كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 11:1-32 UIGB2010 - Bible AI

1ماختانغان* بۇ ئازغىنە ئەخمەقلىكىمغا سەۋرچان بولغايسىلەر! ئەمدى سىلەر ماڭا سەۋرىچانلىق قىلىپ كېلىۋاتىسىلەر.

2چۈنكى مەن خۇدادىن كەلگەن ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن سىلەرنى ئازدۇرۇشلاردىن* ھەسەت قىلىمەن؛ چۈنكى قىزنى بىر ئەرگىلا ياتلىق قىلغاندەك، مەن سىلەرنى مەسىھكىلا پاك قىز سۈپىتىدە ھازىر بولۇشقا ۋەدىلەشتۈرگەنمەن. ◘ 11:2 لاۋ. 21‏:13. *

3ئەمما يىلان ھاۋائانىمىزنى ھىيلىگەرلىكى بىلەن ئازدۇرغاندەك، ئوي-كۆڭلۈڭلار مەسىھكە باغلانغان سەمىمىي، ساپ ۋاپالىقتىن ئېزىپ بۇلغىنىشى مۇمكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. ◘ 11:3 يار. 3‏:4؛ يـۇھ. 8‏:44. *

4چۈنكى بىرسى كېلىپ بىز سىلەرگە ھېچ جاكارلاپ باقمىغان باشقا بىر ئەيسانى جاكارلىسا، ياكى قەلبىڭلاردىن ئورۇن بەرگەن روھنىڭ ئورنىغا باشقا بىر روھقا ئورۇن بەرسەڭلار ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر بۇ ئىشلارغا ئاجايىب سەۋر-تاقەت بىلەن ئۆتۈۋېرىشىڭلار مۇمكىن! ◼ 11:4 +bd «چۈنكى بىرسى كېلىپ بىز سىلەرگە ھېچ جاكارلاپ باقمىغان باشقا بىر ئەيسانى جاكارلىسا، ياكى قەلبىڭلاردىن ئورۇن بەرگەن روھنىڭ ئورنىغا باشقا بىر روھقا ئورۇن بەرسەڭلار ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر بۇ ئىشلارغا ئاجايىب سەۋر-تاقەت بىلەن ئۆتۈۋېرىشىڭلار مۇمكىن!»+bd* ــ بۇ ئىنتايىن تەنىلىك، كىنايىلىك كىناي گەپ، ئەلۋەتتە. پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خېلى ئەنسىرىۋاتىدۇ.

5ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھەرقانداق ئىشتا ئاشۇ «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن كەم سانىمايمەن! ◼ 11:5 +bd «ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھەرقانداق ئىشتا ئاشۇ «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن كەم سانىمايمەن!»+bd* ــ «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار» شۈبھىسىزكى، ئىنتايىن كىنايىلى، ھەجۋىي گەپ. بەزى ئالىملار، بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ئۇلۇغ روسۇللار (پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ قاتارلىقلار)نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. پىكرىمىزچە پاۋلۇس كورىنتتىكى جامائەتكە ئۆزلىرىنى «روسۇل» دەپ تونۇشتۇرغان بەزىبىر ئالدامچىلارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ (يەنى پاۋلۇسنىڭ) روسۇللۇق ھوقۇقىنى يوققا چىقارماقچى. 12-33-ئايەتلەر ۋە 11:12-ئايەت بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.*

6گەرچە مېنىڭ گەپ-سۆزلىرىم ئاددىي بولسىمۇ، بىلىم جەھەتتە مەن ئۇنداق ئەمەس؛ بىز قىلىۋاتقان ھەربىر ئەمەللىرىمىزدە بۇنى سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ئىسپاتلاپ روشەن قىلدۇق. ◼ 11:6 +bd «گەرچە مېنىڭ گەپ-سۆزلىرىم ئاددىي بولسىمۇ،..»+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە ئادەتتە «نۇتۇق سۆزلەشكە تەربىيىلەنمىگەن» كىشىنى كۆرسىتىدۇ.*

