قانۇن‭ ‬شەرھى 14:1-28 UIGB2010 - Bible AI

1سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر؛ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن بەدىنىڭلارنى ھېچ كەسمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ياكى ماڭلاي چېچىڭلارنى قىرىپ تاقىر قىلماسلىقىڭلار كېرەك؛ ◼ 14:1 +bd «ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ... ماڭلاي چېچىڭلارنى قىرىپ تاقىر قىلماسلىقىڭلار كېرەك»+bd* ــ بۇتپەرەس قانائانىيلار ئارىسىدا شۇنداق ئۆرپ-ئادەتلەر كۆپ ئىدى.* ◘ 14:1 لاۋ. 19‏:28،27؛ 21‏:5*

2چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسەن؛ پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە گۆھىرى بولغان بىر خەلق بولۇشى ئۈچۈن سېنى تاللىغاندۇر. ◘ 14:2 قان. 7‏:6؛ 26‏:18*

3سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى يېمەسلىكىڭ كېرەك.

4تۆۋەندىكىلەر سىلەر يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلار: ــ كالا، قوي، ئۆچكە؛ ◘ 14:4 لاۋ. 11‏:2*

5كېيىك، جەرەن، بۇغا، ياۋا ئۆچكە، ئاھۇ، بۆكەن، ياۋا قوي،

6شۇنداقلا ھايۋانلار ئىچىدە تۇياقلىرى پۈتۈنلەي ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەرخىلىنى يېسەڭلار بولىدۇ. ◼ 14:6 +bd «كۆشىگۈچى ھايۋانلار»+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىككى-ئۈچ ئاشقازىنى بار ھايۋانلارنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئوزۇقنى يۇمشاق چاينايدىغان بارلىق ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.*

7لېكىن، كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ

8چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ. شۇنداق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ھەم ئۆلۈكلىرىگە تەگمەسلىكىڭلار كېرەك.

9سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: ــ سۇدىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ،

10لېكىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولمىغانلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار سىلەرگە نىسبەتەن ھارام بولىدۇ.

11بارلىق ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ؛

12بىراق تۆۋەندىكى ئۇچار-قاناتلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: يەنى بۈركۈت، تاپقۇش-غېچىرلار، دېڭىز بۈركۈتى، ◼ 14:12 +bd «تاپقۇش-غېچىرلار»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇستىخان چاققۇچى قۇش». يەنى بىر تەرجىمىسى «بېلىقئالغۇچ».*

13قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق سار، لاچىن، قورۇلتاز-تاپقۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى،

14ھەممە قاغا-قوزغۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى،

15مۈشۈكياپىلاق، تۆگىقۇش، چايكا، سار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى،

16ھۇۋقۇش، ئىبىس، ئاق قۇ، ◼ 14:16 +bd «ھۇۋقۇش»+bd* ــ ياكى «كىچىك ھۇۋقۇش». +bd «ئاق قۇ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىن بۇنىڭ قانداق قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس.*

17ساقىيقۇش، بېلىقئالغۇچ، قارنا، ◼ 14:17 +bd «ساقىيقۇش»+bd* ــ ساقىيقۇش ياكى «سۇغا سۈڭگۈگۈچى». ئىبرانىي تىلىدىن بۇنىڭ قانداق قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس. +bd «قارنا»+bd* ــ ياكى «قوتان».*

18لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ بىلەن شەپەرەڭ دېگەنلەر سىلەرگە ھارام سانالسۇن. ◼ 14:18 +bd «تۇرنا»+bd* ــ ياكى «قوتان». +bd «لەيلەك، تۇرنا ... دېگەنلەر سىلەرگە ھارام سانالسۇن»+bd* ــ بۇ ھالال ۋە ھارام نەرسىلەر توغرۇلۇق «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*

19ھەربىر قاناتلىق ئۆمىلىگۈچى ھاشارەتلەر بولسا سىلەرگە نىسبەتەن ھارام بولىدۇ؛ ئۇلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك. ◼ 14:19 +bd «ھەربىر قاناتلىق ئۆمىلىگۈچى ھاشارەتلەر ... ئۇلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك»+bd* ــ بۇ تىزىملىكتىكى قۇشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى نامى تەۋراتتا پەقەت بىر-ئىككى قېتىم كۆرۈنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قايسى قۇشلار ئىكەنلىكىنى توپتوغرا بېكىتىش بەزىدە مۇمكىن بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي تىپلىرى، شۈبھىسىزكى، تەرجىمىمىزدەك بولىدۇ.*

20سىلەر بارلىق ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ.

21سىلەر ھېچقانداق ئۆلۈك جانىۋارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ سىلەر ئۇنداق نەرسىنى شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بېرىڭلار؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ ياكى ئۇنى يات ئەللىكلەركە سېتىۋەتسىمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسەن. سەن ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرساڭ بولمايدۇ. ◼ 14:21 +bd «شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. +bd «ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرساڭ بولمايدۇ»+bd* ــ بۇ ئەمر بەلكىم ئەتراپتىكى بۇتپەرەس خەلقلەرنىڭ مەلۇم ئۆرپ-ئادىتىگە ئەگەشمەسلىك كېرەكلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ توغرۇلۇق يەنە «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 14:21 مىس. 23‏:19؛ 34‏:26*

22سەن جەزمەن ھەر يىلى ئېتىزدىكى ھەممە تېرىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ئايرىشىڭ كېرەك؛

23سەن شۇلارنى، يەنى ئاشلىقىڭ، يېڭى شارابىڭ، زەيتۇن مېيىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا، يەنى ئۇ ئۆز نامىنى قالدۇرۇشقا تاللايدىغان جايدا يە، شۇنداقلا كالا-قوي پادىلىرىدىن ئايرىلغان تۇنجى بالىلىرىنى شۇ يەردە يە؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن دائىم قورقۇشنى ئۆگىنىسەن. ◘ 14:23 قان. 12‏:18،17*

24ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگەندە، ئۇ ئۆز نامىنى قالدۇرۇشقا تاللىغان شۇ جاي سەندىن ئىنتايىن يىراق بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىڭنى شۇ يەرگە ئاپىرالمىغۇدەك بولساڭ،

25سەن شۇ چاغدا ئۇنى پۇلغا سېتىپ، پۇلنى قولۇڭغا تېڭىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللىغان جايغا بارغىن

26ۋە كۆڭلۈڭ نېمە تارتسا، مەيلى كالا، قوي، مەي-شاراب، مۇسەللەس بولسۇن، ياكى شۇنىڭدەك كۆڭلۈڭ تارتقان ھەرقانداق نەرسىنى شۇ پۇلغا ئالساڭ بولىدۇ؛ ئاندىن سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر شۇ يەردە ئۇنىڭدىن يەپ-ئىچىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا شاد-خۇرام بولىسىلەر. ◘ 14:26 مات. 21‏:12*

27شەھەر-يېزىلىرىڭدا تۇرۇۋاتقان لاۋىيلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭ كېرەك، چۈنكى ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوق. ◼ 14:27 +bd «شەھەر-يېزىلىرىڭدا»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 14:27 چۆل. 18‏:20، 24؛ قان. 10‏:9؛ 12‏:12؛ 18‏:1، 2؛ 26‏:12*

28ھەر ئۈچ يىلنىڭ ئاخىرىدا سەن شۇ يىلدىكى مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ چىقار؛ سەن ئۇنى شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە توپلا؛ ◼ 14:28 +bd «شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*

icle>