1ئەمدى مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ئىئانە توپلاش توغرۇلۇق، سىلەرمۇ گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە تاپىلىغىنىمدەك قىلىڭلار.
2ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ھەربىرىڭلار تاپاۋىتىڭلارنىڭ بەرىكىتى بويىچە ئۇنىڭدىن بىر ئۈلۈشىنى ئاجرىتىپ ئۆز يېنىڭلاردا ساقلاپ قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، كەلگەن ۋاقتىمدا ئىئانە توپلاش ھاجەت بولمايدۇ. ◼ 16:2 +bd «ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە»+bd* ــ يەنى يەكشەنبە كۈنىدە.* ◘ 16:2 روس. 11:29؛ 2كور. 8:4؛ 9:1. *
3مەن كەلگىنىمدە، سىلەر قايسى ئادەملەرنى لايىق كۆرۈپ تاللىساڭلار، مەن شۇلارغا تونۇشتۇرۇش* خەتلىرىنى يېزىپ بېرىپ مۇشۇ ئىئانە-شەپقىتىڭلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتىمەن. ◼ 16:3 +bd «مەن شۇلارغا تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنى يېزىپ بېرىپ مۇشۇ ئىئانە-شەپقىتىڭلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتىمەن»+bd* ــ يېرۇسالېمدىكى جامائەت ناھايىتى كەمبەغەل بولۇپ قالغانىدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
4مېنىڭمۇ بېرىشىم مۇۋاپىق كۆرۈلسە، ئۇلار ماڭا ھەمراھ بولۇپ بارىدۇ.
5ئەمما مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يېنىڭلارغا كېلىمەن ــ چۈنكى مەن ماكېدونىيەدىن ئۆتمەكچىمەن ــ ◘ 16:5 2كور. 1:15. *
6بەلكىم مەن سىلەر بىلەن بىللە بىر مەزگىل تۇرۇشۇم مۇمكىن، ھەتتا يېنىڭلاردا قىشلاپ قېلىشىممۇ مۇمكىن؛ شۇنىڭدەك ئاندىن قەيەرگە بارماقچى بولسام، سىلەر ياردەم قىلىپ، مېنى يولغا سېلىپ قويارسىلەر.
7چۈنكى بۇ قېتىم سىلەرنى يول ئۈستىدىلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايمەن، بەلكى رەب بۇيرۇسا، سىلەر بىلەن بىللە ئۇزۇنراق بىر مەزگىل تۇرغۇم بار.
8ئەمما مەن ئەفەسۇس شەھىرىدە ئورما ھېيتىغىچە تۇرماقچىمەن. ◼ 16:8 +bd «ئورما ھېيتى»+bd* ــ ياكى «ھوسۇل يىغىش ھېيتى». گرېك تىلىدا «پېنتېكوست ھېيتى» (ئەللىكىنچى كۈنى ھېيتى) دەپ ئاتىلىدۇ ــ چۈنكى بۇ ھېيت پاسخا ھېيتى (ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى)دىن 50 كۈن كېيىن بولىدۇ.*
9چۈنكى مۇشۇ يەردە* ماڭا ئاجايىب چوڭ، ئۇتۇق-مېۋە بېرىۋاتقان بىر ئىشىك كەڭ ئېچىلدى، شۇنىڭدەك قارشى چىققۇچىلارمۇ كۆپ. ◼ 16:9 +bd «ماڭا ئاجايىب چوڭ، ئۇتۇق-مېۋە بېرىۋاتقان بىر ئىشىك كەڭ ئېچىلدى»+bd* ــ خۇش خەۋەر تارقىتىدىغان پۇرسەتنى كۆرسىتىدۇ.*
10تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئاراڭلاردا قورقماي ئەركىن-ئازادە يۈرۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش رەبنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ.
11شۇڭا ھېچكىم ئۇنى تۆۋەن كۆرمىسۇن؛ بەلكى ئۇنى مېنىڭ يېنىمغا كېلىشى ئۈچۈن ئامان-ئېسەن ئۇزىتىپ يولغا سېلىپ قويۇڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ قېرىنداشلار بىلەن بىللە كېلىشىنى كۈتمەكتىمەن.
