كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 3:1-17 UIGB2010 - Bible AI

1بىز يەنە ئۆزىمىزنى تەۋسىيە قىلغىلى تۇرۇۋاتامدۇق؟ ياكى باشقا بەزىلەرگە كېرەك بولغاندەك، سىلەرگە يېزىلغان ياكى سىلەر يازغان تەۋسىيىنامىلەر بىزگە كېرەكمۇ؟ ◘ 3:1 2كور. 5‏:12؛ 10‏:8. *

2سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تەۋسىيىنامىمىزدۇرسىلەر، قەلبىمىزدە پۈتۈلگەن، ھەر ئىنسانغا تونۇش بولغان ۋە ئوقۇلىدىغان. ◼ 3:2 +bd «سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تەۋسىيىنامىمىزدۇرسىلەر، قەلبىمىزدە پۈتۈلگەن، ھەر ئىنسانغا تونۇش بولغان ۋە ئوقۇلىدىغان»+bd* ــ دېمەك، كورىنتتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ نىجاتنى يېڭى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا مۇتلەق ئۆزگەرتىلگەن يېڭى يۈرۈش-تۇرۇشلىرى پاۋلۇسنىڭ ئەجرىنىڭ ھەر ئادەمگە كۆرۈنەرلىك بولغان مېۋىسى، ئۇنىڭ ھەقىقىي روسۇل ئىكەنلىكىگە ئىسپات ئىدى.*

3سىلەرنىڭ بىز تەرىپىمىزدىن پەرۋىش قىلىنغان، مەسىھنىڭ مەكتۇپى ئىكەنلىكىڭلار ئايان بولدى (بۇ مەكتۇپ سىياھ بىلەن ئەمەس، بەلكى تىرىك خۇدانىڭ روھى بىلەن يېزىلغان، تاش تاختايلارغا ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ ئەتلىك تاختايلىرىغا پۈتۈكلۈكتۇر). ◼ 3:3 +bd «سىلەرنىڭ بىز تەرىپىمىزدىن پەرۋىش قىلىنغان، مەسىھنىڭ مەكتۇپى ئىكەنلىكىڭلار»+bd* ــ «پەرۋىش قىلىنغان» ياكى «يەتكۈزۈلىدىغان، يوللانغان». گرېك تىلىدا «كۆيۈنۈپ بېقىلغان» ياكى «خىزمىتى قىلىنغان». +bd «بۇ مەكتۇپ سىياھ بىلەن ئەمەس، بەلكى تىرىك خۇدانىڭ روھى بىلەن يېزىلغان، تاش تاختايلارغا ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ ئەتلىك تاختايلىرىغا پۈتۈكلۈكتۇر»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن «تاش تاختالار»غا پۈتۈكلۈك ئىدى. مۇشۇ يەردىكى «ئەتلىك» سەلبىي مەنىدە ئەمەس، بەلكىم «يۇمشاق، قاتتىق بولمىغان»، «تاش»نىڭ ئەكسىنى بىلدۈرىدۇ.* ◘ 3:3 مىس. 24‏:12؛ 34‏:1؛ يەر. 31‏:33؛ ئ‍ەز. 11‏:19؛ 36‏:26؛ ئىبر. 8‏:10. *

4ئەمدى بىزنىڭ مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قارايدىغان شۇنچە زور ئىشەنچىمىز بار؛

5ئۆزىمىزنى بىرەرنەرسىنى قىلغۇدەك ئىقتىدارىمىز بار دەپ چاغلىغىنىمىز يوقتۇر؛ ئىقتىدارلىقىمىز بولسا بەلكى خۇدادىندۇر.

6ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ. ◼ 3:6 +bd «ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر» مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇننى، يەنى «كونا ئەھدە»نى كۆرسىتىدۇ؛ «روھ» بولسا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «يېڭى ئەھدە» توغرۇلۇق «يەر.» 31:31-34 ۋە «يەرەمىيا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ. +bd «چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ»+bd* ــ بۇ سۆزلەرنىڭ تولۇق مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن «رىم.» 19:3-23، 7-باب ۋە 1:8-16نى كۆرۈڭ. «روھ» خۇدانىڭ روھى، ئەلۋەتتە.* ◘ 3:6 2كور. 5‏:18؛ ئىبر. 8‏:6، 8. *

7ئەمما سۆز-جۈملىلەر بىلەن تاشلارغا ئويۇلغان، ئۆلۈم كەلتۈرىدىغان خىزمەت شان-شەرەپ بىلەن بولغان ۋە شۇنداقلا ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈزىدە جۇلالانغان شان-شەرەپتىن ئۇنىڭ يۈزىگە كۆزلىرىنى تىكىپ قارىيالمىغان يەردە (گەرچە شۇ شان-شەرەپ ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ)، ◼ 3:7 +bd «ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈزىدە جۇلالانغان شان-شەرەپتىن ئۇنىڭ يۈزىگە كۆزلىرىنى تىكىپ قارىيالمىغان يەردە»+bd* ــ بۇ ۋەقە «مىس.» 29:34-35دە خاتىرىلەنگەن. +bd «(گەرچە شۇ شان-شەرەپ ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ)»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «گەرچە شۇ نۇر ئاستا-ئاستا يوقىلىۋاتقان بولسىمۇ». پاۋلۇس بۇ ئىككى بىسلىق سۆزلەرنى بەلكىم ئەتەي ئىشلەتكەن، شۇڭا ئىككىلا تەرجىمىسى بەلكىم توغرىدۇر.* ◘ 3:7 مىس. 24‏:12؛ 34‏:1،30؛ قان. 10‏:1. *

8روھ بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغان خىزمەت تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولمامدۇ؟

9چۈنكى ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتىدىغان خىزمەت شەرەپلىك بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان خىزمەتنىڭ شەرىپى تېخىمۇ ئېشىپ تاشمامدۇ!؟

10چۈنكى ئەسلىدە شان-شەرەپلىك بولغان ئىشنىڭ ھازىرقى غايەت زور شان-شەرەپلىك ئىشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق شان-شەرەپلىكلىكى يوقتۇر؛

11چۈنكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش ئەسلىدە شان-شەرەپ بىلەن كەلتۈرۈلگەن يەردە، ھازىر ئورنىنى باسقان ئىش تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولىدۇ. ◼ 3:11 +bd «چۈنكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش ئەسلىدە شان-شەرەپ بىلەن كەلتۈرۈلگەن يەردە،...»+bd* ــ «ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش» ياكى «ئاجىزلاپ يوقىلىۋاتقان ئىش».*

12بىزدە شۇنچە زور شۇنداق بىر ئۈمىد بولغانىكەن، بىز تولىمۇ يۈرەكلىك بولىمىز. ◼ 3:12 +bd «بىز تولىمۇ يۈرەكلىك بولىمىز»+bd* ــ ياكى «بىز جاسارەتلىك سۆزلەيمىز».*

13بىز ئىسرائىللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ئەھدىنىڭ* پارلاق نۇرىغا كۆزىنى تىكىپ قاراشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۇچراپ كەتمىسۇن دەپ يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغان مۇساغا ئوخشىمايمىز. ◼ 3:13 +bd «ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ئەھدە»+bd* ــ «كونا ئەھدە»نىڭ «ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى»نى تولۇقراق چۈشىنىش ئۈچۈن «رىم.» 19:3-25:4، 7:7-4:8، «گال.» 2:1-7:4نى ئوقۇڭ)

14ئەمما ئۇلارنىڭ ئوي-كۆڭۈللىرى قاداقلاشقانىدى؛ چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى؛ چۈنكى پەقەت مەسىھدە بولغاندىلا ئۇ ئېلىپ تاشلىۋېتىلىدۇ. ◼ 3:14 +bd «چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى...»+bd* ــ «كونا ئەھدە» مۇشۇ يەردە، بولۇپمۇ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇننى، يەنى تەۋراتنىڭ «يارىتىلىش»تىن «قانۇن شەرھى»گىچە بولغان بەش قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 3:14 يەش. 6‏:10؛ ئ‍ەز. 12‏:2؛ مات. 13‏:11؛ روس. 28‏:26؛ رىم. 11‏:8. *

15ئەمما بۈگۈنگە قەدەر، مۇسانىڭ يازمىلىرى ئوقۇلغىنىدا شۇ چۈمپەردە يەنىلا قەلبىنى يېپىۋالماقتا.

16ئەمما ھەركىم رەبگە قاراپ بۇرۇلسا، چۈمپەردە ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ◘ 3:16 مات. 13‏:11؛ رىم. 11‏:23؛ 1كور. 2‏:10. *

17ئەمما رەب شۇ روھتۇر؛ ۋە رەبنىڭ روھى قەيەردە بولسا، شۇ يەردە ھۆرلۈك بولىدۇ. ◼ 3:17 +bd «ئەمما رەب شۇ روھتۇر»+bd* ــ «روھ» بولسا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى»، يەنى «يېڭى ئەھدە» ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئېلىپ كېلىدىغان روھنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 3:17 يـۇھ. 4‏:24. *

>