1بىرسى بىز توغرۇلۇق بىرنېمە دېمەكچى بولسا، بىزنى مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ سىرلىرى ئامانەت قىلىنغان غوجىدارلار دەپ بىلسۇن. ◘ 4:1 مات. 24:45؛ 2كور. 6:4؛ كول. 1:25؛ تىت. 1:7. *
2ئەمدى غوجىدار دېگەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى شۇكى، ئۇلار ۋاپادار-سادىق بولۇشى كېرەكتۇر. ◘ 4:2 لۇقا 12:42. *
3ئەمما مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىن ياكى باشقا ھەرقانداق ئىنسانىي سوت تەرىپىدىن سۈرۈشتۈرۈپ باھالانسام، بۇ مەن ئۈچۈن زىغىرچىلىك ئىش؛ مەن ھەتتا ئۆزۈم توغرۇلۇق سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايمەن. ◼ 4:3 +bd «ھەرقانداق ئىنسانىي سوت تەرىپىدىن...»+bd* ــ دېگەن گرېك تىلىدا «ئىنسانىي بىر كۈن تەرىپىدىن...». ئادەملەرنىڭ ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلغۇچى بولسا مەلۇم بىر ئىنساننىڭ كۈنى ئەمەس، بەلكى مەسىھنىڭ كۈنى، يەنى قىيامەت كۈنىدۇر.*
4چۈنكى ۋىجدانىم ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق ئىشلىرىمدىن خەۋىرىم يوق؛ ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئۆزى مېنى ھەققانىي دەپ ئاقلىمايدۇ؛ مېنى سۈرۈشتۈرۈپ باھالىغۇچى بولسا رەبدۇر. ◘ 4:4 مىس. 34:7؛ ئايۇپ 9:2؛ زەب. 143:2. *
5شۇڭا ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە، يەنى رەب كەلمىگۈچە ھېچ ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارماڭلار؛ رەب كەلگەندە ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى يوشۇرۇن ئىشلارنى ئاشكارىلايدۇ، قەلب-دىللاردىكى بارلىق ئوي-نىيەتلەرنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ چاغدا ھەربىرى خۇدا تەرىپىدىن تەرىپلىنىدۇ. ◘ 4:5 دان. 7:10؛ مات. 7:1؛ رىم. 2:1؛ ۋەھ. 20:12. *
6ئەمما، ئى قېرىنداشلار، بۇ ئىشلارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى دەپ ئۆزۈمگە ۋە ئاپوللوسقا تەتبىقلىدىم؛ مەقسەت سىلەر بىز ئارقىلىق «پۈتۈلگەننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭلار» دېگەن ساۋاقنى ئۆگىنىشىڭلار، شۇنداقلا ھېچقايسىڭلارنىڭ مەلۇم بىرسىنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن دەپ پەخىرلىنىپ تەكەببۇرلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. ◼ 4:6 +bd «پۈتۈلگەننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭلار»+bd* ــ بۇ سۆزلەر تەۋراتتا ئەينى پۈتۈلمىگىنى بىلەن، ئۇ تەۋرات-ئىنجىلدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر پرىنسىپتۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە قاراڭ.* ◘ 4:6 پەند. 3:7؛ رىم. 12:3. *
7چۈنكى كىم سېنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن قىلىدۇ؟ ساڭا ئاتا قىلىنغان نەرسىدىن باشقا سەندە يەنە نېمە بار؟ ھەممە ساڭا بېرىلگەن تۇرسا، نېمىشقا «مەندە ئەسلى بار ئىدى» دەپ پەخىرلىنىپ كۆرەڭلەپ كېتىسەن؟ ◼ 4:7 +bd «كىم سېنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن قىلىدۇ؟»+bd* ــ بۇ سوئالغا بەلكىم مۇنداق ئىككى توغرا جاۋاب بېرىلىشى مۇمكىن: (1) «مەلۇم كىشىنى باشقا بىر كىشىدىن باشقىچە قىلغۇچى پەقەت خۇدادۇر» شۇڭا تەكەببۇر بولۇشنىڭ ئاساسى يوق؛ (2) ھېچ ئىنساننىڭ خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالدىدا «مەن باشقىلاردىن ئۈستۈن» دەپ تەكەببۇر بولۇشىنىڭ ئاساسى يوق.
