1ئەمدى خۇدانىڭ* ھەمكارلىرى سۈپىتىدە سىلەردىن ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى بىكارغا كەتكۈزمەڭلار دەپ ئۆتۈنىمىز ◘ 6:1 1كور. 3:9؛ ئىبر. 12:15. *
2(چۈنكى ئۇ: «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن» ــ دېدى. مانا، ھازىر بولسا «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان ياخشى پەيت»؛ مانا، ھازىر «نىجات-قۇتۇلۇش كۈنى»دۇر!). ◼ 6:2 +bd «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن»+bd* ــ «يەش.» 8:49.* ◘ 6:2 يەش. 49:8. *
3رەبنىڭ* خىزمىتىگە داغ كەلتۈرۈلمىسۇن دەپ ھېچقانداق ئىشتا ھېچكىمنىڭ ئىمانىغا توسالغۇلۇق قىلمايمىز؛ ◘ 6:3 رىم. 14:13؛ 1كور. 10:32. *
4بەلكى ھەربىر ئىشتا ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى سۈپىتىدە نەمۇنە قىلىپ يۈرىمىز؛ زور چىداملىق بىلەن، جەبىر-زۇلۇملاردا، جاپا-مۇشەققەتلەردە، بېسىم-قىستاقلاردا، ◘ 6:4 1كور. 4:1؛ 2كور. 11:23. *
5قامچا يارىلىرىدا، زىندانلاردا، قوزغىلاڭ-توپىلاڭلار ئىچىدە، ئېغىر مېھنەتلەردە، تۈنەشلەردە، روزا تۇتۇشلاردا، ◼ 6:5 +bd «تۈنەشلەردە»+bd* ــ دېمەك «تۈنەپ دۇئا قىلىشلاردا». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇيقۇسىزلىقلاردا».*
6پاكلىق بىلەن، بىلىملەر بىلەن، سەۋر-تاقەتلىك بىلەن، مېھرىبانلىقلار بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، ساختىلىقسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن،
7ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى بىلەن، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن، ھەققانىيلىقنىڭ ئوڭ-سول قوللاردىكى قوراللىرى بىلەن، ◼ 6:7 +bd «...ھەققانىيلىقنىڭ ئوڭ-سول قوللاردىكى قوراللىرى بىلەن...»+bd* ــ بەلكىم زەرب قىلىدىغان ھەم قوغدايدىغان روھىي قوراللارنى كۆرسىتىدۇ.*
8ھەم ئىززەت-شۆھرەتتە ھەم ھاقارەت ئىچىدە، تۆھمەت ھەم تەرىپلىنىشلەر ئىچىدە ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەكارلىرى سۈپىتىدە نامايان قىلدۇق*؛ يالغانچىلار دەپ قارالغان بولساقمۇ سەمىمىي-سادىق بولۇپ،
9نامسىز بولدۇق-يۇ، ئەمما مەشھۇرمىز؛ ئۆلەي دەپ قالدۇق-يۇ، ئەمما مانا، ھاياتتۇرمىز؛ تەربىيىدە جازالاندۇق-يۇ، ئەمما ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمىدۇق؛ ◼ 6:9 +bd «نامسىز بولدۇق-يۇ، ئەمما مەشھۇرمىز»+bd* ــ دۇنيادىكى «مەشھۇر»لاردىن بولمىسىمۇ، لېكىن خۇدا، پەرىشتىلەر ۋە جامائەتلەر تەرىپىدىن مەشھۇردۇر، دېگەن مەنىدە دەپ قارايمىز. +bd «تەربىيىدە جازالاندۇق-يۇ، ئەمما ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمىدۇق»+bd* ــ «تەربىيىدە جازالاندۇق-يۇ...» دېگەنلىك باشقا بىر تەرجىمىسى «دەررە-قامچا يېدۇق-يۇ ...».
10دەرد-ئەلەم تارتتۇق-يۇ، ئەمما دائىم شاد-خۇراملىقتا تۇرىمىز؛ نامرات بولغىنىمىز بىلەن، ئەمما كۆپ ئادەملەرنى باي قىلغۇچىمىز؛ ھېچنېمىمىز يوق بولغىنى بىلەن، ئەمما ھەممىگە ئىگىدارمىز. ◼ 6:10 +bd «نامرات بولغىنىمىز بىلەن، ئەمما كۆپ ئادەملەرنى باي قىلغۇچىمىز؛ ھېچنېمىمىز يوق بولغىنى بىلەن، ئەمما ھەممىگە ئىگىدارمىز»+bd* ــ «نامرات بولغىنىمىز بىلەن،... ھېچنېمىمىز يوق بولغىنى بىلەن،...» ــ پاۋلۇس ۋە باشقا روسۇللار بۇ دۇنيانىڭ كۆزقارىشىدىن قارىغاندا شۇنداق كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئۇلار ھەرگىز ئۆزلىرىنى ئۇنداق ھېسابلىمايدۇ، بەلكى ئۆزلىرىنى ھەقىقىي بايلار (مەڭگۈلۈك بايلىقلارغا ئىگە) دەپ سانايتتى.*
11سىلەرگە ئوچۇق-يورۇق سۆزلىدۇق، ئەي كورىنتلىقلار، بىزنىڭ باغرىمىز سىلەرگە كەڭ ئېچىلدى! ◼ 6:11 +bd «سىلەرگە ئوچۇق-يورۇق سۆزلىدۇق، ئەي كورىنتلىقلار،...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئاغزىمىز سىلەرگە ئوچۇق، ئى كورىنتلىقلار،...».*
12سىلەر بىز تەرەپتىن قىسىلغان ئەمەس، لېكىن ئۆز ئىچ-باغرىڭلارنىڭ تارلىقىدىن قىسىلىسىلەر؛
13ئەمدى ئادىل ئالماشتۇرۇشتا بولۇپ ــ (ئۆز پەرزەنتلىرىمگە سۆزلىگەندەك سۆزلەيمەن) ــ باغرىڭلارنى بىزگىمۇ كەڭ ئېچىڭلار. ◘ 6:13 1كور. 4:14. *
14ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا چېتىلىپ تەڭسىزلىكتە بولماڭلار؛ چۈنكى ھەققانىيلىق ۋە قەبىھلىك ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن؟ يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇق بىلەن قانداق ھەمراھلىقى بولسۇن؟ ◼ 6:14 +bd «ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا چېتىلىپ تەڭسىزلىكتە بولماڭلار»+bd* ــ «قان.» 10:22دە «ئېشەك ۋە كالىنى بىر بويۇنتۇرۇققا تەڭ قوشماڭلار» دېيىلىدۇ. تەڭسىزلىك بولغاچقا، ئىشەنگەن ئادەم ۋە ئىشەنمىگەن ئادەم تەڭ يۈك تارتمايدۇ، ھەتتا بىر-بىرىدىن باشقا يۆنىلىشكە تارتىدۇ. بۇ سۆزلەر پەقەت نىكاھقىلا باغلىق ئەمەس، تۈرلۈك ئەھۋاللاردا ئېتىقادسىز ئادەم بىلەن «ھەمبويۇنتۇرۇق» بولۇش چوڭ چاتاقلارنى چىقىرىدۇ، دېگەنلىكتۇر. +bd «...ھەققانىيلىق ۋە قەبىھلىك ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن؟»+bd* ــ «قەبىھلىك» گرېك تىلىدا «قانۇنسىزلىق»، ئەمما بۇ «قانۇن» ھۆكۈمەتنىڭكى ئەمەس، خۇدانىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 6:14 قان. 7:2؛ 1سام. 5:1، 2؛ 1پاد. 8:21؛ 1كور. 5:9؛ 10:21؛ ئەف. 5:11*
15مەسىھنىڭ بېلىئال بىلەن نېمە ئىناقلىقى بولسۇن؟ ئىشەنگۈچىنىڭ ئىشەنمىگۈچى بىلەن قانداق ئورتاق نېسىۋىسى بولسۇن؟ ◼ 6:15 +bd «مەسىھنىڭ بېلىئال بىلەن نېمە ئىناقلىقى بولسۇن؟»+bd* ــ «بېلىئال» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «ئەرزىمەس، ئوسال» بولۇپ، شەيتاننىڭ يەنە بىر ئىسمى بولىدۇ.*
16خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇتلار بىلەن قانداق بىرلىكى بولسۇن؟ چۈنكى سىلەر تىرىك خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر ــ خۇدانىڭ: «مەن ئۇلاردا تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن ۋە ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ» دېگىنىدەك سىلەر ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر*»؛ ◼ 6:16 +bd «مەن ئۇلاردا تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن ۋە ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ»+bd* ــ «لاۋ.» 12:26 ۋە «يەر.» 32:28، «ئەز.» 27:32نى كۆرۈڭ.* ◘ 6:16 مىس. 29:45؛ لاۋ. 26:11-12؛ يەر. 32:38؛ ئەز. 37:27؛ 1كور. 3:16؛ 6:19؛ 10:7، 14؛ ئەف. 2:21؛ ئىبر. 3:6؛ 1پېت. 2:5*
17شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ئايرىلىڭلار»، ــ دەيدۇ رەب، ــ «ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگكۈچى بولماڭلار»، «شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن»، ◼ 6:17 +bd «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ئايرىلىڭلار... ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگكۈچى بولماڭلار»+bd* ــ «يەش.» 11:52نى كۆرۈڭ. ئەسلىدە بۇ سۆزلەر ئىسرائىلغا بابىل ئىمپېرىيەسىدىكى كەيپ-ساپا ۋە بۇتپەرەسلىكنى تاشلاپ چىقىشى ئۈچۈن ئېيتىلغان. +bd «شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن»+bd* ــ «ئەز.» 41:20نى كۆرۈڭ.* ◘ 6:17 يەش. 52:11؛ ئەز. 20:34،41؛ ۋەھ. 18:4. *