كولوسسىلىكلەرگە 2:1-22 UIGB2010 - Bible AI

1چۈنكى مەندە سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىياادىكىلەر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك دىدارىمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن نەقەدەر زور كۈرەشنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى سىلەرگە بىلگۈزمەكچىمەن؛ ◼ 2:1 +bd «شۇنىڭدەك دىدارىمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن...»+bd* ــ گرېك تىلىدا: «شۇنىڭدەك ئەتنىڭ جەھەتىدە يۈزۇمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن...». شۈبھىسىزكى، روسۇل جامائەتتە روھ جەھەتىدىن بىر-بىرىمىزنى تونۇشىمىز مