كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 12:1-30 UIGB2010 - Bible AI

1ئەمما ئى قېرىنداشلار، روھىي ئىلتىپاتلارغا كەلسەك، سىلەرنىڭ ئۇلار توغرۇلۇق بىلمەي قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. ◼ 12:1 +bd «روھىي ئىلتىپاتلارغا كەلسەك...»+bd* ــ «روھىي ئىلتىپاتلار» دېگەنلەر مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان، مۇشۇ بابتا «تەبىئەتتىن تاشقىرى» مۆجىزىلىك قابىلىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.*

2سىلەر تائىپىلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان ۋاقتىڭلاردا ھەرخىل يوللارغا باشلىنىپ، گاس-گاچا بۇتلارغا چوقۇنۇشقا* ئازدۇرۇلۇپ كەتكىنىڭلارنى بىلىسىلەر.

3شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇقتۇرىمەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ روھىدا تۇرۇپ: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ ۋە ھەرقانداق بىرى مۇقەددەس روھتا بولماي تۇرۇپ «ئەيسا رەبدۇر!» دەپ ئېيتالمايدۇ. ◘ 12:3 مار. 9‏:39؛ يـۇھ. 13‏:13؛ 1كور. 8‏:6. *

4ئەمما ئىلتىپاتلار خىلمۇخىل، لېكىن روھ بولسا بىردۇر. ◼ 12:4 +bd «ئەمما ئىلتىپاتلار خىلمۇخىل، لېكىن روھ بولسا بىردۇر»+bd* ــ «روھ» دېگەن خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ.* ◘ 12:4 رىم. 12‏:6؛ 1پېت. 4‏:10. *

5خىزمەتلەر بولسا ھەرخىل، ئەمما بىز خىزمىتىنى قىلىدىغان* رەب بىردۇر.

6ئىشلەش يوللىرى ھەرخىل، ئەمما ھەممەيلەندە ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى خۇدا بىردۇر.

7ئەمما ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەربىرىگە روھنىڭ نامايان بولۇشى بېغىشلىنىدۇ.

8چۈنكى روھ ئارقىلىق بىرىگە دانالىق يەتكۈزگۈچى سۆز، يەنە بىرىگە شۇ ئوخشاش روھ ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگۈچى سۆز تەقسىم قىلىنىدۇ؛ ◼ 12:8 +bd «... روھ ئارقىلىق بىرىگە دانالىق يەتكۈزگۈچى سۆز، يەنە بىرىگە شۇ ئوخشاش روھ ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگۈچى سۆز تەقسىم قىلىنىدۇ»+bd* ــ بۇ ئىككى ئىلتىپات ۋە تۆۋەندىكى يەنە يەتتە «روھىي ئىلتىپات» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*

9يەنە ئوخشاش روھ ئارقىلىق باشقا بىرىگە ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە ئوخشاش روھ ئارقىلىق كېسەللەرنى* ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى، ◼ 12:9 +bd «كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ساقايتىشلارنىڭ ئىلتىپاتلىرى» ــ دېمەك، مۇقەددەس روھنىڭ مۆجىزىلىك ساقايتىش يوللىرى بىرخىللا ئەمەس.*

10بىراۋغا مۆجىزىلەرنى يارىتىش تەقسىم قىلىنىدۇ؛ بىراۋغا ۋەھىي-بېشارەت بېرىش؛ بىراۋغا ھەرخىل روھلارنى پەرق ئېتىش، بىراۋغا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىراۋغا نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىلتىپاتى تەقسىم قىلىنىدۇ. ◼ 12:10 +bd «ۋەھىي-بېشارەت بېرىش»+bd* ــ گرېك تىلىدا: «پەيغەمبەرلىك سۆز قىلىش». «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*

11ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يۈرگۈزگۈچى ئوخشاش شۇ بىر روھتۇر، ئۇ ھەربىرىگە ئۆزى لايىق كۆرۈپ، ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ◘ 12:11 رىم. 12‏:3، 6؛ 1كور. 7‏:7؛ 2كور. 10‏:13؛ ئ‍ەف. 4‏:7. *

12چۈنكى ئىنسانىي تەن بىر بولسىمۇ نۇرغۇن ئەزالىرى بولغىنىدەك، شۇنداقلا ئەزالىرى نۇرغۇن بولسىمۇ ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىر تەن بولغاندەك، مەسىھ ئۆزىمۇ ھەم شۇنداقتۇر. ◘ 12:12 رىم. 12‏:4، 5؛ ئ‍ەف. 4‏:16. *

13چۈنكى ھەممىمىز، مەيلى يەھۇدىيلار بولساقمۇ، گرېكلەر بولساقمۇ، قۇللار بولساقمۇ، ھۆرلەر بولساقمۇ، بىر روھتا بىر تەنگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلدۇق ۋە بىر روھتىن ئىچىشكە نېسىپ قىلىندۇق. ◘ 12:13 گال. 3‏:28. *

14چۈنكى تەن بىرلا ئەزادىن ئەمەس، بەلكى كۆپ ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ.

