قانۇن‭ ‬شەرھى 18:1-21 UIGB2010 - Bible AI

1لاۋىي كاھىنلار ۋە شۇنىڭدەك بارلىق لاۋىيلار قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلدا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى بولمايدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ* مىراسىدىن يېيىشكە بولىدۇ، ◼ 18:1 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن يېيىش»+bd* ــ دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ مىراسى بولغان زېمىندىكى مەھسۇلاتلاردىن يېيىش.* ◘ 18:1 چۆل. 18‏:20؛ قان. 10‏:9؛ 1كور. 9‏:13*

2بىراق ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. ◘ 18:2 چۆل. 18‏:20-32؛ قان. 10‏:9؛ ئ‍ەز. 44‏:28*

3كاھىنلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغان خەلقتىن ئالىدىغان ئۈلۈشى مۇنداق: ــ (مەيلى كالا ياكى قوي بولسۇن) قول، ئېڭەك گۆشى ۋە ئۈچەي-قېرىنى كاھىنلارغا بېرىلىدۇ.

4سىلەرنىڭ ئاشلىقىڭلاردىن، يېڭى شارابىڭلاردىن ۋە زەيتۇن مېيىڭلاردىن دەسلەپكى پىشقان ھوسۇلنى ۋە قويلىرىڭلاردىن دەسلەپكى قىرقىلغان يۇڭنى ئۇنىڭغا بېرىسىلەر؛

5چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆز نامىدا خىزمىتىدە دائىم تۇرۇشقا بارلىق قەبىلىلىرىڭلار ئىچىدىن تاللىۋالغان.

6ئەگەر لاۋىي بولغان بىر ئادەم پۈتكۈل ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق شەھەر-يېزىدىن، يەنى ئۆزى ماكانلاشقان جايدىن چىقىپ، پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا كەلسە

7ۋە شۇ يەردە پەرۋەردىگار ئالدىدا تۇرغۇچى بارلىق قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىدا خىزمەتتە تۇرغان بولسا،

8ئۇنداقتا (مەيلى ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراسىنى سېتىۋەتكەن ياكى سېتىۋەتمىگەن بولسۇن) ئۇنىڭ يەيدىغان ئۈلۈشى قېرىنداشلىرىنىڭكىدەك بولۇشى كېرەك. ◼ 18:8 +bd «مەيلى ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراسىنى سېتىۋەتكەن ياكى سېتىۋەتمىگەن بولسۇن،...»+bd* ــ لاۋىيلارنىڭ ئۆز ئالدىغا چوڭ زېمىنى بولمايتتى، بەلكى پەقەت بەزى شەھەرلەردە قورۇ-جايلىرى ۋە ئەتراپىدا چەكلىك يايلاقلىرىلا بولاتتى. «چۆل.» 1:35-8نى كۆرۈڭ. باشقا نەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.*

9سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چاغدا، سەن شۇ يەردىكى ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگەنمەسلىكىڭ كېرەك.

10ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى ئوتتىن ئۆتكۈزىدىغان، پالچىلىق، رەمچىلىك، ئەپسانىيلىك، جادۇگەرلىك ◼ 18:10 +bd «...بالىلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈش»+bd* ــ بەلكىم «ئىنسان قۇربانلىقى»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.* ◘ 18:10 لاۋ. 18‏:21؛ 20‏:27؛ 1سام. 28‏:7؛ يەش. 8‏:19*

11ياكى دەمىدىچىلىك قىلغۇچى ياكى جىنكەش، سېھىرگەر ياكى ئۆلگەنلەردىن يول سورىغۇچى ھېچقانداق كىشى بولمىسۇن؛

12چۈنكى بۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ھەرقانداق كىشى پەرۋەردىگارغا نەپرەتلىك بولىدۇ؛ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ.

13سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز مۇكەممەل بولۇشۇڭ كېرەك؛

14چۈنكى سەن زېمىندىن ھەيدەيدىغان بۇ ئەللەر رەمچىلەر ۋە پالچىلارغا قۇلاق سالىدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئۇنداق قىلىشقا يول قويمايدۇ.

15پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەر ئۈچۈن ئاراڭلاردىن، قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار. ◘ 18:15 يـۇھ. 1‏:46؛ روس. 3‏:22؛ 7‏:37*

16بۇ سىلەر ھورەب تېغىدا يىغىلغان كۈندە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن: «پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىمايلى، بۇ دەھشەتلىك ئوتنى كۆرمەيلى، بولمىسا ئۆلۈپ كېتىمىز» دەپ تەلەپ قىلغىنىڭلارغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. ◘ 18:16 مىس. 20‏:19؛ قان. 5‏:25؛ ئىبر. 12‏:19*

17شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇلارنىڭ ماڭا دېگەن سۆزى ياخشى بولدى.

18مەن ئۇلارغا قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ساڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەرنى تۇرغۇزىمەن، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سالىمەن ۋە ئۇ مەن ئۇنىڭغا بارلىق تاپىلىغىنىمنى ئۇلارغا سۆزلەيدۇ. ◘ 18:18 يـۇھ. 4‏:25*

19ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ مېنىڭ نامىمدا دەيدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايدىغان ھەرقانداق كىشى بولسا، مەن ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىمەن. ◼ 18:19 +bd «+bdit شۇ پەيغەمبەر+bdit* مېنىڭ نامىمدا دەيدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايدىغان ھەرقانداق كىشى بولسا، مەن ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىمەن»+bd* ــ بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.*

20ئەمما مېنىڭ نامىمدا باشباشتاقلىق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا تاپىلىمىغان بىرەر سۆزنى سۆزلىسە ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەر ئۆلتۈرۈلسۇن. ◼ 18:20 +bd «باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر ... ئۆلتۈرۈلسۇن»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر ... ئۆلىدۇ» ــ دېمەك، ئۆزلۈكىدىن ئۆلىدۇ. بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ كۆرسەتكىنى شۇ پەيغەمبەرنى ئۆلتۈرۈش كېرەكلىكى بولسا كېرەك.* ◘ 18:20 قان. 13‏:6؛ يەر. 14‏:14*

21ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «پەرۋەردىگار قىلمىغان سۆزنى قانداق پەرق ئېتىمىز» دېسەڭ،

icle>