1ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» مەسىلىسىگە كېلەيلى. «ھەممىمىزدە بىلىم بار» دەپ بىلىمىز. خوش، بىراق بىلىم بولسا ئادەمنى كۆرەڭلىتىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببەت بولسا ئادەمنى قۇرىدۇ. ◼ 8:1 +bd «ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» مەسىلىسىگە كېلەيلى»+bd* ــ كورىنت شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بولسا بۇتپەرەس بولۇپ، ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنۇش ئۈچۈن بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يەيتتى. كورىنتلىقلارنىڭ توي ۋە باشقا مۇراسىملىرىمۇ بۇتخانىلاردا ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەر داستىخانغا قويۇلاتتى. ئۇ چاغلاردا بۇنداق گۆشنى يېيىش-يېمەسلىك ياكى بۇتخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن چوڭ بىر مەسىلە بولغان. +bd «مېھىر-مۇھەببەت بولسا ئادەمنى قۇرىدۇ»+bd* ــ «روھىي قۇرۇش» («ئادەمنى قۇرۇش») توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
2«مېنىڭ بىلىمىم بار» دەپ ھېسابلىغان كىشى، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى تېخى بىلىشكە تېگىشلىك دەرىجىدە بىلمىگەن بولىدۇ. ◼ 8:2 +bd ««مېنىڭ بىلىمىم بار» دەپ ھېسابلىغان كىشى، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى تېخى بىلىشكە تېگىشلىك دەرىجىدە بىلمىگەن بولىدۇ»+bd* ــ بۇ ئاجايىب بايان توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
3ئەمما خۇدانى سۆيگەن كىشى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تونۇلىدۇ. ◼ 8:3 +bd «ئەمما خۇدانى سۆيگەن كىشى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تونۇلىدۇ»+bd* ــ «خۇدا تەرىپىدىن تونۇلىدۇ» ــ بەلكىم، خۇدا ئۇنى بىلىپ «بۇ كىشى مېنىڭ ئادىمىم» دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ، دېمەكچى.*
4خوش، ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» توغرۇلۇق ــ بىزگە مەلۇمكى، «جاھاندا بۇت دېگەن ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ»، ۋە «بىرلا خۇدادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر». ◼ 8:4 +bd ««جاھاندا بۇت دېگەن ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ» ۋە «بىرلا خۇدادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر»»+bd* ــ 1-ئايەتتىكى «ھەممىمىزدە بىلىم بار»، «بۇ دۇنيادا بۇت دېگەن ھېچنەرسە ئەمەس» ۋە «خۇدادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر» بەلكىم بۇ كورىنت جامائىتىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ شۇئارىدەك دائىم ئېيتىدىغان سۆزلەر ئىدى.* ◘ 8:4 قان. 4:39؛ رىم. 14:14؛ 1كور. 10:19؛ ئەف. 4:6. *
5گەرچە نۇرغۇن ئاتالمىش ئىلاھلار بار بولسىمۇ ــ مەيلى ئۇلار زېمىندا ياكى ئاسماندا تۇرىدۇ دەپ قارىلىشىدىن قەتئىينەزەر (دەرۋەقە «ئىلاھلار» كۆپ، ۋە «رەب»لەر كۆپتۇر)
6بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا بىر خۇدا، يەنى ئاتا باردۇر. ئۇنىڭدىن بارلىق ھەممە مەۋجۇداتلار ئاپىرىدە بولغان، بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولغانمىز؛ شۇنىڭدەك*، بىرلا رەب، يەنى ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت، بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق ھاياتمىز. ◘ 8:6 مال. 2:10؛ يـۇھ. 13:13؛ 1كور. 12:3؛ ئەف. 4:6؛ فىل. 2:11. *
7ئەمما بۇنداق بىلىم ھەممىمىزدە تېخى يوقتۇر؛ تېخى بۇتلارغا كۆندۈرۈلگىنىدىن خالاس بولمىغان بەزى ئىشەنگۈچىلەر* بولسا مۇشۇنداق تائاملارنى «بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان» دەپ بىلىپ يەيدۇ؛ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئاجىز بولغاچقا، بۇلغانغان بولىدۇ. ◘ 8:7 1كور. 10:28. *
8ئەمەلىيەتتە تائاملارنىڭ ئۆزلىرى بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرالمايدۇ؛ يېمىسەك بىزنىڭ كەمچىلىكىمىز ھېسابلانمايدۇ، يېگەن بولساق ئارتۇقچىلىقمۇ ھېسابلانمايدۇ. ◘ 8:8 رىم. 14:17. *
9بىراق ھەرھالدا يېيىش* ئەركىنلىكىڭلارنىڭ ئاجىزلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىغا كۆڭۈل قويۇڭلار. ◘ 8:9 گال. 5:13. *
10چۈنكى ئاجىز بىر بەندە بىلىمى بار بولغان سېنىڭ بۇتخانىدىكى داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېگەنلىكىڭنى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئاجىز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملارنى يېيىشكە «قۇرۇلۇپ كۈچەيتىلىدىغان» بولمامدۇ؟ ◼ 8:10 +bd «چۈنكى ئاجىز بىر بەندە بىلىمى بار بولغان سېنىڭ بۇتخانىدىكى داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېگەنلىكىڭنى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئاجىز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملارنى يېيىشكە «قۇرۇلۇپ كۈچەيتىلىدىغان» بولمامدۇ؟»+bd* ــ بۇ ئايەت توغرۇلۇق ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش كېرەك. بىرىنچى، كونا زامانلاردا كۆپ بۇتخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك «ئاشخانىلار»، «رېستورانلار» بار ئىدى. مەقسىتى بۇتپەرەسلىك ئەمەس، بەلكىم پەقەت پايدا كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما ساتقان تائاملارنىڭ كۆپىنچىسى بەلكىم خەلقلەر شۇ بۇتخانىدا بۇتلارغا ئاتاپ قىلغان نەرسىلەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرعۇن كىشىلەر بۇنداق تائام يېيىشنىڭ ئۆزىنى «ساۋابلىق ئىش»، «تەلەيلىك ئىش» دەپ قارىشى مۇمكىن.
11شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئۇنىڭ نىجاتى ئۈچۈن ئۆلگەن، سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولغان بۇ ئاجىز بەندە سېنىڭ بىلىمىڭ ۋەجىدىن ھالاك بولىدۇ. ◘ 8:11 رىم. 14:15. *
12شۇ يول بىلەن قېرىنداشلارغا زىيان يەتكۈزۈپ گۇناھ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاجىز ۋىجدانىنى زەخىملەندۈرۈپ، مەسىھكە قارشى گۇناھ قىلىۋاتىسىلەر.