15ئەگەر پۇت: «مەن قول بولمىغىنىم ئۈچۈن مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟

16قۇلاق: «مەن كۆز ئەمەس، شۇڭا مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟

17پۈتۈن تەن كۆزلا بولسا، ئۇنداقتا ئاڭلاش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاقلا بولسا، ئۇنداقتا پۇراش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟

18ھالبۇكى، خۇدا ئۆزىگە لايىق كۆرگەن تەن ئەزالىرىنىڭ ھەربىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئۆز جايىغا ئورۇنلاشتۇرغان؛

19ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەزا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى قانداقمۇ تەن دېگىلى بولاتتى؟

20ئەمدىلىكتە ئەزالار كۆپ، تەن بولسا بىردۇر.

21كۆز قولغا: «مېنىڭ ساڭا ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ؛ ياكى باش بولسا پۇتلارغا: «مېنىڭ سىلەرگە ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ.

22دەل ئەكسىچە، تەندىكى ئاجىز-ئەرزىمەس دەپ كۆرۈنگەن ئەزالار كەم بولسا بولمايدۇ؛

23ۋە ھەم تەندىكى بىز ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلىغان ئەزالارغا بولسا، تېخىمۇ كۆپرەك ئېتىۋار قىلىمىز؛ شۇنداقلا ئىسكەتسىز دەپ قارالغان ئەزالىرىمىز تېخىمۇ ئىسكەتلىك قىلىنىدۇ؛

24ئەسلىدە يارىشىملىق بولغان ئەزالىرىمىزغا بولسا شۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما خۇدا پۈتۈن تەننى شۇنداق بىرلەشتۈرگەنكى، ئۇ ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلانغان ئەزالارغا تېخىمۇ كۆپ ئېتىۋار بېرىدۇ.

25بۇنىڭدىن مەقسەت تەندە ھېچ بۆلۈنۈشلەر بولماسلىقى، بەلكى بارلىق ئەزالار ئۆزئارا ئوخشاش كۆيۈمچانلىقتا بولۇشى ئۈچۈندۇر.

26بىر ئەزا جاپا-دەرد تارتسا، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ جاپا-دەرد تارتىدۇ؛ بىر ئەزاغا شەرەپ كەلسە، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىدۇ.

27ئەمدى سىلەر مەسىھنىڭ تېنىدۇرسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۇنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىدۇرسىلەر. ◘ 12:27 رىم. 12‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:23؛ 4‏:12؛ 5‏:23؛ كول. 1‏:24. *

28خۇدا جامائەتتە مۇشۇنداقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان: ــ ئاۋۋال روسۇللارنى، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى، ئۈچىنچى بولۇپ تەلىم بەرگۈچىلەرنى؛ ئاندىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، ئاندىن تۈرلۈك كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرىغا ئىگە بولغانلارنى، ياردەم بەرگۈچىلەرنى، يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنى، ھەرخىل نامەلۇم تىللاردا سۆزلەيدىغانلارنى تەيىنلەپ ئورۇنلاشتۇرغاندۇر. ◼ 12:28 +bd «ئاۋۋال روسۇللارنى، ئاندىن پەيغەمبەرلەر...»+bd* ــ «تەۋرات دەۋرىدىكى پەيغەمبەرلەر» ۋە «ئىنجىل دەۋرىدىكى پەيغەمبەرلەر» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. +bd «نامەلۇم تىللار»+bd* ــ «روھىي تىللار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۇ تىللارنى خۇدانىڭ روھى ئىنساننىڭ روھىغا تاپشۇرىدۇ؛ بەزى ۋاقىتلاردا بىز ئۇلارنى «كارامەت تىل»، «ناتونۇش تىل»، «غەيرىي تىل» دەپمۇ ئاتايمىز، چۈنكى بۇ تىل سۆزلىگۈچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشىنىشلىك ئەمەس؛ «تەبىئەتتىن تاشقىرى» بولغان بۇ خىل تىلنى «دۇئا تىلى» دەپ تەرىپلىسەكمۇ بولىدۇ.* ◘ 12:28 ئ‍ەف. 2‏:20؛ 4‏:11.*

29ھەممەيلەن روسۇلمۇ؟ ھەممەيلەن پەيغەمبەرمۇ؟ ھەممەيلەن تەلىم بەرگۈچىمۇ؟ ھەممەيلەن مۆجىزە كۆرسەتكۈچمۇ؟

30ھەممەيلەندە ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى بارمۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللاردا سۆزلەمدۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلالامدۇ؟

r>