1ئەگەر ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى چىقىپ، سىلەرگە مەلۇم بىر مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەتنى كۆرسىتىپ بېرەي دېسە
2ۋە ئۇ سىلەرگە ئالدىنئالا دېگەن مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئەمما شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك «باشقا ئىلاھلارغا (يەنى سىلەر تونۇمىغان ئىلاھلارغا) ئەگىشەيلى» ۋە «ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دېسە،
3شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ ئۇنى، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغىنىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىناۋاتقان بولىدۇ.
4سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭلار كېرەك؛ سىلەر ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭلار؛ سىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىڭلار. ◘ 13:4 قان. 10:20*
5شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى بولسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىشنى قۇتراتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سېنى مېڭىشقا ئەمر قىلغان يولدىن ئېزىقتۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ سىلەر مۇشۇنداق رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن يوقىتىشىڭلار كېرەك. ◘ 13:5 قان. 18:20؛ يەر. 14:15*
6-7 قېرىندىشىڭ، مەيلى ئاناڭنىڭ ئوغلى ياكى ئۆز ئوغلۇڭ ياكى قىزىڭ، جان-جىگىرىڭ بولغان ئايالىڭ ياكى جان دوستۇڭ ئاستىرتىن سېنى ئازدۇرماقچى بولۇپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى» دېسە، يەنى ئۆزۈڭ ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭ ھېچ تونۇمايدىغان، ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، يېقىن بولسۇن، يىراق بولسۇن، ھەتتا يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدا ياكى ئۇ چېتىدا بولسۇن، شۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى دېسە، ◼ 13:6-7 +bd «جان-جىگىرىڭ بولغان ئايالىڭ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قۇچىقىڭدىكى ئايالىڭ».* ◘ 13:6-7 قان. 17:2*
8ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭغا قوشۇلما ياكى ئۇنىڭغا قۇلاق سالما؛ سەن ئۇنى ھېچ ئايىما، ئۇنىڭغا رەھىم قىلما ۋە ئۇنىڭ گۇناھىنى ھېچ يوشۇرما؛ ◼ 13:8 +bd «سەن ئۇنى ھېچ ئايىما...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆزۈڭ ئۇلارنى ھېچ ئايىمىسۇن...».*
9قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرگىن؛ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تۇنجى قول سالغۇچى سەن بول، ئاندىن بارلىق خەلقنىڭ قوللىرى ئەگىشىپ شۇنداق قىلسۇن. ◘ 13:9 قان. 17:7*
10ئۇ سېنى مىسىر زېمىنىدىن، «قۇللۇق ماكانى»دىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى تاشلاشقا ئېزىقتۇرماقچى بولدى، شۇڭا سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈڭ، چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك؛
11شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل ئاڭلايدۇ، قورقىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق رەزىل ئىشنى ئاراڭلاردا قىلمايدۇ. ◘ 13:11 قان. 17:13*
12-13 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ساڭا تەقدىم قىلغان مەلۇم بىر شەھەردە: «ئارىمىزدىن بەزى رەزىل ئادەملەر چىقىپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دەپ سىلەر ھېچ تونۇمايدىغان ئىلاھلارغا ئەگىشىشكە ئۆز شەھىرىدىكىلەرنى ئېزىقتۇردى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىساڭ، ◼ 13:12-13 +bd «بەزى رەزىل ئادەملەر...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بېلىئال (ئىبلىس)نىڭ بەزى بالىلىرى...».*
14شۇ ھامان تەكشۈرۈپ سۈرۈشتە قىل؛ راست بولسا، دەرۋەقە بۇ يىرگىنچلىك ئىش ئاراڭلاردا يۈز بەرگەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا،
15ئۇنداقتا سەن شۇ شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بۇ شەھەرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى، جۈملىدىن مال-ۋارانلىرىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەت.
16ئۇنىڭدىكى بارلىق ئولجىنى ئوتتۇرىدىكى چوڭ مەيدانغا يىغىپ، شۇ شەھەرنى بارلىق ئولجىسى بىلەن قوشۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋەت؛ ئۇ مەڭگۈگە خارابىلىك بولىدۇ ــ قايتىدىن قۇرۇلماسلىقى كېرەك.
17تەلتۆكۈس ھالاكەتكە بېكىتىلگەن ھېچبىر نەرسە قولۇڭغا چاپلاشمىسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار غەزىپىدىن يېنىپ ساڭا رەھىم كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغاندەك سېنى كۆپەيتىدۇ.