7ئەمدى مەن سىلەرنى كۆتۈرۈلسۇن دەپ ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى ھەق تەلەپ قىلماي جاكارلاپ گۇناھ قىلدىممۇ؟ ◼ 11:7 +bd «ئەمدى مەن سىلەرنى كۆتۈرۈلسۇن دەپ ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى ھەق تەلەپ قىلماي جاكارلاپ گۇناھ قىلدىممۇ؟»+bd* ــ پاۋلۇس ئېتىقادچىلارغا ئۆز ئېغىرىنى سالماسلىق ئۈچۈن، ئۆز ھۈنىرىگە تايىنىپ، تۇرمۇشىنى قامدىغان (9-ئايەتنى كۆرۈڭ). بىراق بەزىلەر (بولۇپمۇ «ساختا روسۇللار») «پاۋلۇس ھەقىقىي روسۇل بولغان بولسا، ئېتىقادچىلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە تايانغان بولاتتى» دەپ، ئۇنى روسۇل ئەمەس دەپ ئىنكار قىلغانىدى.* ◘ 11:7 1كور. 9‏:12. *

8مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولۇشقا باشقا جامائەتلەردىن بۇلاپ-تالاپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلدىم. ◼ 11:8 +bd «مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولۇشقا باشقا جامائەتلەردىن بۇلاپ-تالاپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلدىم»+bd* ــ «...باشقا جامائەتلەردىن بۇلاپ-تالاپ» ــ بۇ يەنە تەنىلىك، كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەندە باشقا جامائەتلەرنىڭ كۆپلىگەن ئىقتىسادىي ياردىمىگە مۇيەسسەر بولۇپ (9-ئايەتنى كۆرۈڭ)، كورىنتلىقلارنى گۇمان سۆزلىرىدىن خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق دەيدۇ.* ◘ 11:8 روس. 20‏:33؛ 2كور. 12‏:13؛ 1تېس. 2‏:9؛ 2تېـس. 3‏:8. *

9سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ھاجەتمەن بولغان بولساممۇ، مەن ھېچكىمگە ئېغىرىمنى سالغان ئەمەس (چۈنكى ماكېدونىيەدىن كەلگەن قېرىنداشلار مېنىڭ كەم-كۈتەمنى تولۇقلاپ بەردى)؛ ھەرقانداق ئىشتا ئۆزۈمنى سىلەرگە يۈك بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ كەلدىم ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن. ◘ 11:9 فىل. 4‏:15. *

10مەسىھنىڭ ھەقىقىتى مەندە راست بولغاندەك، ئاقايا يۇرتلىرىدا ھېچكىممۇ مېنى مۇشۇ ماختىنىشتىن توسمايدۇ! ◼ 11:10 +bd «ھېچكىممۇ مېنى مۇشۇ ماختىنىشتىن توسمايدۇ!»+bd* ــ «مۇشۇ ماختىنىش(ىم)» بولسا، پاۋلۇس كورىنتلىقلاردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلماي ئۇلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزگەنىدى.*

11نېمە ئۈچۈن؟ سىلەرنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ؟! خۇدا بىلىدۇ!

12لېكىن بىزگە ئوخشاش ھېسابلىنىش* پۇرسىتىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ پۇرسىتىنى مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، شۇنىڭدەك ئۇلار ماختىنىدىغان ئىشلاردا ھەقىقەتەن بىزگە ئوخشاش بولسۇن دەپ، مەن نېمە قىلىۋاتقان بولسام شۇنى قىلىۋېرىمەن. ◼ 11:12 +bd «مەن نېمە قىلىۋاتقان بولسام شۇنى قىلىۋېرىمەن»+bd* ــ دېمەك، پاۋلۇسنىڭ ھەق ئالماي خۇش خەۋەرنى خالىس يەتكۈزۈۋاتقانلىقى. ئۇ شۇنداق قىلىۋەرسە، «ساختا روسۇللار» ئۆزلىرىنى پاۋلۇس ۋە ھەمكارلىرى بىلەن سېلىشتۇرالماي قالىدۇ.

13چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ساختا روسۇللار، ئالدامچى خىزمەتكارلار، مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغانلاردۇر.

14بۇ ئىش ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى شەيتان ئۆزىمۇ نۇرلۇق بىر پەرىشتىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ.

15شۇڭا ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنى ھەققانىيلىقنىڭ خىزمەتچىلىرى قىياپىتىگە كىرگۈزۈۋېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىگە لايىق بولىدۇ.

16يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھېچكىم مېنى ئەخمەق دەپ ھېسابلىمىسۇن؛ ھەتتا ئەگەر مېنى شۇنداق دەپ قارىساڭلارمۇ، ئەمدى مەندەك ئەخمەقنى سەۋر قىلىپ قوبۇل قىلغايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈممۇ ئازغىنە ماختىنىۋالاي. ◼ 11:16 +bd «شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈممۇ ئازغىنە ماختىنىۋالاي»+bd* ــ ساختا روسۇللارنىڭ ماختىنىشلىرى خېلى كۆپ ئىدى. 18-ئايەتنى كۆرۈڭ.*

17مېنىڭ ھازىر بۇلارنى سۆزلىشىم رەب تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ ئەخمەقلەرچە يۈرەكلىك پو ئېتىپ ماختىنىشىم، خالاس.

18نۇرغۇن ئادەملەر ئىنسانلارچە پو ئېتىپ ماختانغاندىكىن، مەنمۇ ماختىنىپ باقاي. ◘ 11:18 2كور. 10‏:13؛ 12‏:5، 6. *

19چۈنكى ئۆزۈڭلار شۇنچە دانا بولغاندىن كېيىن، سىلەر ئەخمەقلەرگە سەۋر-تاقەت قىلىشقا رازى بولىسىلەر! ◼ 11:19 +bd «چۈنكى ئۆزۈڭلار شۇنچە دانا بولغاندىن كېيىن، سىلەر ئەخمەقلەرگە سەۋر-تاقەت قىلىشقا رازى بولىسىلەر!»+bd* ــ بۇ جۈملە بەلكىم پاۋلۇسنىڭ بۇ خېتىدە ئەڭ كىنايىلىك گېپى، ئەڭ كۈچلۈك تاپا-تەنىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار باشقىلارنىڭ «ئەخمەقلىق»ىغا شۇنچە سەۋر-تاقەتلىك بولغان يەردە، (20-ئايەت) پاۋلۇسنىڭ «پەخىرلىنىشىلىرى»گە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەكقۇ!*

20مەسىلەن بىرسى سىلەرنى قۇل قىلىۋالسا، بىرسى سىلەرنى يۇتۇۋالسا، بىرسى سىلەردىن نەپ ئالسا، بىرسى ئالدىڭلاردا چوڭچىلىق قىلسا ياكى يۈزۈڭلارغا كاچات سالسا، سىلەر ئۇنىڭغا يول قويىسىلەر. ◼ 11:20 +bd «مەسىلەن بىرسى سىلەرنى قۇل قىلىۋالسا، بىرسى سىلەرنى يۇتۇۋالسا، بىرسى سىلەردىن نەپ ئالسا، بىرسى ئالدىڭلاردا چوڭچىلىق قىلسا ياكى يۈزۈڭلارغا كاچات سالسا، سىلەر ئۇنىڭغا يول قويىسىلەر»+bd* ــ پاۋلۇس مۇشۇ ساختا روسۇللارنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زەھەرنى سۆكمەكچى.*

21ئەپسۇس، نومۇس قىلىپ ئېيتىمەنكى، بىز ئۇنداق ئىشلارغا ئاجىزلىق قىلدۇق! ئەمما ئۇلار بىرەر ئىشتا ماختىنىشقا پېتىنغان يەردە (ئەخمەقلەرچە سۆزلەۋاتىمەن!) مەنمۇ شۇ ئىشتا ماختىنىشقا* پېتىنىمەن. ◼ 11:21 +bd «ئەپسۇس، نومۇس قىلىپ ئېيتىمەنكى، بىز ئۇنداق ئىشلارغا ئاجىزلىق قىلدۇق!»+bd* ــ بۇ يەنە تاپا-تەنە، كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. پاۋلۇس ھەرگىز ئادەملەردىن نەپ ئېلىپ بوزەك قىلماقچى بولغان ئەمەس. «ئاجىزلىق» دېگەنلىك يەنە بەلكىم ئۇلارغا پاۋلۇسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدىكى تېنى ئاجىزلىقىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن ئېيتىلىدۇ. (7:12-10نى كۆرۈڭ).* ◘ 11:21 فىل. 3‏:4. *

22ئۇلار ئىبرانىيلارمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ نەسلىمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ◘ 11:22 روس. 22‏:3. *

23ئۇلار مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ (مەن ئەقىلدىن ئازغانلاردەك سۆزلەۋاتىمەن!)؛ مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ زىيادە كۆپ زورۇقۇپ ئىشلىدىم، ئىنتايىن كۆپ دەررىلەندىم، ئىنتايىن كۆپ قېتىم قامالدىم، كۆپ قېتىم ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم؛ ◼ 11:23 +bd «ۇلار مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ (مەن ئەقىلدىن ئازغانلاردەك سۆزلەۋاتىمەن!)»+bd* ــ ئۇلار (ساختا روسۇللار) مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما ئۇلار دائىم ئۆزلىرىنى شۇنداق كۆرسەتمەكچى بولىدۇ.* ◘ 11:23 روس. 9‏:16؛ 21‏:11؛ 1كور. 15‏:10؛ 2كور. 6‏:4. *

