12‏:10؛ 1پېت. 5‏:5. *

4ھەربىرىڭلار پەقەت ئۆز ئىشلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، بەلكى باشقىلارنىڭكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭلار. ◘ 2:4 1كور. 10‏:24؛ 13‏:5. *

5مەسىھ ئەيسادا بولغان ئوي-پوزىتسىيە سىلەردىمۇ بولسۇن: ــ ◘ 2:5 مات. 11‏:29؛ يـۇھ. 13‏:15؛ 1پېت. 2‏:21؛ 1يۇھ. 2‏:6. *

6ئۇ خۇدانىڭ تىپ-شەكلىدە بولسىمۇ،

7ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى،

8ئۆزىنى تۆۋەن قىلىپ،

9شۇڭا خۇدا ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەرتىۋىلىك قىلدى،

10ئەيسانىڭ نامىغا ئاسمانلاردا، يەر يۈزىدە ھەم يەر ئاستىدا بارلىق تىزلار پۈكۈلۈپ، ◘ 2:10 يەش. 45‏:23؛ رىم. 14‏:11. *

11خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ◼ 2:11 +bd «خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ»+bd* ــ دېمەك، مەسىھ ئەيساغا بېغىشلانغان نام «رەب»دۇر. ئۇ ئەسلى ئۆزى رەب بولۇپ (مەسىلەن، «لۇقا» 11:2)، ئۇ ئەرشلەرگە كۆتۈرۈلگىنىدە خۇدائاتىسى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن بولغان خۇرسەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قايتىدىن ئۇنى «رەب» دەپ ئېنىق جاكارلىغان. «يەش.» 23:45نى كۆرۈڭ.* ◘ 2:11 يـۇھ. 13‏:13؛ 1كور. 8‏:6؛ 12‏:3. *

12شۇنىڭ بىلەن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر ھەمىشە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، پەقەت مەن يېنىڭلاردا بولغىنىمدىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقىدەك مەن سىلەردىن نېرى بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق ئىتائەت بىلەن ئەيمىنىشتە، تىترىگەن ھالدا ئۆز نىجاتىڭلارنى ھەرتەرەپكە تەتبىقلاشقا ئىنتىلىڭلار.

13چۈنكى خۇدانىڭ گۈزەل خاھىشى بويىچە سىلەرنىڭ ئىرادە تىكلىشىڭلارغا ۋە شۇنىڭدەك ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭلاردا ئىچىڭلاردا ئىشلىگۈچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ◘ 2:13 2كور. 3‏:5. *

14ھەممە ئىشلارنى غۇدۇڭشىماي ياكى تالاش-تارتىش قىلماي قىلىڭلار؛ ◘ 2:14 رىم. 12‏:17؛ 1پېت. 2‏:12؛ 4‏:9. *

15شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەيىبسىز، ساپ دىللىق بولۇپ، بۇ دەۋردىكى تەتۈر، ئەسەببىي ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ياشاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۇنياغا يورۇقلۇق بەرگۈچىلەردەك پارلاپ، خۇدانىڭ داغسىز پەرزەنتلىرى بولىسىلەر؛ ◘ 2:15 پەند. 4‏:18؛ مات. 5‏:14. *

16شۇنىڭدەك ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مەن سىلەردىن مەسىھنىڭ كۈنىدە بىكار يۈگۈرمەپتىمەن، بىكار جاپا تارتماپتىمەن دەپ پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلايلايدىغان بولىمەن. ◼ 2:16 +bd «ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار تۈپەيلىدىن...»+bd* ــ «ھاياتنىڭ سۆز-كالامى» ــ مەڭگۈ ھايات توغرۇلۇق سۆز، ئەلۋەتتە. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى چىڭ تۇتقىنىڭلار تۈپەيلىدىن،...». لېكىن يۇقىرىقى 15-ئايەتتە فىلىپپىلىق قېرىنداشلار «يورۇقلۇق بەرگۈچى» دەپ ئاتالغان بولغاچقا، مۇشۇ يەردە «(سىلەر)... (خۇدانىڭ) ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىشنى توغرا كۆرىمىز.* ◘ 2:16 2كور. 1‏:14؛ 1تېس. 2‏:19. *

17ھەتتا مەن «شاراب ھەدىيەسى» سۈپىتىدە ئېتىقادىڭلاردىكى قۇربانلىق ھەم خىزمەت-ئىبادەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلساممۇ، مەن شادلىنىمەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىمەن. ◼ 2:17 +bd «ھەتتا مەن «شاراب ھەدىيەسى» سۈپىتىدە ئېتىقادىڭلاردىكى قۇربانلىق ھەم خىزمەت-ئىبادەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلساممۇ، مەن شادلىنىمەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىمەن»+bd* ــ پاۋلۇس يۇقىرىدا 25:1-26دە «سىلەر بىلەن يەنە دىدارلىشىمەن» دەيدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ئۇ ئۆلتۈرۈلسىمۇ، مەيۈسلەنمەيتتى ياكى ھېچ ھەسرەت تارتمايتتى، ئەكسىچە شۇ سەۋەبتىن شادلىناتتى؛ ۋە ئەگەر شۇنداق ئىش بولسا، ئۇلارنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى.* ◘ 2:17 2كور. 7‏:4. *

