1-2 خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى دەپ چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىندىشىمىز سوستېنىستىن كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتكە، مەسىھ ئەيسادا پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، «مۇقەددەس بەندىلىرىم» دەپ چاقىرىلغانلارغا ۋە شۇنىڭدەك ھەر يەرلەردە رەب ئەيسا مەسىھنىڭ (ئۇ ئۇلارغا ۋە بىزگە مەنسۇپ!) نامىغا نىدا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە سالام! ◼ 1:1-2 +bd «ھەر يەرلەردە رەب ئەيسا مەسىھنىڭ (ئۇ ئۇلارغا ۋە بىزگە مەنسۇپ!) نامىغا نىدا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى»+bd* ــ بۇ ئىبارە «ئالەمشۇمۇل جامائەت»نىڭ ئاددىي ۋە يىغىنچاق بىر تەبىرىدۇر.* ◘ 1:1-2 يـۇھ. 17:19؛ روس. 15:9؛ رىم. 1:7؛ ئەف. 1:1؛ 1تېس. 4:7؛ 2تىم. 2:22. *
3ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! ◘ 1:3 رىم. 1:7؛ 2كور. 1:2؛ ئەف. 1:2؛ 1پېت. 1:2. *
4خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن خۇدايىمغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمەن؛
5بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭدا ھەر تەرەپتە، ھەرقانداق سۆزدە، ھەر تەرەپتىكى بىلىملەردە باي قىلىنغانسىلەر، ◼ 1:5 +bd «بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭدا ھەر تەرەپتە ... باي قىلىنغانسىلەر»+bd* ــ «ئۇنىڭدا» ــ مەسىھ ئەيسادا.* ◘ 1:5 كول. 1:9. *
6خۇددى مەسىھنىڭ گۇۋاھلىقى سىلەردە تەستىقلانغاندەك. ◼ 1:6 +bd «... خۇددى مەسىھنىڭ گۇۋاھلىقى سىلەردە تەستىقلانغاندەك»+bd* ــ خۇدانىڭ ئۇلارغا روھىي ئىلتىپاتلارنى بېغىشلىغانلىقى: (1) خۇدانىڭ كورىنتلىقلارغا پاۋلۇسنىڭ مەسىھ توغرۇلۇق بولغان گۇۋاھلىقىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىنى ۋە (2) خۇدانىڭ مەسىھنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدە تۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن مەسىھكە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەستىقلىغىنى ئىدى. مەسىلەن، خۇدا روھىي ئىلتىپاتلىرى ئارقىلىق كورنېلىئۇسدىكىلەرنى «مېنىڭ ئادەملىرىم» دەپ تەستىقلىغانىدى («روس.» 44:10-48گە قاراڭ. «روھىي ئىلتىپاتلار»نى چۈشىنىش ئۈچۈن 12- ۋە 14-بابقا قاراڭ.*
7شۇنىڭ بىلەن سىلەردە ھەرقانداق روھىي ئىلتىپات كەملىك قىلماستان، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئايان قىلىنىشىنى كۈتىسىلەر؛ ◼ 1:7 +bd «رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئايان قىلىنىشى»+bd* ــ رەب دۇنياغا قايتىپ كەلگەندە ئۇ ھەر ئادەمگە ئايان بولىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 1:7 فىل. 3:20؛ تىت. 2:13. *
8ئۇ يەنە سىلەرنى مۇستەھكەملەيدۇكى، رەب ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنى كەلگۈچە ئەيىبسىز ساقلىنىسىلەر؛ ◼ 1:8 +bd «رەب ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنى»+bd* ــ ئۇنىڭ زېمىنغا قايتا كېلىدىغان كۈنى.* ◘ 1:8 1تېس. 3:13؛ 5:23. *
9خۇدا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر ــ سىلەرنى ئۆز ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىگە چاقىرغۇچى دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ◼ 1:9 +bd «خۇدا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر»+bd* ــ دېمەك، خۇدا ئادەمنى ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەس سىرداش-ھەمدەملىكىگە چاقىرغاچقا، ئۆز مېھىر-شەپقىتى بىلەن ئۇنى يەنە ئاخىرغىچە گۇناھ ۋە شەيتاننىڭ ئىلكىدىن ساقلاپ، پاك ھاياتتا ياشاشقا كۈچەيتىشكە ۋەدە قىلغان.* ◘ 1:9 يەر. 32:40-44؛ يـۇھ. 15:5؛ 1كور. 10:13؛ گال. 2:20؛ 1تېس. 5:24؛ 1يۇھ. 1:3. *