8سىلەر ئاللىقاچان تويۇنۇپ كەتتىڭلار! ئاللىقاچان بېيىپ كەتتىڭلار! سىلەر بىزسىز پادىشاھلار بولۇپ ھۆكۈم سۈردۇڭلار! كاشكى سىلەر ھەقىقەتەن ھۆكۈم سۈرگەن بولساڭلارئىدى ــ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق! ◼ 4:8 +bd «سىلەر ئاللىقاچان تويۇنۇپ كەتتىڭلار! ئاللىقاچان بېيىپ كەتتىڭلار! سىلەر بىزسىز پادىشاھلار بولۇپ ھۆكۈم سۈردۇڭلار! كاشكى سىلەر ھەقىقەتەن ھۆكۈم سۈرگەن بولساڭلارئىدى ــ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق!»+bd* ــ شۈبھىسىزكى، بۇ سىرلىق ئايەتنىڭ كىنايىلىك، مەسخىرىلىك مەنىسى بار. كورىنت جامائىتىدىكى كۆپ ئادەملەر تولىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىپ: «بىز روسۇل پاۋلۇس ياكى باشقا روسۇللارغا ھېچ كېرەك ئەمەسمىز؛ بىز ھەقىقەتەن «روھىي ئادەملەر»مىز، ئىنتايىن بىلىملىك، خۇدا ئالدىدا ئىنتايىن ئېسىلزادە بولۇپ، پادىشاھدەك بولدۇق» دەپ كەتكەنىدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
9چۈنكى خۇدا روسۇللار بولغان بىزلەرنى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان ئادەملەردەك ئەڭ ئاخىرغا قويۇپ سازايى قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان، دەپ ئويلايمەن؛ چۈنكى بىز پۈتكۈل ئالەمگە، يەنى ھەم پەرىشتىلەرگە ھەم ئىنسانلارغا بىر خىل تاماشا بولدۇق. ◘ 4:9 زەب. 44:22؛ مات. 15:5؛ رىم. 8:36؛ 2كور. 4:11؛ ئىبر. 10:33. *
10بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەق سانالغانلارمىز، ئەمما سىلەر مەسىھدە داناسىلەر! بىز ئاجىز، ئەمما سىلەر كۈچلۈكسىلەر؛ سىلەر ئىززەتلىك، ئەمما بىز خار؛ ◼ 4:10 +bd «بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەق سانالغانلارمىز...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەقلەر بولدۇق...» ــ دېمەك، كۆپچىلىك تەرىپىدىن «ئەخمەق» ھېسابلاندۇق.* ◘ 4:10 1كور. 2:3. *
11ھازىرقى دەقىقىگىچە ئاچ-يالىڭاچ، چاڭقاپ يۈرمەكتىمىز، دۇمبالىنىپ، سەرگەردان، ماكانسىز بولۇپ يۈرمەكتىمىز؛ ◘ 4:11 روس. 23:2. *
12ئۆز قولىمىز بىلەن ئىشلەپ جاپا تارتماقتىمىز؛ ئاھانەتكە قالغاندا ياخشىلىق تىلەۋاتىمىز؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، چىداۋاتىمىز؛ ◘ 4:12 مات. 5:44؛ لۇقا 6:28؛ 23:34؛ روس. 7:60؛ 18:3؛ 20:34؛ رىم. 12:14؛ 1تېس. 2:9؛ 2تېـس. 3:8. *
13تۆھمەتكە ئۇچرىغاندا، بىز ئۇلارنى* چىرايلىقچە توۋىغا* ئۈندەيمىز؛ بىز جاھاننىڭ داشقىلى، ئىنسانلارنىڭ سۈپۈرۈندىسى دەپ قارىلىۋاتىمىز، تا ھازىرغىچە شۇنداق.
14بۇ ئىشلارنى يېزىشىم، سىلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈك بالىلىرىم سۈپىتىدە سىلەرگە نەسىھەت قىلىۋاتىمەن؛ ◘ 4:14 1تېس. 2:11. *
15چۈنكى سىلەرنىڭ مەسىھدە تۈمەنلىگەن تەربىيىلىگۈچىلىرىڭلار بولسىمۇ، سىلەرنىڭ ئاتاڭلار كۆپ ئەمەستۇر؛ چۈنكى مەن مەسىھ ئەيسادا بولۇپ سىلەرنى خۇش خەۋەر ئارقىلىق تۆرەلدۈرۈپ ئاتا بولدۇم. ◼ 4:15 +bd «سىلەرنىڭ ئاتاڭلار كۆپ ئەمەستۇر»+bd* ــ ــ روھىي جەھەتتىن بولغان ئاتىلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 4:15 روس. 18:11؛ گال. 4:19؛ فلم. 10؛ ياق. 1:18. *
16شۇڭا مەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى ئۈلگە قىلىڭلار. ◘ 4:16 1كور. 11:1؛ فىل. 3:17؛ 1تېس. 1:6؛ 2تېـس. 3:9. *
17دەل بۇ سەۋەبتىن مەن رەبدە بولغان ئۆز سۆيۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك ئوغلۇم تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتتىم؛ ئۇ سىلەرگە ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتتە ئۆگەتكەنلىرىمگە ئەگىشىپ، مەسىھدە بولغان يوللىرىم توغرۇلۇق ئەسلىتىدۇ.
18ئەمما بەزىلىرىڭلار، «پاۋلۇسنى يېنىمىزغا كەلمەيدۇ»، دەپ كۆرەڭلەپ كەتتىڭلار؛
19بىراق رەب بۇيرۇسا مەن پات ئارىدا يېنىڭلارغا بارىمەن؛ شۇ چاغدا مەن كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا بولغان كۈچ-قۇدرەتنى كۆرۈپ باقاي. ◘ 4:19 روس. 18:21؛ ئىبر. 6:3؛ ياق. 4:15. *
20چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە ئىسپاتلىنىدۇ. ◼ 4:20 +bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە ئىسپاتلىنىدۇ»+bd* ــ ياكى «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە نامايان بولىدۇ».* ◘ 4:20 1كور. 2:4؛ 1تېس. 1:5؛ 2پېت. 1:16. *