كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 5:1-20 UIGB2010 - Bible AI

1چۈنكى بۇ زېمىنغا تەۋە ئۆيىمىز، يەنى بۇ چېدىرىمىز يوقىتىلسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن بولغان، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان بىر ئۆي، يەنى ئاسمانلاردا ئەبەدىي بىر ماكانىمىز باردۇر دەپ بىلىمىز. ◘ 5:1 2كور. 4‏:7. *

2ئەمدى بۇ كونا ئۆيىمىزدە* تۇرغىنىمىزدا ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى كىيىۋېلىشقا زور ئىنتىزار بىلەن ئاھ ئۇرماقتىمىز ◘ 5:2 رىم. 8‏:23. *

3(بەرھەق، ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى* كىيىۋالساق يالىڭاچ قالمايمىز). ◘ 5:3 ۋەھ. 3‏:18؛ 16‏:15. *

4چۈنكى مۇشۇ چېدىردا تۇرغىنىمىزدا، ئېغىرچىلىقتا ئاھ ئۇرماقتىمىز؛ بۇ بىزنىڭ يالىڭاچلىنىشنى خالىغىنىمىز ئەمەس، بەلكى كىيىندۈرۈلۈشنى، يەنى بىزدە ئۆلىدىغان نېمە بولسا، ئۇنىڭ ھايات تەرىپىدىن يۇتۇلۇشىنى خالايمىز. ◘ 5:4 رىم. 8‏:11؛ 1كور. 15‏:53. *

5ئەمدى بىزنى دەل مۇشۇ ئىشقا تەييارلىغۇچى بولسا خۇدادۇر؛ ئۇ بىزگە «كاپالەت» بولغان ئۆز روھىنىمۇ ئاتا قىلدى. ◼ 5:5 +bd «ئۇ بىزگە «كاپالەت» بولغان ئۆز روھىنىمۇ ئاتا قىلدى»+bd* ــ «ئۆز روھى» گرېك تىلىدا پەقەت «روھ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «كاپالەت» توغرۇلۇق 22:1دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 5:5 رىم. 8‏:16؛ 2كور. 1‏:22؛ ئ‍ەف. 1‏:13؛ 4‏:30. *

6شۇنىڭ بىلەن بىز ھەمىشە يۇرەكلىك بولىمىز؛ ھەمدە تېنىمىزدە ماكان تۇتقىنىمىزدا رەبدىن نېرى بولغان مۇساپىر بولىمىز دەپ بىلىمىز

7(چۈنكى بىز كۆرۈش سېزىمى بىلەن ئەمەس، ئېتىقاد بىلەن ماڭىمىز)؛ ◘ 5:7 1كور. 13‏:12؛ 2كور. 3‏:18. *

8بىز يۇرەكلىك بولۇپ، شۇنىڭدەك تەندىن نېرى بولۇپ رەب بىلەن بىللە بىر ماكاندا بولۇشقا تېخىمۇ خۇرسەنمىز.

9شۇنىڭ بىلەن، مەيلى تەندە بولايلى، مەيلى تەندىن نېرى بولايلى، ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستەك-نىشان قىلىپ ئىنتىلىمىز.

10چۈنكى تەندە قىلغان ئەمەللىرىمىزنى، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن، ھەربىرىمىزگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھازىر بولۇشىمىز لازىم بولىدۇ. ◘ 5:10 زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ 25‏:32؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:10،12؛ 1كور. 3‏:8؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 22‏:12. *

11شۇنىڭ بىلەن رەبنىڭ دەھشىتىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز؛ لېكىن بىز خۇداغا ئوچۇق-ئاشكارىمىز، شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلاردىمۇ ئاشكارە تونۇلساق دەپ ئۈمىد قىلىمەن. ◼ 5:11 +bd «بىز خۇداغا ئوچۇق-ئاشكارىمىز، شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلاردىمۇ ئاشكارە تونۇلساق دەپ ئۈمىد قىلىمەن»+bd* ــ «خۇداغا ئوچۇق-ئاشكارىمىز، شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلاردىمۇ ئاشكارە تونۇلساق». دېمەك، پاۋلۇس ۋە باشقا روسۇللار دۇنيادىكىكىلەرگە ئانچە تونۇش ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى، ئۇلاردا بولغان مەسىھنىڭ مۇقەددەس روھىمۇ دۇنيادىكىكىلەرگە ئانچە تونۇش ئەمەس، شۇڭا ئۇلارغا مەسىھنىڭ ھەر ئادەمنى سوراققا تارتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىشەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار. لېكىن خۇدا بىزنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە (سىلەر خۇدانىڭ ئادەملىرى بولغاندىن كېيىن) سىلەرمۇ بىزنى ئوبدان چۈشەنسەڭلار كېرەك، دەيدۇ.*

12بىز ھازىر ئۆزىمىزنى قايتىدىن سىلەرگە تەۋسىيە قىلغىنىمىز يوق، بەلكى پەقەت سىلەردە قەلبدىكى ئىشلاردىن ئەمەس، تاشقى قىياپەتتىن پەخىرلىنىدىغانلارغا بەرگۈدەك جاۋاب بولسۇن دەپ، سىلەرگە بىزلەردىن پەخىرلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىۋاتىمىز. ◼ 5:12 +bd «...تاشقى قىياپەتتىن پەخىرلىنىدىغانلارغا بەرگۈدەك جاۋاب بولسۇن دەپ، سىلەرگە بىزلەردىن پەخىرلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىۋاتىمىز»+bd* ــ «تاشقى قىياپىتىدىن پەخىرلىنىدىغانلار بەرگۈدەك جاۋاب بولسۇن دەپ...» ــ پاۋلۇس ھازىر كورىنتتىكى جامائەتتە كۆرۈنگەن «ساختا روسۇللار»نى تىلغا ئېلىپ، ئۆزى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان بۇ كىشىلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن كورىنتتىكى قېرىنداشلارغا ئۆزىنىڭ ۋە ھەمكارلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئازراق ئاشكارىلاپ كۆرسەتمەكچى.* ◘ 5:12 2كور. 3‏:1؛ 10‏:8. *