24يەھۇدىيلارنىڭ «بىر كەم قىرىق قامچا» جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم، ◼ 11:24 +bd «يەھۇدىيلارنىڭ «بىر كەم قىرىق قامچا» جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم،...»+bd* ــ دېمەك، ئوتتۇز توققۇز قامچا جازالىنىشى. تەۋرات، «قان.» 3:25نى كۆرۈڭ.* ◘ 11:24 قان. 25‏:3. *

25ئۈچ قېتىم تىكەنلىك قامچا جازاسىنى يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم. ◼ 11:25 +bd «ئۈچ قېتىم تىكەنلىك قامچا جازاسىنى يېدىم»+bd* ــ «تىكەنلىك قامچا جازاسى» رىم ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بولسا كېرەك ئىدى. «روس.» 22:16دە بىر قېتىم خاتىرىلەنگەن. «مات.» 26:27دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 11:25 روس. 14‏:19؛ 16‏:22؛ 27‏:9،41. *

26دائىم سەپەرلەردە بولىمەن؛ دەريالارنىڭ خەۋپلىرىنى، قاراقچىلارنىڭ خەۋپلىرىنى، يۇرتداشلىرىمنىڭ خەۋپلىرىنى، يات ئەللىكلەرنىڭ خەۋپلىرىنى، شەھەرنىڭ خەۋپىنى، باياۋاننىڭ خەۋپلىرىنى، دېڭىزنىڭ خەۋپلىرىنى، ساختا قېرىنداشلار ئارىسىدىكى خەۋپلىرىنى باشتىن كەچۈردۈم؛

27ئەمگەكلەر ۋە جاپا ئىشلاردا زورۇقۇپ، پات-پات تۈنەكلەردە، ئاچلىقتا ۋە ئۇسسۇزلۇقتا، دائىم روزا تۇتۇشلاردا، سوغۇقلاردا ۋە يېلىڭ-يالىڭاچلىقتا يۈرۈپ كەلدىم. ◼ 11:27 +bd «پات-پات تۈنەكلەردە»+bd* ــ دېمەك «پات-پات تۈنەپ دۇئا قىلىشلاردا». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇيقۇسىزلىقلاردا».*

28بۇ سىرتتىكى ئىشلاردىن باشقا، ئىچ-باغرىمدا بارلىق جامائەتلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۈستۈمنى بېسىپ كېلىۋاتقان غەملەرنى يەۋاتىمەن. ◼ 11:28 +bd «بۇ سىرتتىكى ئىشلاردىن باشقا...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇ ئىشلاردىن تاشقىرى،...».* ◘ 11:28 روس. 20‏:18. *

29ھەركىم ئاجىزلىسا، مەن ئاجىزلىمىدىممۇ؟ ھەركىم ئېزىپ پۇتلاشقان بولسا، مەن ئۆرتەنمىدىممۇ؟! ◼ 11:29 +bd «ھەركىم ئاجىزلىسا، مەن ئاجىزلىمىدىممۇ؟»+bd* ــ «كىم ئاجىزلىسا» ــ ئېتىقاد تەرىپىدە ئاجىزلاش، دېمەك. «مەنمۇ ئاجىزلىدىم» ــ پاۋلۇس ئاجىزلىغان كىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىنى ئۇنىڭ بىلەن بىردەك قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويغاندەك بولىدۇ. بۇنىڭغا مىسالنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن بولغان دۇئا-تىلاۋەتلىرىدىن كۆرۈڭ («مىس.» 30:32-32).* ◘ 11:29 1كور. 8‏:13. *

30ئەمدى ئەگەر ماختىنىشىم زۆرۈر بولسا، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن.

31رەب ئەيسانىڭ خۇدا-ئاتىسى، مەڭگۈ تەشەككۈر-مەدھىيىلەرگە لايىق بولغۇچىغا ئايانكى، مەن يالغان ئېيتمىدىم. ◘ 11:31 رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تېس. 2‏:5. *

32دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن دەمەشق شەھىرىنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغانىدى. ◘ 11:32 روس. 9‏:24. *

r>