1پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھازىر ئىگىلەشكە كېتىۋاتقان زېمىنغا باشلاپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئالدىڭدىن كۆپ يات ئەل-مىللەتلەرنى، يەنى ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ــ سەندىن كۈچلۈك ئەل-مىللەتلەرنى ھەيدىۋېتىدۇ. ◘ 7:1 قان. 31:3*
2ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇشى بىلەن سەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىنىڭدا، سەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭ كېرەك؛ ئۇلار بىلەن ھېچ ئەھدە تۈزىشىڭگە ۋە ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىشىڭغا بولمايدۇ. ◼ 7:2 +bd «...ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىشىڭغا بولمايدۇ»+bd* ــ بۇ ئەمر (ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا بارلىق ئەمرلەر) توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 7:2 مىس. 23:32؛ 34:15؛ چۆل. 33:52؛ يە. 11:11 *
3سېنىڭ ئۇلار بىلەن نىكاھلىشىشىڭغا بولمايدۇ؛ سەن قىزىڭنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىشىڭگىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىزىنى ئوغلۇڭغا ئېلىپ بېرىشىڭگىمۇ بولمايدۇ؛ ◘ 7:3 مىس. 34:16؛ 1پاد. 11:2*
4چۈنكى ئۇلار ئوغلۇڭنى ماڭا ئەگىشىشتىن ئېزىقتۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؛ ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، سىلەرنى تېزلا يوقىتىدۇ.
5سەن ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىۋېتىڭلار ۋە ئويما بۇتلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ ◼ 7:5 +bd «ئاشەراھ»+bd* ــ «ئايال بۇتلار»، بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم بۇت شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.* ◘ 7:5 مىس. 23:24؛ 34:13؛ قان. 12:2، 3*
6چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا پاك-مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسىلەر؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق باشقا خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىپ، ئۆزىگە خاس بىر خەلق بولۇشقا تاللىۋالغان. ◘ 7:6 مىس. 19:5؛ قان. 4:20؛ 14:21؛ 26:18؛ 28:9؛ 1پېت. 2:9*
7پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە مېھىر چۈشۈپ سىلەرنى تاللىۋالغىنى سىلەرنىڭ باشقا خەلقلەردىن كۆپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە سىلەر بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ ئاز ئىدىڭلار،
8پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى سۆيگىنى سەۋەبىدىن ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئالدىدا بەرگەن قەسىمىگە سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرنى كۈچلۈك قول بىلەن قۇتقۇزۇپ، ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ «قۇللۇق ماكانى»دىن، يەنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن چىقارغان. ◼ 7:8 +bd «ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ ...چىقارغان»+bd* ــ مۇشۇ سىرلىق سۆزلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 7:8 قان. 10:15*
9شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بەرھەق خۇدا، ۋەدىسىدە تۇرغۇچى تەڭرى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا مىڭ دەۋرگىچە ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچىدۇر؛ ◘ 7:9 مىس. 20:5؛ قان. 5:9*
10لېكىن ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يوقىتىدۇ؛ ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ھەربىرىگە ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە قايتۇرۇشقا ھايال قىلمايدۇ. ◘ 7:10 ناھ. 1:2*
11سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئەمر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى چىڭ تۇتۇڭلار.
12چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان ئەھدە ۋە مېھىرنى سىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ؛ ◘ 7:12 لاۋ. 26:3؛ قان. 28:1*
13سېنى سۆيۈپ بەرىكەتلەپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم بىلەن ساڭا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرغۇزۇپ كۆپەيتىدۇ؛ شۇ يەردە پەرزەنتلىرىڭنى، يەر-تۇپرىقىڭدىكى مەھسۇلاتلارنى، بۇغدىيىڭنى، يېڭى شارابىڭنى، زەيتۇن مېيىڭنى، كالىلىرىڭنىڭ نەسلىنى ۋە قويلىرىڭنىڭ قوزىلىرىنى بەرىكەتلەپ كۆپەيتىدۇ. ◼ 7:13 +bd «پەرزەنتلىرىڭ»+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*
14سەن بارلىق ئەللەردىن زىيادە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ ئاراڭدا، ئەر-ئايال ياكى مال-چارۋاڭ ئارىسىدا ھېچ تۇغماسلىق بولمايدۇ؛ ◼ 7:14 +bd «سەن بارلىق ئەللەردىن زىيادە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن...»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «سەن» دېگەن سۆز خۇدا پۈتكۈل ئىسرائىلنى بىر ئادەمدەك كۆرۈپ، ئۇلارغا بىر گەۋدە سۈپىتىدە سۆزلەيدۇ. +bd «ئاراڭدا، ئەر-ئايال ياكى مال-چارۋاڭ ئارىسىدا...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاراڭدا، مەيلى ئەركەكلەر مەيلى ئاياللاردا ياكى مال-چارۋاڭ ئارىسىدا....».* ◘ 7:14 مىس. 23:26*
15پەرۋەردىگار سەندىن بارلىق كېسەللەرنى نېرى قىلىدۇ ۋە سەن ئۆزۈڭ كۆرگەن مىسىردىكى دەھشەتلىك ۋابالاردىن ھېچقايسىسىنى ئۈستۈڭگە سالمايدۇ، بەلكى ساڭا ئۆچ بولغانلارغا سالىدۇ.
16سەن پەرۋەردىگار ساڭا تاپشۇرغان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلماسلىقىڭ كېرەك، سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، بۇ ئىش ساڭا قىلتاق بولىدۇ. ◼ 7:16 +bd «ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلماسلىقىڭ كېرەك...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆزۈڭ ئۇلارنى ھېچ ئايىمىسۇن...».*
17ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «بۇ ئەللەر مەندىن كۈچلۈك؛ مەن قانداق قىلىپ ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلەيمەن؟» ــ دېسەڭ،
18ئۇلاردىن قورقما؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ پىرەۋن ھەم بارلىق مىسىرلىقلارنى قانداق قىلغانلىقىنى ئەسلىگىن،
19ــ يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلغان، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن دەھشەتلىك ھۆكۈم-سىناقلار، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر، كۈچلۈك قول ۋە سوزۇلغان بىلەكنى مەھكەم ئېسىڭدە تۇت؛ پەرۋەردىگار سەن قورقۇۋاتقان بارلىق خەلقنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ◘ 7:19 قان. 4:34؛ 29:3*
20ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاكى ئۇلارنىڭ سەندىن يوشۇرۇنغان قالدۇقلىرى يوقىتىلغۇچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېرىق ھەرىلەرنى ئەۋەتىدۇ؛ ◼ 7:20 +bd «سېرىق ھەرە»+bd* ــ ئادەتتىكى ھەرىدىن تېخىمۇ چوڭ ۋە چاققاق بىرخىل ھەرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.* ◘ 7:20 مىس. 23:28؛ يە. 24:12*
21سەن ئۇلاردىن قورقماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدىدۇر؛ ئۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك بىر ئىلاھدۇر.
22پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن پەيدىنپەي ھەيدەيدۇ؛ سەن ئۇلارنى بىراقلا يوقىتىۋېتەلمەيسەن؛ بىراقلا يوقىتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، دالادىكى ھايۋانلار كۆپىيىپ، ئۈستۈڭگە باستۇرۇپ كېلىشى مۇمكىن.
23لېكىن ئالدىڭغا ئىلگىرىلەپ ماڭغىنىڭدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ، يوقىتىلغۇچە دەككە-دۈككىگە سالىدۇ.
24ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ناملىرىنىمۇ ئاسمان ئاستىدىن يوق قىلىسەن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ھېچبىر ئادەم ئالدىڭدا تۇرالمايدۇ.
25سىلەر ئۇلارنىڭ ئويما بۇتىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ كۆز قىرىڭلارنى شۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشكە سالماڭلار، ئۇلارنى ئالماڭلار؛ بولمىسا ئۇ سىلەرگە قىلتاق بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بىر نەرسىدۇر.