1مەن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن روسۇل ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلار مېنىڭ رەبدە بولغان ئەجرىم ئەمەسمۇ؟ ◼ 9:1 +bd «مەن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن روسۇل ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلار مېنىڭ رەبدە بولغان ئەجرىم ئەمەسمۇ؟»+bd* ــ پاۋلۇس پاۋلۇس بۇ بابتا بەزى ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا «ئۇنى قىل، بۇنى قىل» دېيىشىگە «مەن ئەركىن ئادەم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.* ◘ 9:1 روس. 9:3،17؛ 22:14،18؛ 23:11؛ 1كور. 4:15؛ 15:8؛ 2كور. 12:2. *
2ئەگەر باشقىلارغا نىسبەتەن روسۇل دەپ ھېسابلانمىسام، مەن ھېچ بولمىغاندا سىلەرگە روسۇل بولدۇم؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار رەبدە مېنىڭ روسۇل بولغانلىقىمنى تەستىقلىغان مۆھۈردۇرسىلەر.
3مېنى سۈرۈشتە قىلماقچى بولغانلارغا بولغان جاۋابىم مۇنداق: ــ ◼ 9:3 +bd «مېنى سۈرۈشتە قىلماقچى بولغانلار...»+bd* ــ بۇ سۆز كورىنت جامائىتىدە، پاۋلۇس ھەقىقىي روسۇل ئەمەس، دەپ يۈرگەن بەزى ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.*
4بىزلەرنىڭ يەپ-ئىچىشكە ھوقۇقىمىز بار ئەمەسمۇ؟ ◼ 9:4 +bd «بىزلەرنىڭ يەپ-ئىچىشكە ھوقۇقىمىز بار ئەمەسمۇ؟»+bd* ــ روسۇللار خۇش خەۋەرنى تارقىتىش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئايرىلىپ چىققاچقا، جامائەتلەردىن يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، يەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردەمگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇقتۇر. ئەمما پاۋلۇس ۋە خىزمەتدىشى بارناباس كورىنت شەھىرىدە شۇنداق ھوقۇقنى ئىشلەتمىگەن. كېيىنكى ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.* ◘ 9:4 1كور. 9:14؛ 1تېس. 2:6؛ 2تېـس. 3:9. *
5بىزنىڭ باشقا روسۇللار، رەبنىڭ ئۆز ئىنىلىرى ۋە كېفاسنىڭ قىلغىنىدەك، ئېتىقادچى بىر سىڭىلنى ئەمرىمىزگە ئېلىپ سەپەردە ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟ ◼ 9:5 +bd «بىزنىڭ باشقا روسۇللار، رەبنىڭ ئۆز ئىنىلىرى ۋە كېفاسنىڭ قىلغىنىدەك، ئېتىقادچى بىر سىڭىلنى ئەمرىمىزگە ئېلىپ سەپەردە ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟»+bd* ــ دېمەك، روسۇللار ئۆزلىرى ۋە بالا-چاقىلىرىمۇ جامائەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ھوقۇقلۇقتۇر.* ◘ 9:5 مات. 8:14. *
6ئەجەبا، پەقەت بارناباس بىلەن مېنىڭلا ئەمگەك قىلماسلىققا ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟
7كىم خىراجەتنى ئۆزى تۆلەپ ئەسكەر بولۇپ* جەڭگە چىقىدۇ؟ كىم ئۈزۈمزار بىنا قىلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يېمەيدۇ؟ قايسى پادا باققۇچى پادىنىڭ سۈتىدىن ئىچمەيدۇ؟ ◘ 9:7 يـۇھ. 21:15؛ 1كور. 3:6، 7، 8؛ 2كور. 10:4؛ 1پېت. 5:2. *
8بۇ دېگەنلىرىم پەقەت ئىنسانىي كۆزقاراش بويىچە ئېيتىلغانمۇ؟ تەۋرات-قانۇننىڭ ئۆزىدىمۇ ئوخشاش دېيىلگەن ئەمەسمۇ؟!
9چۈنكى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇندا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىغا كۆشەك سالما» دەپ پۈتۈلگەندۇر. خۇدا ئۆكۈزلەرگىلا كۆيۈنگەنمۇ، ◼ 9:9 +bd «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىغا كۆشەك سالما»+bd* ــ «قان.» 4:25.* ◘ 9:9 قان. 25:4؛ 1تىم. 5:18. *
10ياكى بۇنى پەقەت بىزلەرنى دەپ ئېيتقانمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆزلەر بىزلەر ئۈچۈن پۈتۈلگەندۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن يەر ھەيدىگۈچى ئۈمىدتە ھەيدىشىگە تېگىشلىك، شۇنداقلا خامان تەپكۈچىمۇ ھوسۇلدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدىدە ئىشلەشكە تېگىشلىكتۇر. ◼ 9:10 +bd «شۇنىڭ ئۈچۈن يەر ھەيدىگۈچى ئۈمىدتە ھەيدىشىگە تېگىشلىك، شۇنداقلا خامان تەپكۈچىمۇ ھوسۇلدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدىدە ئىشلەشكە تېگىشلىكتۇر»+bd* ــ «ئام.» 13:9نى كۆرۈڭ.*
11بىز سىلەرگە روھىي بەخت-بەرىكەتلەرنى تېرىپ، سىلەردىن ماددىي جەھەتتىن يىغىۋالساق بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟ ◘ 9:11 رىم. 15:27؛ گال. 6:6. *
12باشقا خىزمەتچىلەر* سىلەردە مۇشۇ ھوقۇقنى ئىشلەتكەن يەردە، بىز شۇنداق قىلساق تېخىمۇ بولىدىغۇ؟ ئەمما مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ھېچ توسالغۇ بولمىسۇن دەپ، بىز بۇ ھوقۇقنى ھېچقاچان ئىشلىتىپ باقمىدۇق؛ ئەكسىچە، ھەرقانداق ئىشلارغا چىداپ كېلىۋاتىمىز. ◼ 9:12 +bd «... مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ھېچ توسالغۇ بولمىسۇن دەپ، بىز بۇ ھوقۇقنى ھېچقاچان ئىشلىتىپ باقمىدۇق؛ ئەكسىچە، ھەرقانداق ئىشلارغا چىداپ كېلىۋاتىمىز»+bd* ــ غەلىتە يېرى شۇكى، بەزىلەر «پاۋلۇس ۋە بارناباس ھەقىقىي روسۇللار ئەمەس، چۈنكى ئۇلار بىزدىن پۇل +bd سوراپ باقمىغان!+bd*» دېگەن.* ◘ 9:12 روس. 20:33؛ 2كور. 11:9؛ 12:13. *
13ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئاتالغان ھەدىيەلەردىن يەيدىغانلىقىنى، قۇربانگاھتا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ◘ 9:13 قان. 18:1. *
14شۇنىڭغا ئوخشاش، رەب خۇش خەۋەرنى جاكارلىغۇچىلارنىڭ جېنى خۇش خەۋەردىن بېقىلسۇن دەپ بېكىتكەندۇر. ◼ 9:14 +bd «... خۇش خەۋەرنى جاكارلىغۇچىلارنىڭ جېنى خۇش خەۋەردىن بېقىلسۇن»+bd* ــ دېمەك، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار تەرىپىدىن قامدالسۇن.* ◘ 9:14 لاۋ. 19:13؛ قان. 24:14؛ 25:4؛ مات. 10:10؛ لۇقا 10:7؛ 1تىم. 5:18. *
15ئەمما مەن بولسام بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىشلىتىپ باقمىدىم. ھەم ھازىرمۇ مۇشۇ ھوقۇقتىن پادىلىناي دەپ مۇشۇلارنى يېزىۋاتقىنىم يوق! چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ مېنى بۇ پەخىرلىنىدىغانلىرىمدىن مەھرۇم قىلغىنىدىن كۆرە ئۆلگىنىم تۈزۈك! ◼ 9:15 +bd «مەن باشقىلارنىڭ مېنى بۇ پەخىرلىنىدىغانلىرىمدىن مەھرۇم قىلغىنىدىن كۆرە ئۆلگىنىم تۈزۈك!»+bd* ــ «بۇ پەخىرلەنگىنىم» دەل ئۇنىڭ خۇش خەۋەرنى ھېچقانداق ئىنئام-ھەدىيەنى قوبۇل قىلماي جاكارلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.*
16چۈنكى مېنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلىشىمدا پەخىرلەنگۈدەك ئىش يوق؛ چۈنكى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى مېنى بېسىپ تۇرىدۇ؛ خۇش خەۋەرنى جاكارلىمىسام ھالىمغا ۋاي!