13چۈنكى ئىچ-ئىچىمىزگە سىغماي قالغان بولساقمۇ خۇدا ئالدىدا شۇنداق بولدۇق، سالماق بولساقمۇ سىلەر ئۈچۈن شۇنداق بولىمىز. ◼ 5:13 +bd «چۈنكى ئىچ-ئىچىمىزگە سىغماي قالغان بولساقمۇ خۇدا ئالدىدا شۇنداق بولدۇق، سالماق بولساقمۇ سىلەر ئۈچۈن شۇنداق بولىمىز»+bd* ــ مۇنۇ ئايەتتە پاۋلۇس، شۈبھىسىزكى، (يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك) ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ۋە قېرىنداشلارنىڭ «قەلبدىكى ئىشلار»، يەنى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ. ئۇ كېيىنرەك «كۆرۈنۈش»تىكى ئىشلارنىڭ، يەنى «تاشقى قىياپەت»نىڭ ئىشلىرىغا ئۆتىدۇ. ئەمەلىيەتتە «ئىچ-ئىچىمىزگە سىغماي قالغان بولۇش» خۇدانىڭ زور ئۇلۇغلۇقى، ئېشىپ تاشقان شاپائىتىگە قاراپ ئىنساننىڭ خۇشاللىقتىن بولغان نورمال ئىنكاسى بولۇش كېرەكقۇ، دەيمىز. ئەمما باشقا كىشىلەر بەرىبىر خۇش خەۋەرنى ئاڭلىشى كېرەك، شۇنىڭدەك ئۆز خۇشاللىقىمىزغا ھاي بېرىپ، ئۇلار ئۈچۈن «سالماق» بولۇشىمىزمۇ كېرەك.*

14چۈنكى مەسىھنىڭ مۇھەببىتى بىزنى شۇنداق قىلىشقا* ئۈندەيدۇ؛ چۈنكى بىز بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى، شۇڭا ھەممەيلەننىمۇ ئۆلدى، دەپ ھېسابلايمىز. ◼ 5:14 +bd «بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى»+bd* ــ مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. +bd «چۈنكى بىز بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى، شۇڭا ھەممەيلەننىمۇ ئۆلدى، دەپ ھېسابلايمىز»+bd* ــ بۇ ئاجايىب ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*

15ۋە ئۇ ھەممەيلەننى دەپ ئۆلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت، ھايات بولغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلۈپ تىرىلگۈچى ئۈچۈن ياشىشى ئۈچۈندۇر. ◘ 5:15 رىم. 14‏:7؛ گال. 2‏:20؛ 1تېس. 5‏:10؛ 1پېت. 4‏:2. *

16شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنى ئىنسانلارچە تونۇمايمىز؛ ھەتتا بىز مەسىھنى ئىنسانلارچە تونۇغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى يەنە شۇنداق تونۇمايمىز. ◼ 5:16 +bd «ھەتتا بىز مەسىھنى ئىنسانلارچە تونۇغان بولساق...»+bd* ــ «ئىنسانلارچە» گرېك تىلىدا «ئەتلەر بويىچە». +bd «شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنى ئىنسانلارچە تونۇمايمىز؛ ھەتتا بىز مەسىھنى ئىنسانلارچە تونۇغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى يەنە شۇنداق تونۇمايمىز»+bd* ــ بۇ ئاجايىب ئايەت توغرۇلۇقمۇ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 5:16 مات. 12‏:50؛ يـۇھ. 15‏:14؛ گال. 5‏:6؛ 6‏:15؛ كول. 3‏:11. *

17شۇڭا ئەمدى بىرسى مەسىھدە بولسا، ئۇ يېڭى بىر يارىتىلغۇچىدۇر! كونا ئىشلار ئۆتۈپ، مانا، ھەممە ئىش يېڭى بولدى! ◘ 5:17 يەش. 43‏:18؛ ۋەھ. 21‏:5. *

18ۋە بارلىق ئىشلار خۇدادىندۇر؛ ئۇ بىزنى مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئىناقلاشتۇردى، شۇنداقلا بىزگە ئىناقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاپشۇردى: ــ ◼ 5:18 +bd «ۋە بارلىق ئىشلار خۇدادىندۇر»+bd* ــ ياكى «ۋە بۇ بارلىق ئىشلار خۇدادىندۇر».* ◘ 5:18 كول. 1‏:20؛ 1يۇھ. 2‏:2؛ 4‏:10. *

19دېمەك، خۇدا مەسىھدە ئادەملەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەيىبى بىلەن ھېسابلاشماي، ئالەمنى ئۆزىگە ئىناقلاشتۇردى؛ شۇنىڭدەك بىزگە ئىناقلاشتۇرۇش خەۋىرىنى ئامانەت قىلىپ تاپشۇردى. ◘ 5:19 رىم. 3‏:24،25؛ كول. 1‏:20. *

20شۇڭا خۇددى خۇدا بىز ئارقىلىق ئادەملەردىن ئىناقلىققا كېلىشنى* ئۆتۈنگىنىدەك، بىز مەسىھكە ۋاكالىتەن ئەلچىلەردۇرمىز؛ مەسىھنىڭ ئورنىدا «خۇداغا ئىناقلاشتۇرۇلغايسىلەر!» دەپ ئۆتۈنىمىز. ◘ 5:20 2كور. 3‏:6. *

>