كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 8:1-23 UIGB2010 - Bible AI

1ئەمما، ئى قېرىنداشلار، بىز سىلەرگە خۇدانىڭ ماكېدونىيەدىكى جامائەتلەرگە بېغىشلىغان مېھىر-شەپقىتىنى ئايان قىلماقچىمىز؛

2ئۇلار زور ئېغىر جاپا-مۇشەققەتتە سىنالغىنىدا، قاتتىق نامرات ئەھۋالدا ئېشىپ تاشقان شادلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوچۇق قوللۇقىنىڭ بايلىقى ئۇرغۇپ چىقتى؛

3چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ بارىچە، ھەتتا كۈچىدىن ئارتۇق خەير-ساخاۋەت قىلغانلىقىغا ئۆزۈم گۇۋاھ. ئۇلار ئىختىيارى بىلەن شۇنداق قىلىپ،

4بىزدىن مۇقەددەس بەندىلەرگە شۇ ياردەمدە بولۇشنىڭ بەختىگە ۋە شېرىكلىكىگە مۇيەسسەر بولۇشنى قاتتىق ئۆتۈندى؛ ◘ 8:4 روس. 11‏:29؛ رىم. 15‏:26؛ 1كور. 16‏:2؛ 2كور. 9‏:1. *

5شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كۈتكىنىمىزدەك ئەمەس، ئۈمىد قىلغىنىمىزدىن ئېشىپ ئۆزلىرىنى ئاۋۋال رەبگە، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىزگىمۇ بېغىشلىدى؛

6شۇڭا، تىتۇس سىلەردە بۇ* مېھرىبانلىقنى باشلىغانىكەن، بىز تىتۇستىن سىلەرنى بۇنىڭغا نېسىپداش قىلىپ ئۇنى ئادا قىلىشقا ئۆتۈندۇق.

7ئەمما سىلەر ھەر تەرەپتە، يەنى ئىشەنچتە، سۆزدە، بىلىمدە، تولۇق ئەستايىدىللىقتا ھەم بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلاردا ئەۋزەل بولغىنىڭلاردەك، مۇشۇ مېھىرلىك ئىشتىمۇ ئۆزۈڭلارنى ئەۋزەل كۆرسىتىڭلار. ◼ 8:7 +bd «بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلاردا...»+bd* ــ باشقا بىر كۆچۈرۈلمىدە: «بىزنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدە...» دېيىلىدۇ. (بۇ كۆچۈرمە توغرا بولسا مەنىسى بەلكىم: «بىزنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدىن ئىلھام-تەسەللى ئالغانلىقىڭلار»نى كۆرسەتسە كېرەك).*

8مەن بۇ گەپ بىلەن سىلەرگە بۇيرۇق قىلماقچى ئەمەسمەن، بەلكى باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئارقىلىق مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەقىقىيلىكىنى ئىسپاتلىماقچىمەن.

9چۈنكى سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىلىسىلەر ــ گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەرنى دەپ يوقسۇل بولدىكى، سىلەر ئۇنىڭ يوقسۇللۇقى ئارقىلىق بېيىتىلىسىلەر.

10مەن بۇ توغرۇلۇق پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن ــ بۇ سىلەرگە پايدىلىق، چۈنكى سىلەر ئالدىنقى يىلىلا ئىئانە قىلىشتا ۋە شۇنىڭغا ئىرادە باغلاشتا ياخشى باشلىدىڭلار. ◼ 8:10 +bd «سىلەر ئالدىنقى يىلىلا ئىئانە قىلىشتا ۋە شۇنىڭغا ئىرادە باغلاشتا ياخشى باشلىدىڭلار»+bd* ــ «1كور.» 2:16نى كۆرۈڭ.*

11ئەمدى ھازىر ئۇنى ئادا قىلىڭلار؛ قىزغىن ئىرادە باغلىغىنىڭلاردەك، بار دۇنيايىڭلار بىلەن شۇ ئىشقا ئەمەل قىلىڭلار.

12چۈنكى خەير-ساخاۋەتكە* بەل باغلىغۇچىغا نىسبەتەن، سوۋغىنىڭ خۇداغا يارىغۇدەك بولۇشى قولىدا يوققا ئەمەس، بەلكى قولىدا بارىغا باغلىقتۇر. ◘ 8:12 پەند. 3‏:28؛ مات. 12‏:43؛ لۇقا 21‏:3؛ 1پېت. 4‏:10. *

13چۈنكى بۇ باشقىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىمەن دەپ، ئۆزۈڭلارنى قىيناڭلار دېگىنىم ئەمەس،

14سىلەردە ئارتۇق بولغىنى ھازىرچە ئۇلارنىڭ كەم يېرىنى تولدۇرغىنىدەك، كۈنلەرنىڭ بىرىدە* ئۇلاردا ئارتۇق بولغىنى سىلەرنىڭ كەم يېرىڭلارنى تولدۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىدۇ.

15خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا*: «كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى» دەپ يېزىلغاندەك بولغاي. ◼ 8:15 +bd «كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى»+bd* ــ «مىس.» 18:16.* ◘ 8:15 مىس. 16‏:18. *

16ئەمما تىتۇسنىڭ قەلبىگە سىلەرگە بولغان كۆيۈمۈمگە ئوخشاش كۆيۈمنى سالغان خۇداغا تەشەككۈرلەر بولغاي؛

17چۈنكى ئۇ دەرھەقىقەت بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزنى قوبۇل قىلغىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ سىلەرگە كۈچلۈك كۆيۈمى بولغاچقا، ئۇ ئۆزلۈكىدىن يېنىڭلارغا باردى؛

18ئەمما بىز ئۇنىڭغا بارلىق جامائەتلەر ئارىسىدا خۇش خەۋەر خىزمىتىدە تەرىپلەنگەن قېرىنداشنى ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتتۇق؛

19شۇنىڭدەك ئۇ پەقەت شۇ تەرەپتىلا ئەمەس، بەلكى جامائەتلەر تەرىپىدىن بۇ خەيرلىك ئىشتا بىزگە ھەمسەپەر بولۇشقا تاللىۋېلىنغانىدى. ئەمدى بىز بۇ خەير-ساخاۋەتنى بولسا، رەبنىڭ شان-شەرىپىنى ھەم ياردەمدىكى قىزغىنلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولىمىز؛

20شۇنداق قىلىپ بىز بۇ مول سوۋغىنى مەسئۇل بولۇپ يەتكۈزۈشتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن تۆھمەت قىلماسلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىمىز.

21چۈنكى بىز پەقەت رەبنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدىمۇ ئىشىمىزنى دۇرۇس قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. ◼ 8:21 +bd «چۈنكى بىز پەقەت رەبنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدىمۇ ئىشىمىزنى دۇرۇس قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز»+bd* ــ تەۋرات، «پەند.» 4:3نى كۆرۈڭ.* ◘ 8:21 رىم. 12‏:17. *

22بىز يەنە ئۇلار بىلەن بىللە كۆپ ئىشلاردا ئىنتايىن ئەستايىدىللىقى نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلانغان قېرىنداشنى ئەۋەتمەكچىمىز؛ ھازىر ئۇنىڭ سىلەرگە باغلىغان زور ئىشەنچى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئىنتايىن ئەستايىدىللىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.

23تىتۇس توغرۇلۇق سوئاللار بولسا ئۇ مېنىڭ ھەمراھىم ۋە خىزمىتىڭلاردا بولغان ھەمكارىمدۇر؛ باشقا ئىككى قېرىندىشىمىز بولسا، ئۇلار جامائەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، مەسىھنىڭ شان-شەرىپىدۇر.

>