قانۇن‭ ‬شەرھى 23:1-24 UIGB2010 - Bible AI

1كىمكى سوقۇلۇش ياكى كېسىلىش تۈپەيلىدىن ئاختا قىلىۋېتىلگەن بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن. ◼ 23:1 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى»+bd* ــ بۇ ئىبارە: بىرىنچىدىن مۇقەددەس جاي ئالدىدا بولسۇن ياكى باشقا يەرلەردە بولسۇن ئىبادەت سورۇنلىرىنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا تاپشۇرغان ھېيت-بايراملارغا قاتنىشىش ئىمتىيازىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئىسرائىلدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق پۇقرالار، يەنى ئەمەلدار، ئاقساقاللار ياكى سوراقچى بولالايدىغانلارنى كۆرسەتسە كېرەك.

2كىمكى ھارامدىن تۇغۇلغان بولسا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرەلمەس؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە مۇنداقلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن.

3ھېچبىر ئاممونىي ۋە يا ھېچبىر موئابىي پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە ئۇلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ھەرگىز كىرمىسۇن. ◘ 23:3 نەھ. 13‏:1*

4سەۋەب شۇكى، سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلار ئالدىڭلارغا يېمەكلىك، سۇ ئېلىپ چىقمىدى ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشقا سىلەرنى قارغىسۇن دەپ، ئارام-ناھارائىمدىكى پېتورلۇق بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى ياللىدى. ◼ 23:4 +bd «ئۇلار ئالدىڭلارغا يېمەكلىك، سۇ ئېلىپ چىقمىدى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار ئالدىڭلارغا نان، سۇ ئېلىپ چىقمىدى».* ◘ 23:4 چۆل. 22-24*

5لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بولسا بالائامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن قارغىشنى بەرىكەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مۇھەببەت باغلىغان.

6سىلەر ھەممە كۈنلىرىڭلاردا ئاممونىيلار ۋە موئابىيلار*نىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە بەختىنى ھەرگىز ئىستىمەڭلار.

7لېكىن ئېدومىيلار قېرىندىشىڭلار بولغاچ، ئۇلارغا نەپرەت بىلەن قارىماڭلار. مىسىرلىقلارغىمۇ نەپرەت بىلەن قارىماڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانىدىڭلار.

8بۇلارنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ.

9دۈشمەنلىرىڭگە قارشى جەڭگە چىقىپ چېدىر تىكسەڭ، ھەرخىل ناپاكلىقتىن ئېھتىيات قىلغىن.

10ئەگەر ئاراڭلاردا كېچىسى بىرسى چۈشىدە شەيتان ئاتلاپ ناپاك بولغان بولسا، ئۇ چېدىرگاھدىن چىقىپ كەتسۇن؛ چېدىرگاھقا ئۇدۇللا كىرمىسۇن؛ ◼ 23:10 +bd «شەيتان ئاتلاپ»+bd* ــ بىز مۇشۇ سۆزنى تەرجىمىمىزدە ئىشلەتكىنىمىز شەيتاننىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكىنىمىز يوق. ئوقۇرمەنلەر بۇ سۆزگە تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشلەتتۇق، خالاس.*

11كەچقۇرۇن كىرگەندە ئۇ سۇغا چۈشۈپ، كۈن پاتقاندا چېدىرگاھغا يېنىپ كىرسۇن.

12ھاجىتىڭلار* ئۈچۈن چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بىر جايىڭلار بولسۇن؛ تەرەتكە شۇ يەرگە بېرىڭلار.

13سايمانلىرىڭ ئىچىدە بىر گۈرجەك بولسۇن؛ سەن سىرتتا تەرەتكە ئولتۇرساڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئورەك كولاپ تەرىتىڭنى كۆمۈۋەت.

14چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزۇشقا، دۈشمەنلىرىڭنى ئالدىڭلارغا تاپشۇرۇشقا چېدىرگاھىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىدۇ؛ شۇڭا سېنىڭ چېدىرگاھىڭ پاك بولسۇن. بولمىسا ئۇ سېنىڭكىدە بىرەر پاسكىنىلىق كۆرسە سەندىن ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن.

15ئۆز خوجىسىدىن قېچىپ يېنىڭغا كەلگەن قۇلنى ئۆز خوجىسىغا تۇتۇپ بەرمىگىن.

16ئۇ ئاراڭلاردا سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ، قايسى شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئىچىدە قايسى يەرنى تاللىسا، شۇ يەردە تۇرسۇن. سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار.

17ئىسرائىلنىڭ قىزلىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە بولمىسۇن، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە ھەزىلەك بولمىسۇن.

18بىر قەسەمنى بەجا كەلتۈرمەك ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە پاھىشىنىڭ پۇلىنى ياكى ھەزىلەكنىڭ پۇلىنى كەلتۈرمىگىن؛ چۈنكى بۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىكتۇر. ◼ 23:18 +bd «ھەزىلەك»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىت». ئايەتتە ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇلغىنى بۇتپەرەسلىك يولىدا پاھىشە بولۇپ تېنىنى ساتقۇچىلار.*

19سىلەر ئۆز قېرىندىشىڭلاردىن ئۆسۈم ئالماڭلار؛ پۇلنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن، ئاشلىقنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن ياكى ھەرقانداق ئۆسۈم ئالغۇدەك باشقا نەرسىنىڭ ئۆسۈمىنى ئالساڭلار بولمايدۇ. ◘ 23:19 مىس. 22‏:25؛ لاۋ. 25‏:36؛ نەھ. 5‏:2-13؛ لۇقا 6‏:34 ،35*

20ئەمما چەتئەللىكتىن ئۆسۈم ئالساڭلار بولىدۇ، لېكىن قېرىندىشىڭلاردىن ھېچ ئۆسۈم ئالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر ئۇنى ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندا، قوللىرىڭلارنىڭ بارلىق ئەمگىكىدە سىلەرگە بەرىكەت بېرىدۇ.

21سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا بىر نەرسىنى ئاتاشقا قەسەم قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ھايال قىلما. بولمىسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى سەندىن تەلەپ قىلغىنىدا گۇناھكار بولىسەن. ◘ 23:21 چۆل. 30‏:3*

22لېكىن ئەگەر سەن بىر نەرسىنى ئاتاشقا قەسەم قىلمىساڭ، ئۇ ساڭا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.

23ئاغزىڭدىن چىققانغا ئەمەل قىلغىن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قەسەم قىلىپ ئاتىغىنىڭنى، يەنى ئاغزىڭنىڭ سۆزى بويىچە ئىختىيارىي ھەدىيەڭنى سۇنۇشۇڭ كېرەك.

24سەن قوشناڭنىڭ تاللىقىغا كىرسەڭ خالىغىنىڭچە يەپ تويۇن، ئەمما قاچا-قۇچاڭغا ئېلىپ ماڭمىغىن.

icle>