كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 13:1-12 UIGB2010 - Bible AI

1مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ، بىراق مەن مېھىر-مۇھەببەتسىز بولسام، ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر «داڭ-داڭ» قىلىدىغان مىس داڭ، بىر «جاڭ-جاڭ» قىلىدىغان جاڭ بولۇپ قالىمەن، خالاس. ◼ 13:1 +bd «مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ...»+bd* ــ دېمەك، «شۇنداق ئىنتايىن كۈچلۈك روھىي ئىلتىپات مەندە بولسىمۇ،...». بۇ ئايەتتىن يەنە شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەن ھەربىر «نامەلۇم تىل» ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تىلى ياكى پەرىشتىلەرنىڭ تىلىدۇر.*

2ئەگەر مەن پەيغەمبەرلىك قىلالىسام، بارلىق سىرلار، بارلىق بىلىملەرنى چۈشىنىپ بولغان بولساممۇ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاغلارنى يۆتكىيەلىگۈدەك تولۇق ئىشەنچتە بولساممۇ، ئەمما مەندە مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مەن ھېچنەرسە بولمىغان بولىمەن. ◘ 13:2 مات. 7‏:22؛ 17‏:20؛ 21‏:21؛ مار. 11‏:23؛ لۇقا 17‏:6؛ رىم. 12‏:7. *

3ئەگەر بارلىق مال-مۈلكۈمنى سەدىقىگە ئاتاپ ھەم تېنىمنى خۇدانىڭ يولىدا* قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈشكە سۇنغان تەقدىردىمۇ، ئەمما مەندە يەنىلا مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ھېچقانداق پايدام يوق بولغان بولىدۇ.

4مۇھەببەت سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ھەم مېھرىبانلىقتۇر؛

5نومۇسسىزلىق قىلمايدۇ،

6ھەققانىيسىزلىقتىن خۇشال بولمايدۇ،

7ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ، ھەممىگە يۈزلىنىپ خۇداغا* ئىشىنىدۇ، ھەممە ئىشقا ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممىگە چىدايدۇ. ◼ 13:7 +bd «ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ...»+bd* ــ ياكى «ھەممە ئىشنى ياپىدۇ...» ــ دېمەك، مۇمكىن بولسا باشقىلارنىڭ سەۋەنلىك-گۇناھلىرىنى چىتقا يايمايدۇ.*

8مېھىر-مۇھەببەت ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ. بېشارەتلەر بولسا، كارغا كەلمەيدۇ: «نامەلۇم تىللار» بولسا، تۈگەيدۇ: مۆجىزىلىك* بىلىملەرمۇ كارغا كەلمەيدۇ.

9چۈنكى بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز قىسمەن، بېشارەت بېرىدىغانلىرىمىز قىسمەن؛

10لېكىن مۇكەممەللىك كەلگەندە، قىسمەنلىك يوقىلىدۇ.

11مەن كىچىكىمدە بالىلارچە سۆزلىدىم، بالىلارچە ئويلىدىم، بالىلارچە ھېسابلىدىم؛ چوڭ بولغىنىمدا، مەن بالىلىقنى تاشلىدىم.

12چۈنكى بىز ھازىر بىر تۇتۇق دېرىزىدىن مۈجمەل ھالدا كۆرىمىز، لېكىن شۇ چاغدا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز: ھازىر مەن قىسمەن تونۇيمەن، شۇ چاغدا مەن خۇدا* مېنى تونۇپ كېلىۋاتقاندەك تونۇيمەن. ◘ 13:12 2كور. 3‏:18. *

r>