كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 9:1-14 UIGB2010 - Bible AI

1چۈنكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بۇ ياردەم خىزمىتى توغرۇلۇق سىلەرگە يەنە يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. ◘ 9:1 روس. 11‏:29؛ رىم. 15‏:26؛ 1كور. 16‏:2؛ 2كور. 8‏:4. *

2چۈنكى مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشقا قاتتىق بەل باغلىغىنىڭلارنى بىلىمەن؛ مەن بۇ توغرۇلۇق: ئاخايادىكىلەر ئۆتكەن يىلدىن بېرى خەير-سەدىقە بېرىشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ماكېدونىيەدىكى قېرىنداشلارغا* پەخىرلىنىپ ماختاپ كەلمەكتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلار ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خەير-سەدىقە* بېرىشىگە* تۈرتكە بولدى. ◼ 9:2 «مەن بۇ توغرۇلۇق: ئاخايادىكىلەر ئۆتكەن يىلدىن بېرى خەير-سەدىقە بېرىشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ... پەخىرلىنىپ ماختاپ كەلمەكتىمەن» ــ كورىنت شەھىرى ئاخايا ئۆلكىسىدە ئىدى.*

3لېكىن قېرىنداشلارنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىم سىلەرنىڭ توغراڭلاردا پەخىرلىنىپ ماختىشىمنىڭ بۇ ئىشلاردا بىھۇدە ئىش بولۇپ قالماسلىقى، سىلەرنىڭ دېگىنىمدەك تەييار بولۇپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. ◼ 9:3 +bd «قېرىنداشلارنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىم...»+bd* ــ «قېرىنداشلار» يەنى تىتۇس ھەم يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى قېرىنداش.*

4مۇبادا ماكېدونىيەدىكىلەر مەن بىلەن بىللە بارغىنىدا، سىلەر تەييارلىقسىز بولساڭلار، بۇ ئىشەنچىمىز ۋەجىدىن بىز خىجالەتكە قالدۇرۇلىمىز، سىلەر سۆزسىز شۇنداق بولىسىلەر.

5شۇ سەۋەبتىن مەن قېرىنداشلاردىن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەردىن بۇ ۋەدە قىلغان خەيرلىك ئىشنى ئالدىنئالا تەييارلاپ پۈتتۈرۈشىنى ئۆتۈنۈشنى زۆرۈر دەپ ھېسابلىدىم؛ شۇنداقلا بۇ سىلەردىن بىرەر نەرسە ئۈندۈرۈۋېلىش بولمىسۇن، بەلكى مېھرىبانلىقىڭلاردىن بولسۇن.

6ئەمما بۇنى ئەسلەڭلار*: بېخىللىق بىلەن ئاز تېرىغان ئاز ئالىدۇ، ئوچۇق قوللۇق بىلەن تېرىغىنى مول ئالىدۇ. ◼ 9:6 +bd «ئوچۇق قوللۇق بىلەن تېرىغىنى مول ئالىدۇ»+bd* ــ ياكى «بەرىكەتلەپ تېرىغىنى بەرىكەتلىنىپ ئالىدۇ».* ◘ 9:6 پەند. 11‏:24؛ گال. 6‏:7. *

7ھەر ئادەم ھېچ قىينىلىپ قالماي ياكى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە پۈككىنىچە بەرسۇن؛ چۈنكى خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ. ◘ 9:7 مىس. 25‏:2؛ 35‏:5؛ قان. 15‏:7؛ رىم. 12‏:8. *

8ئەمما خۇدا ھەربىر ئىلتىپات-شاپائەتنى سىلەرگە ئېشىپ تاشتۇرۇشقا قادىردۇر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەردائىم ھەرتەرەپتە ھەر ئېھتىياجقا تەييار قۇۋۋەتلىنىسىلەر، كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ قوللىرىڭلار ھەرخىل گۈزەل ئىشقا يېتىدۇ. ◼ 9:8 +bd «كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ قوللىرىڭلار ھەرخىل گۈزەل ئىشقا يېتىدۇ»+bd* ــ «كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ» گرېك تىلىدا «ئېشىپ تاشقىنلىنىپ» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.*

9مۇقەددەس يازمىلاردا* پۈتۈلگىنىدەك: ــ

10ئەمدى تېرىغۇچىغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى نان ئاتا قىلغۇچى سىلەرنىڭ تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلارنى تەمىنلەپ مول قىلىدۇ، ھەققانىيلىقىڭلارنىڭ ھوسۇل-مېۋىلىرىنى كۆپەيتىدۇ. ◼ 9:10 +bd «ئەمدى تېرىغۇچىغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى نان ئاتا قىلغۇچى سىلەرنىڭ تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلارنى تەمىنلەپ مول قىلىدۇ،...»+bd* ــ «تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلار» ھەرخىل كۆچمە مەنىدە بولۇپ، «ھاجەتمەنلەرگە تېخىمۇ مەردلىك بىلەن خەيرلىك قىلىش پۇرسەتلىرى»، «باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش پۇرسەتلىرى» دېگەندەك مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ «مېۋىلىرى» بولسا، باشقىلارنى ئېتىقادقا كەلتۈرۈش، ئېتىقادچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق ھەرخىل ئېسىل نەتىجىلەرنى كۆرسىتىدۇ ــ 11-12-ئايەتنى كۆرۈڭ.*

11شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا قولى ئوچۇق بولۇشقا ھەر تەرەپتە بېيىتىلىسىلەر، شۇنىڭدەك بۇ ئىش بىز ئارقىلىق خۇداغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ؛ ◼ 9:11 +bd «شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا قولى ئوچۇق بولۇشقا ھەر تەرەپتە بېيىتىلىسىلەر، شۇنىڭدەك بۇ ئىش بىز ئارقىلىق خۇداغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ»+bd* ــ ئىئانە يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارغا تاپشۇرۇلغاندا، ئۇلار خۇداغا كۆپ تەشەككۈر بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداقلا باشقا جامائەتلەرمۇ ئۇ ئىشنى ئاڭلاپ شۇنداق قىلىدۇ.*

12چۈنكى بۇ خەيرلىك خىزمەتنى ئادا قىلىش پەقەت مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى قاندۇرۇپلا قالماي، كۆپ كىشىلەرنىڭ خۇداغا يەتكۈزگەن تەشەككۈرلىرىنى ئېشىپ تاشتۇرىدۇ. ◼ 9:12 +bd «بۇ خەيرلىك خىزمەتنى ئادا قىلىش»+bd* ــ «ئادا قىلىش» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا: «(كاھىنلار) قۇربانلىق قىلغاندەك ئادا قىلىش».*

13بۇ ياردەم خىزمىتى ئۆزلىرىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېتىراپ قىلىشىڭلاردىكى مېۋە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلارغا دەلىل-ئىسپات بولىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىڭ مۇشۇ ھاجەتمەن* بەندىلەرگە، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرگە كۆرسەتكەن ئوچۇق قوللۇق سېخىيلىقىڭلاردىن ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.

14ۋە خۇدانىڭ سىلەردە تاشقىنلاتقان ئاجايىب مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلغىنىدا، ئۇلار سىلەرگە تەلپۈنۈپ قاتتىق سېغىنىپ ئەسلەيدۇ. ◼ 9:14 +bd «ۋە خۇدانىڭ سىلەردە تاشقىنلاتقان ئاجايىب مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلغىنىدا، ئۇلار سىلەرگە تەلپۈنۈپ قاتتىق سېغىنىپ ئەسلەيدۇ»+bd* ــ «رىم.» 26:15-27دىن كۆرۈنىدۇكى، كورىنتتىكى (ئاقايادىكى) جامائەتلەر پاۋلۇسنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاخىر قوبۇل قىلىپ چوڭ ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەنىدى.*

>