18سىلەرمۇ ئوخشاش يولدا شادلىنىسىلەر ۋە مەن بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشىڭلار كېرەك. ◼ 2:18 +bd «سىلەرمۇ ئوخشاش يولدا شادلىنىسىلەر ۋە مەن بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشىڭلار كېرەك»+bd* ــ 17-18—ئايەت ئۈستىدە: تەۋرات دەۋرىدىكى ئىبادەت تۈزۈمىدە، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» قىلغاندا، قۇربانلىق قۇربانگاھقا قويۇلغاندا ئۇنىڭغا «ئاشلىق ھەدىيەسى» قوشۇلۇشى كېرەك، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە «شاراب ھەدىيەسى» قۇيۇلۇشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ يەردە پاۋلۇس تولىمۇ كەمتەرلىك بىلەن فىلىپپىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ قىلغان خىزمەت-ئىبادىتىنى مۇھىم قۇربانلىققا، ئۆزىنىڭ يېقىندا ئېھتىماللىقى بولغان ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى تۈرمىدە ئۆزىنى جامائەت ئۈچۈن پىدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىر «شاراب ھەدىيەسى»گە، يەنى ئۇلارنىڭ چوڭ قۇربانلىقى ئۈستىگە تولۇقلايدىغان پەقەت قوشۇمچە بىر «شاراب ھەدىيەسى»گە ئوخشىتىدۇ.

19لېكىن مەن رەبدە پات ئارىدا تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ خۇش بولسام؛ ◘ 2:19 روس. 16‏:1؛ رىم. 16‏:21؛ 1تېس. 3‏:2. *

20چۈنكى يېنىمدا ئۇنىڭغا ئوخشاش، دىلىمىز بىر بولغان، ئىشلىرىڭلارغا چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلگۈچى باشقا ئادەم يوقتۇر.

21چۈنكى ھەممە ئادەم ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىنتىلىدۇ؛ ◘ 2:21 1كور. 10‏:24؛ 13‏:5. *

22ئەمما سىلەر ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى، ئۇنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ خىزمىتىدە خۇددى ئاتىسىغا ھەمراھ بولۇپ ئىشلەيدىغان بالىدەك مەن بىلەن بىرگە مېھنەت سىڭدۈرگەنلىكىنى بىلىسىلەر.

23ئەمدى ئاقىۋىتىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ھامان، ئۇنى دەرھال ماڭدۇرۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن؛

24ئەمما ئۆزۈمنىڭ يېنىڭلارغا پات ئارىدا بارىدىغانلىقىمغا رەب ئارقىلىق ئىشەنچىم بار.

25ئەمما بۇنىڭدىن ئاۋۋال مېنىڭ قېرىندىشىم، خىزمەتدىشىم ھەم سەپدىشىم بولغان، سىلەرنىڭ ئەلچىڭلار ھەم ھاجىتىمدىن چىققان قۇربانلىق ياردىمىڭلارنى يەتكۈزگۈچى ئېپافرودىتنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى زۆرۈر تاپتىم، ◼ 2:25 +bd «مېنىڭ قېرىندىشىم، خىزمەتدىشىم ھەم سەپدىشىم بولغان، سىلەرنىڭ ئەلچىڭلار ھەم ھاجىتىمدىن چىققان قۇربانلىق ياردىمىڭلارنى يەتكۈزگۈچى ئېپافرودىت»+bd* ــ «سەپدىشىم» ــ پاۋلۇس بىلەن روھىي كۈرەشتە ئورتاق جەڭچى، ئەلۋەتتە.

26چۈنكى ئۇ ھەممىڭلارغا سېغىنىپ تەلپۈنگەنىدى ھەم سىلەرنىڭ ئۇنىڭ كېسەل ھالىدىن خەۋەر تاپقىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابلاندى.

27ئۇ دەرۋەقە كېسەل بولۇپ ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى؛ ھەم مېنىڭ دەردىمنىڭ ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى. ◼ 2:27 +bd «ئۇ دەرۋەقە كېسەل بولۇپ ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى؛ ھەم مېنىڭ دەردىمنىڭ ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى»+bd* ــ «خۇدا... يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى» دېگەن سۆز بىرخىل گۇناھنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. تۆۋەندىكى 28-30-ئايەتلەرگە قارىغاندا، ئېپافرودىت پاۋلۇسقا جامائەتنىڭ سوۋغىسىنى يەتكۈزۈپ بارىدىغان يولدا كېسەل بولدى. ئۇ بەلكىم يولدا كېسەل بولۇپ قالغان. ئۇ پاۋلۇسنىڭ قېشىغا يېتىپ بېرىشقا ئالدىراپ ئۆز كېسىلى بىلەن ھېچ كارى بولماي ئالغا باستى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ ئېغىر كېسەل بولۇپ «ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى». پاۋلۇس، ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىنى بىرخىل تەۋەككۈلچىلىك، ئاقىلانە ئىش ئەمەس دەپ ئويلىشى مۇمكىن. خۇددى پاۋلۇس، خۇدا «ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ» ساقايتتى، شۇنداقلا «ماڭا رەھىم قىلدى» ــ چۈنكى ئېپافرودىت مېنىڭ ۋەجەمدىن شۇنداق قىلدى، دېگەندەك.

28شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ شادلىنىشىڭلار ۋە شۇنداقلا ئۆزۈمگە نىسبەتەن دەردلىرىمنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ جىددىي يولغا سالماقچىمەن.

29ئەمدى ئۇنى شاد-خۇراملىق بىلەن رەبدە قوبۇل قىلىڭلار ھەم ئۇنىڭدەك ئادەملەرگە ھۆرمەت قىلىڭلار؛ ◘ 2:29 1كور. 9‏:14؛ گال. 6‏:6؛ 1تېس. 5‏:12؛ 1تىم. 5‏:17؛ ئىبر. 13‏:17. *

ticle>