10ئەمدى مەن سىلەردىن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، گېپىڭلار بىر يەردىن چىقسۇن، ئاراڭلاردا بۆلگۈنچىلىك بولمىسۇن، بىر پىكىردە، بىر نىيەتتە كامىل بىرلەشتۈرۈلۈڭلار؛ ◼ 1:10 +bd «مەن سىلەردىن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلار...»+bd* ــ «قېرىنداشلار» ئىنجىلدا «ئېتىقادچى ئاكا-ئۇكىلار» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما پۈتكۈل مۇقەددەس كىتابتا قېرىنداشلار («ئېتىقادچى ئاكا-ئۇكىلار») «ئېتىقادچى ئاچا-سىڭىللار»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پرىنسىپ «يار.» 27:1دە كۆرۈنىدۇ؛ «خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى» بولغان «ئادەم»نىڭ ئۆزى «ئەر-ئايال»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز «قېرىنداشلار» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.* ◘ 1:10 رىم. 12:16؛ 15:5؛ فىل. 2:2؛ 3:16؛ 1پېت. 3:8. *
11چۈنكى كلوۋىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماڭا سىلەر توغراڭلاردا ئېيتىشىچە، ئى قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا تالاش-تارتىشلار بار ئىكەن.
12دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ھەربىرىڭلار: «مەن پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن ئاپوللوسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن كېفاسنىڭ تەرەپدارى» ۋە «مەن مەسىھنىڭ تەرەپدارى» دەۋاتىسىلەر. ◼ 1:12 +bd «كېفاس»+bd* ــ روسۇل پېترۇسنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئىدى.* ◘ 1:12 روس. 18:24؛ 1كور. 3:4؛ 16:12. *
13ئەجەبا، مەسىھ بۆلۈنگەنمىكەن؟ سىلەر ئۈچۈن كرېستلەنگەن ئادەم پاۋلۇسمىدى؟ سىلەر پاۋلۇسنىڭ نامىغا چۆمۈلدۈرۈلدۈڭلارمۇ؟ ◼ 1:13 +bd «سىلەر پاۋلۇسنىڭ نامىغا چۆمۈلدۈرۈلدۈڭلارمۇ؟»+bd* ــ «چۆمۈلدۈرۈلدۈڭلارمۇ» مۇشۇ يەردە سۇغا چۈمۈلدۈرۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ.*
14مەن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى، ئاراڭلاردىن كرىسپۇس بىلەن گايۇستىن باشقا ھېچقايسىڭلارنى چۆمۈلدۈرمىدىم؛ ◘ 1:14 روس. 18:8؛ رىم. 16:23. *
15شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم مېنى ئۆزىنىڭ نامىدا ئادەملەرنى چۆمۈلدۈردى، دېيەلمەيدۇ.
16دۇرۇس، مەن يەنە ئىستىفاناسنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىمۇ چۆمۈلدۈردۈم؛ باشقا بىراۋنى چۆمۈلدۈرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. ◘ 1:16 1كور. 16:15،17. *
17چۈنكى مەسىھ مېنى ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛ ئۇنى جاكارلاش بولسا ئىنساننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن بولماسلىقى كېرەك؛ ئۇنداق بولغاندا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىنىڭ* كۈچى يوقىتىلغان بولىدۇ. ◘ 1:17 1كور. 2:1، 4؛ 2پېت. 1:16. *
18چۈنكى كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرۇلۇق سۆز-كالام ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلارغا ئەخمەقلىق، ئەمما قۇتۇلدۇرۇلۇۋاتقان بىزلەرگە خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر. ◘ 1:18 رىم. 1:16. *
19چۈنكى مۇنداق پۈتۈلگەنكى، «مەن دانىشمەنلەرنىڭ دانىشمەنلىكىنى يوقىتىمەن، ئاقىللارنىڭ ئاقىللىقىنى چەتكە قاقىمەن». ◼ 1:19 +bd «چۈنكى مۇنداق پۈتۈلگەنكى...»+bd* ــ «مۇنداق پۈتۈلگەن» ــ مۇقەددەس كىتابتا يېزىقلىق. مۇشۇ يەردىكى سۆزلەر تەۋرات، «يەش.» 14:29دىن ئېلىنغان.* ◘ 1:19 ئايۇپ 5:12؛ يەش. 29:14. *
20ئۇنداقتا، دانىشمەنلەر قېنى؟ تەۋرات ئۆلىمالىرى قېنى؟ بۇ دۇنيادىكى بەس-مۇنازىرە قىلغۇچىلار قېنى؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى ئەخمەقلىق دەپ كۆرسەتكەن ئەمەسمۇ؟ ◘ 1:20 يەش. 33:18. *
21چۈنكى خۇدا دانالىقى بىلەن بېكىتكىنى بويىچە، دۇنيا ئۆز دانالىقى ئارقىلىق خۇدانى تونۇمىغان، شۇڭا خۇدا ئەخمىقانە دەپ قارالغان، جاكارلىنىۋاتقان سۆز-كالام ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەرگە نىجاتلىق يەتكۈزۈشنى لايىق كۆرگەن. ◘ 1:21 مات. 11:25؛ لۇقا 10:21. *
22چۈنكى يەھۇدىيلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، گرېكلار بولسا «دانالىق»نى تەلەپ قىلىدۇ؛ ◼ 1:22 +bd «... گرېكلار بولسا «دانالىق»نى تەلەپ قىلىدۇ»+bd* ــ شۇ زاماندىكى گرېك مەدەنىيىتىدە پەلسەپەنى چوقۇنۇش دەرىجىسىگە يەتكەن دېگىلى بولىدۇ (مەسىلەن، «روس.» 21:17 ۋە ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرنى كۆرۈڭ).* ◘ 1:22 مات. 12:38؛ 16:1؛ يـۇھ. 4:48. *
23ئەمما بىز بولساق مەسىھنى، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھنى جاكارلايمىز؛ بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بىزارلىق ئىش، ئەللەرگە نىسبەتەن ئەخمىقانىلىك دەپ قارىلىدۇ؛ ◼ 1:23 +bd «بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بىزارلىق ئىش...»+bd* ــ ياكى «بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن پۇتلىكاشاڭ...».* ◘ 1:23 مات. 11:6. يـۇھ. 6:60،66. *
24ئەمما چاقىرىلغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى يەھۇدىيلار بولسۇن ياكى گرېكلار بولسۇن، مەسىھ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ دانالىقىدۇر. ◘ 1:24 كول. 2:3. *
25چۈنكى خۇدانىڭ ئەخمىقانىلىكى ئىنسانلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈندۇر، خۇدانىڭ ئاجىزلىقى ئىنسانلارنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈندۇر.
26چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى ھالىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار؛ چاقىرىلغانلار ئارىسىدا ئىنسانىي تەرەپتىن دانا قارالغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، كۈچ-ھوقۇققا ئىگە بولغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، ئاقسۆڭەكلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى؛ ◼ 1:26 +bd «ئىنسانىي تەرەپتىن...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئەتنىڭ كۆزقارىشىچە...».* ◘ 1:26 يـۇھ. 7:48؛ ياق. 2:5. *
27بەلكى خۇدا دانالارنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەخمەق سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛ كۈچلۈكلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛
28ئۇ يەنە بۇ دۇنيادىكى قەدىرسىزلەرنى، پەس كۆرۈلىدىغانلارنى تاللىۋالدى، «يوق بولغان نەرسىلەر»نى مەۋجۇت شەيئىلەرنى يوققا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن تاللىۋالدى. ◼ 1:28 +bd «مەۋجۇت شەيئىلەر»+bd* ــ مۇشۇ يەردە ھەرخىل ئادەملەرنى، ھۆكۈمرانلارنى، دۆلەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.*
29ئۇنىڭ مەقسىتى خۇدا ئالدىدا ھېچ ئەت ئىگىسى ماختانماسلىق ئۈچۈندۇر.
30ئەمما ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەر مەسىھ ئەيسادا تۇرىسىلەر؛ ئۇ بىزگە خۇدادىن كەلگەن دانالىق، ھەققانىيلىق، پاك-مۇقەددەسلىك ۋە ھۆرلۈك-ئازادلىق قىلىنغاندۇر؛ ◼ 1:30 +bd «ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەر مەسىھ ئەيسادا تۇرىسىلەر...»+bd* ــ «ئۇنىڭ تەرىپىدىن» خۇدا تەرىپىدىن، دېمەك. +bd «ھۆرلۈك-ئازادلىق قىلىنغاندۇر»+bd* ــ «ھۆرلۈك-ئازادلىق» گۇناھنىڭ ۋە شەيتاننىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولۇشتۇر.* ◘ 1:30 يەر. 23:5؛ يـۇھ. 17:19. *