17چۈنكى ئەگەر ئۇنى خالىس قىلسام، بۇنىڭدىن ماڭا ئىنئام بولىدۇ؛ ئەمما ئۆز ئىختىيارىم بىلەن بولمىسا، بۇ پەقەت مېنىڭ غوجىدارلىق بۇرچىنى ئادا قىلغىنىم بولىدۇ، خالاس.
18شۇنداق ئىكەن، مېنىڭ ئىنئامىم زادى نېمە بولىدۇ؟ مېنىڭ ئىنئامىم دەل شۇكى، خۇش خەۋەر جاكارلىغىنىمدا مەن خۇش خەۋەرگە كىشىلەرنى ھەقسىز ئېرىشتۈرىمەن ــ دېمەك، ئىنئامىم خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىكى تېگىشلىك ھەق ئېلىش* ھوقۇقلىرىمنى ھېچ ئىشلەتمەسلىكىمدىن ئىبارەتتۇر.
19چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولۇپ، ئۆزۈمنى كۆپچىلىككە قۇل قىلدىم؛ شۇ يول بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك ئادەملەرنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزسام دەيمەن.
20يەھۇدىيلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن يەھۇدىيغا ئوخشاش بولدۇم؛ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن (تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغان بولمىساممۇ) تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانغا ئوخشاش بولدۇم؛ ◘ 9:20 روس. 16:3؛ 18:18؛ 21:23. *
21تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارغا نىسبەتەن (خۇدا ئالدىدا قانۇنسىز بولماي، بەلكى مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشۇم بىلەن) مەن تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارغا ئوخشاش بولدۇم؛ ◼ 9:21 +bd «تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلار»+bd* ــ دېمەك، يەھۇدىي ئەمەسلەر. ئۇلار تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدۇ ياكى ئۇنى ئېتىراپ قىلمىغانلاردۇر. +bd «مەسىھنىڭ قانۇنى»+bd* ــ مۇقەددەس روھتا ياشاپ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن» ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەندىن ئىبارەت، ئەلۋەتتە.* ◘ 9:21 گال. 2:3. *
22ئاجىزلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاجىزلارغا ئۆزۈم ئاجىزدەك بولدۇم؛ مۇمكىن قەدەر كۆپرەك ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەن ھەرقانداق ئادەمگە قارىتا شۇنداق ئادەم بولدۇم. ◼ 9:22 +bd «ئاجىزلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاجىزلارغا ئۆزۈم ئاجىزدەك بولدۇم»+bd* ــ «ئاجىزلار» بەلكىم خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەنلىكتىن ۋىجدانى ئاسانلا ئازابلىنىدىغان ئېتىقادچىلارنى، ياكى ئېتىقادى كۈچلۈك ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 9:22 رىم. 15:1؛ 1كور. 10:33؛ گال. 6:1. *
23ئۆزۈمنىڭ خۇش خەۋەردىن نېسىۋەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى دەپ ھەممە ئىشنى قىلىمەن.
24بەيگىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرىشىدۇ، ئەمما پەقەت بىرىلا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغىنىنى بىلمەمسىلەر؟ غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن يۈگۈرۈڭلار. ◘ 9:24 گال. 2:2؛ 5:7؛ فىل. 2:16؛ 2تىم. 4:7؛ ئىبر. 6:18. *
25مۇسابىقىدە ئېلىشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەيدۇ؛ ئۇلار پەقەت بىر چىرىپ كېتىدىغان تاجغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ، ئەمما بىز بولساق چىرىماس تاج ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز. ◼ 9:25 +bd «مۇسابىقىدە ئېلىشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەيدۇ؛ ئۇلار پەقەت بىر چىرىپ كېتىدىغان تاجغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ...»+bd* ــ ئەسلىدىكى «ئولىمپىيا»دىكى غالىبلار يوپۇرماق-گۈللەردىن ياسالغان تاجغا ئېرىشەتتى.* ◘ 9:25 2تىم. 2:4؛ 4:7،8؛ 1پېت. 4:1؛ 5:4. *
26شۇڭا مەن نىشانسىز ئادەمدەك يۈگۈرۈۋاتمايمەن؛ مۇشت ئاتسام ھاۋاغا ئاتىدىغان ئادەمدەك بولمايمەن.