12ئەمما قېرىندىشىمىز ئاپوللوسقا كەلسەم، ئۇنىڭدىن قېرىنداشلار بىلەن بىللە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ ئۆتۈندۈم. لېكىن ئۇنىڭ ھازىرچە بارغۇسى يوق. كېيىن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بارىدۇ.
13ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇڭلار؛ مەردانە ئەردەك بولۇڭلار! قەيسەر بولۇڭلار!
14سىلەرنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىڭلار مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىلىنسۇن.
15-16 ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، ئاخايا ئۆلكىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئېتىقاد مېۋىسى بولغان ستىفاناس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا قانداق ئۆزلىرىنى ئاتىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر؛ مەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەتتە ھەربىر جاپا تارتىۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىگە كىرىڭلار. ◼ 16:15-16 +bd «ئاخىيا ئۆلكىسى»+bd* ــ ھازىرقى گرېتسىيە، «يۇنان». +bd ««ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەتتە ھەربىر جاپا تارتىۋاتقانلار...»+bd* ــ «خىزمەتتە» ــ رەبنىڭ خىزمىتىدە، ئەلۋەتتە. پاۋلۇسقا نىسبەتەن پەقەت بىرلا خىزمەت مەۋجۇت ئىدى.*
17ئەمما يېنىڭلاردىن* ستىفاناس، فورتۇناتۇس ۋە ئاقايىكۇسنىڭ بۇ يەرگە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن شادلاندىم؛ چۈنكى ئۇلار سىلەر تەرەپتىن كەم بولغانلىرىنى تولۇقلاپ بەردى. ◼ 16:17 +bd «... يېنىڭلاردىن ستىفاناس، فورتۇناتۇس ۋە ئاقايىكۇسنىڭ بۇ يەرگە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن شادلاندىم»+bd* ــ مۇشۇ ئۈچ بۇرادەرنىڭ كورىنتلىقلارنىڭ جامائىتىنىڭ يېنىدىن كېلىشى پاۋلۇسقا مۇشۇ رىغبەت بەرگۈچى خەتنى يېزىپ يوللاش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى.*
18چۈنكى ئۇلار مېنىڭ روھىمنى ۋە ھەم سىلەرنىڭكىنىمۇ يېڭىلاندۇردى؛ شۇڭا شۇنداق ئادەملەرنى ئەتىۋارلاپ ھۆرمەتلەڭلار.
19ئاسىيادىكى جامائەتلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا ۋە پرىسكىللا ھەم ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان جامائەتتىنمۇ رەبدە سىلەرگە قىزغىن سالام يوللايدۇ. ◼ 16:19 +bd «ئاسىيا»+bd* ــ ھازىرقى زاماندىكى تۈركىيە زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «پرىسكىللا»+bd* ــ بەزىدە ئۇ قىسقارتىلىپ «پرىسكا» دېيىلىدۇ.*
20قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە سالام يوللايدۇ. بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. ◘ 16:20 رىم. 16:16؛ 2كور. 13:12؛ 1تېس. 5:26؛ 1پېت. 5:14. *
21مانا، مەنكى پاۋلۇس ئۆز قولۇم بىلەن سالام يېزىۋاتىمەن!
22ھەركىم رەب ئەيسا مەسىھنى سۆيگۈچى بولمىسا، ئۇنىڭغا لەنەت بولسۇن! رەببىمىز، كەلگەيسەن! ◼ 16:22 +bd «...لەنەت بولسۇن. رەببىمىز، كەلگەيسەن!»+bd* ــ پاۋلۇس بۇ سۆزنى ئارامىي تىلىدىكى: «ئاناتېما، ماراناتا!» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ.*
23رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!
24مېنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببىتىم ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي. ئامىن! ◼ 16:24 +bd «مېنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببىتىم ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي»+bd* ــ ياكى «مېنىڭ مۇھەببىتىم مەسىھ ئەيسادا بولغان ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي».*