1-2 خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىنداش تىموتىيدىن، كولوسسى شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى سادىق قېرىنداشلارغا سالام! خۇدا ئاتىمىزدىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە بولغاي! ◼ 1:1-2 +bd «خۇدا ئاتىمىزدىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە بولغاي!»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «خۇدا ئاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت سىلەرگە بولغاي!» دەپ خاتىرىلەنگەن.* ◘ 1:1-2 رىم. 1:7؛ گال. 1:3؛ ئەف. 1:2؛ 1پېت. 1:2. *
3-4 بىز مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن ئەرشلەردە ساقلاقلىق ئۈمىد تۈپەيلىدىن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز؛ ◼ 1:3-4 +bd «بىز مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن... رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز؛»+bd* ــ تولۇق ئىككى ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «رەب مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز. بۇ ئېتىقاد ۋە مۇھەببىتىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئەرشلەردە ساقلاقلىق ئۈمىدتىن بارلىققا كەلگەن». ئەمما بىزنىڭچە ئۈمىد ئېتىقادتىن ئەمەس، ئەكسىچە ئېتىقاد ئۈمىدتىن كېلىدۇ. بىزنىڭچە پاۋلۇس ئۇلارنىڭ كېلىدىغان بەختىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى شادلىنىدۇ.* ◘ 1:3-4 ئەف. 1:15؛ فىل. 1:3؛ 1تېس. 1:2؛ 2تېـس. 1:3. *
5سىلەر ئىلگىرى بۇ ئۈمىد توغرىسىدا خۇش خەۋەردىكى ھەقىقەت سۆزلىرى ئارقىلىق ئاڭلىغانسىلەر؛ ◘ 1:5 1پېت. 1:4. *
6بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل جاھانغا يېتىپ كېلىپ مېۋە بېرىپ ئاۋۇماقتا، شۇنداقلا سىلەرگىمۇ يېتىپ كېلىپ، سىلەر ئۇنى ئاڭلاپ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتكەن بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ئۇ سىلەردىمۇ مېۋە بېرىپ ئاۋۇپ بارماقتا؛ ◘ 1:6 مار. 4:8؛ يـۇھ. 15:16. *
7سىلەر خۇش خەۋەرنى سۆيۈملۈك ئىشدىشىمىز ئەپافراستىن ئۆگەنگەنسىلەر؛ ئۇ ياردىمىزدە مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتچىسىدۇر؛ ◼ 1:7 +bd «سىلەر خۇش خەۋەرنى سۆيۈملۈك ئىشدىشىمىز ئەپافراستىن ئۆگەنگەنسىلەر»+bd* ــ «ئىشدىشىمىز» گرېك تىلىدا «(خۇدانىڭ) قۇللۇقىدىكى ئىشدىشىمىز» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئەپافراس كولوسسىدىن كەلگەن (12:4-ئايەتنى كۆرۈڭ). ئۇ پاۋلۇس ۋە خىزمەتداشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، پاۋلۇس تەكەللۇپ بىلەن ئۇنىڭ ياردىمىنى كولوسسىدىكى جامائەتنىڭ ياردىمى دەپ قارايدۇ. بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئۇ سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەچتىسىدۇر» دېيىلىدۇ.* ◘ 1:7 كول. 4:12؛ فلم. 23. *
8ئۇ بىزگە سىلەرنىڭ روھتا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى ئايان قىلدى. ◼ 1:8 +bd «ئۇ بىزگە سىلەرنىڭ روھتا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى ئايان قىلدى»+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى.*
9بۇ سەۋەبتىن بىزمۇ بۇنىڭ توغرىسىدا ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىشنى توختاتمىدۇق؛ تىلەيدىغىنىمىز شۇكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى ھەرتەرەپلىك دانالىق ۋە روھىي يورۇتۇلۇش بىلەن سىلەردە تولۇق بىلدۈرۈلسۇن. ◘ 1:9 1كور. 1:5؛ ئەف. 1:15. *
10شۇنداق بولغاندا سىلەر رەبگە لايىق ھالدا ھەرتەرەپتە خۇدانى خۇرسەن قىلىپ، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلاردا مېۋە بەرگەندە، خۇدانى ھەقىقىي بىلىشىڭلار ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىسىلەر؛ ◘ 1:10 يار. 17:1؛ يـۇھ. 15:16؛ 1كور. 7:20؛ ئەف. 4:1؛ فىل. 1:27؛ 1تېس. 2:12. *
11-12 بىزنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ يورۇقلۇقتا بولغان مىراسىغا مۇيەسسەر بولۇشقا لايىق قىلغان ئاتىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇنىڭ شان-شەرەپلىك قۇدرىتى بويىچە ھەرتەرەپلىك كۈچ بىلەن ھەر ئىشلاردا شادلىققا تولۇپ چىداملىق ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشقا كۈچلەندۈرۈلىسىلەر.
13ئۇ بىزنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، سۆيگەن ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا يۆتكەپ قويدى؛ ◼ 1:13 +bd «ئۇ بىزنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، سۆيگەن ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا يۆتكەپ قويدى»+bd* ــ «قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى» جىن-شەيتانلارنىڭ ئىلكىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 1:13 مات. 3:17؛ 17:5؛ ئەف. 2:4؛ 1تېس. 2:12؛ 2پېت. 1:17. *
14ئۇنىڭدا ھۆرلۈك-ئازادلىققا، يەنى گۇناھلىرىمىزدىن كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق. ◼ 1:14 +bd «ئۇنىڭدا ھۆرلۈك-ئازادلىققا، يەنى گۇناھلىرىمىزدىن كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق»+bd* ــ «ئۇنىڭدا» مۇشۇ يەردە «مەسىھدە» دېگەننى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 1:14 روس. 20:28؛ ئەف. 1:7؛ ئىبر. 9:14؛ 1پېت. 1:19. *
15ئۇ بولسا كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدۇر، پۈتكۈل كائىناتتىكى تۇنجىدۇر؛ ◼ 1:15 +bd «ئۇ بولسا كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدۇر، پۈتكۈل كائىناتتىكى تۇنجىدۇر»+bd* ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردىكى «تۇنجى» ئادەتتە «بىرىنچى بولۇپ تۇغۇلغان»نى كۆرسىتىدۇ. سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى تۆۋەندىكى 16-17-ئايەتتە كۆرۈلىدۇ؛ مەسىھ: (1) پۈتۈن ئالەم ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ (2) ۋە ئالەمنىڭ ھەممىسىدىن بۇرۇن بولغان؛ (3) ئالەمگە ئوخشاش «يارىتىلغان» ئەمەس، بەلكى ئەسلى خۇدا ئاتىسى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولغان. بۇ 16-20-ئايەتلەرنىڭ مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر.* ◘ 1:15 يار.. 26:1: 2كور. 4:4؛ فىل. 2:6؛ ئىبر. 1:3؛ كول. 10:3؛ ياق. 9:3؛ ۋەھ. 3:14. *
16چۈنكى ئۇنىڭدا بارلىق مەۋجۇداتلار، ئاسماندىكى بولسۇن، زېمىندىكى بولسۇن، كۆرۈنىدىغان بولسۇن، كۆرۈنمەس بولسۇن، مەيلى تەختلەر، خوجايىنلار، ھۆكۈمرانلىقلار، ھوقۇقدارلار بولسۇن، بارلىق ھەممە ئۇنىڭ تەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ◘ 1:16 يار. 1:3؛ زەب. 33:6؛ يـۇھ. 1:3؛ ئەف. 3:9؛ ئىبر. 1:2. *
17ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر، ۋە ھەممە مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدا بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرماقتا؛ ◼ 1:17 +bd «ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر، ۋە ھەممە مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدا بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرماقتا»+bd* ــ «ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر» دېگەن سۆز ۋاقىت تەرىپىدىن ھەم ئۇلۇغلۇق-مۇھىملىق تەرىپىدىنمۇ ئېيتىلىدۇ.*
18ئۇ يەنە تەننىڭ، يەنى جامائەتنىڭ بېشىدۇر؛ ئۇ باشلىنىشتۇر، ئۆلگەنلەردىن تۇنجى بولۇپ تىرىلگۈچىدۇر؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. ◼ 1:18 +bd «ئۇ يەنە تەننىڭ، يەنى جامائەتنىڭ بېشىدۇر؛ ئۇ باشلىنىشتۇر، ئۆلگەنلەردىن تۇنجى بولۇپ تىرىلگۈچىدۇر؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈندۇر»+bd* ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ ئايەتتىكى «تۇنجى» 15-ئايەتتىكى «تۇنجى»غا ئوخشاش سۆزدۇر؛ ئادەتتە «بىرىنچى بولۇپ تۇغۇلغان»نى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 1:18 1كور. 15:20؛ ئەف. 1:22؛ 4:15؛ 5:23؛ ۋەھ. 1:5. *
19چۈنكى خۇدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرغۇزۇشقا، ◼ 1:19 +bd «چۈنكى خۇدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرغۇزۇشقا، ... (20)ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق ...ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە...»+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلساق: «چۈنكى (خۇدانىڭ) بارلىق مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرۇشقا لايىق كۆرگەن، (20) ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق ... ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە...».* ◘ 1:19 يـۇھ. 1:14،16؛ كول. 2:9. *
20ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى، يەنى، ئۇنىڭ كرېستتە تۆكۈلگەن قېنى ئارقىلىق ئىناقلىق ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ــ ئۇ ئارقىلىق مەيلى زېمىندا بولسۇن، ئەرشلەردە بولسۇن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى؛ ◼ 1:20 +bd «ئۇنىڭ كرېستتە تۆكۈلگەن قېنى ئارقىلىق»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ كرېستىدىكى قان ئارقىلىق».* ◘ 1:20 يەش. 9:6؛ يـۇھ. 16:33؛ روس. 10:36؛ رىم. 5:1؛ 2كور. 5:18؛ ئەف. 2:14؛ 1يۇھ. 4:10. *
21-22 ۋە ئەسلىدە رەزىل ئەمەللىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆزىگە يات قىلىنغان، كۆڭلۈڭلاردا دۈشمەنلىك بولغان سىلەرنىمۇ، ئۇ ئۆز ئەتلىك تېنىدە ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆزىگە پاك-مۇقەددەس، ئەيىبسىز ۋە داغسىز ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئەپ قىلغان ◼ 1:21-22 +bd «...سىلەرنىمۇ، ئۇ ئۆز ئەتلىك تېنىدە ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆزىگە پاك-مۇقەددەس، ئەيىبسىز ۋە داغسىز ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئەپ قىلغان...»+bd* ــ «ئۇنىڭ ئەتلىك تېنى» مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.* ◘ 1:21-22 لۇقا 1:75؛ ئەف. 1:4؛ 5:27؛ 2تىم. 1:9؛ تىت. 2:12. *
23(ئەگەر سىلەر ئېتىقادتا ئۇل سېلىنىپ مۇستەھكەم تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئۈمىدتىن نېرى قىلىنمىساڭلار)؛ بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى كائىناتتا جاكارلانغان؛ مەنكى پاۋلۇس ئۇنىڭغا خىزمەتچى قىلىندىم. ◼ 1:23 +bd «ئەگەر سىلەر ئېتىقادتا ئۇل سېلىنىپ مۇستەھكەم تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئۈمىدتىن نېرى قىلىنمىساڭلار»+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر ئادەملەرنى نىجاتقا ئېرىشتۈرۈشنىڭ شەرتىنى ئەمەس، بەلكى ئادەملەردە نىجاتنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنىڭ ئاددىي ئىسپاتىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 1:23 يـۇھ. 15:6. *
24ئەمدى مەن سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم ئۈچۈن شادلىنىمەن، ۋە شۇنىڭدەك مەسىھنىڭ جاپالىرىدا كەم بولغانلىرىنى ئۆز ئەتلىرىمدە ئۇنىڭ تېنى، يەنى جامائەت ئۈچۈن تولۇقلايمەن؛ ◼ 1:24 +bd «ئەمدى مەن سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم ئۈچۈن شادلىنىمەن، ۋە شۇنىڭدەك مەسىھنىڭ جاپالىرىدا كەم بولغانلىرىنى ئۆز ئەتلىرىمدە ئۇنىڭ تېنى، يەنى جامائەت ئۈچۈن تولۇقلايمەن»+bd* ــ بىز بۇ سىرلىق بايان ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.* ◘ 1:24 رىم. 12:5؛ 1كور. 12:27؛ 2كور. 7:4؛ ئەف. 3:13؛ 4:12؛ 5:23؛ فىل. 2:17؛ 2تىم. 2:10. *
25مەن جامائەت* ئۈچۈن خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماڭا سىلەرنى دەپ تاپشۇرغان غوجىدارلىقى بويىچە خىزمەتچى قىلىندىم؛ ◼ 1:25 +bd «مەن جامائەت ئۈچۈن خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن»+bd* ــ ياكى «مەن سۆز-كالامىنى تولۇق جاكارلاش ئۈچۈن» ياكى «مەن سۆز-كالامىنى ھەممىگە جاكارلاش ئۈچۈن». بىزنىڭچە پاۋلۇسنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئۆزىنىڭ (ۋە باشقىلارنىڭ) «ئىنجىلدىكى سىر»نى جاكارلىشى بىلەن جامائەتنىڭ سانى تولۇق بولۇپ، جامائەت خۇدانىڭ تولۇق ۋەھىيىسىگە مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.* ◘ 1:25 رىم. 16:25؛ ئەف. 1:9؛ 3:9؛ 2تىم. 1:10؛ تىت. 1:3؛ 1پېت. 1:20. *
26بۇ سۆز-كالامىدىكى سىر بارلىق ئەسىرلەردىن ۋە دەۋرلەردىن يوشۇرۇن تۇتۇلغان، ئەمما ھازىر مۇقەددەس بەندىلىرىگە ئاشكارىلاندى؛ ◘ 1:26 مات. 13:11. *
27چۈنكى خۇدا ئۇلارغا ئەللەر ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان بۇ سىرنىڭ شەرەپلىك بايلىقلىرىنى بىلدۈرۈشنى خالىدى؛ بۇ سىر بولسا شان-شەرەپكە ئېلىپ بارغۇچى ئۈمىد بولغان، سىلەردە تۇرۇۋاتقان مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر. ◼ 1:27 +bd «چۈنكى خۇدا ئۇلارغا ئەللەر ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان بۇ سىرنىڭ شەرەپلىك بايلىقلىرىنى بىلدۈرۈشنى خالىدى»+bd* ــ «ئەللەر» بولسا «يات ئەللەر»، «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 1:27 2كور. 2:14؛ 1تىم. 1:1. *
28بىز ئۇنى جاكارلايمىز، ھەربىر ئادەمنى مەسىھدە كامالەتكە يەتكەن ھالدا خۇدا ئالدىدا ھازىر قىلىش ئۈچۈن بارلىق دانالىق بىلەن ھەربىر ئادەمگە جېكىلەيمىز، ھەربىر ئادەمگە تەلىم بېرىمىز.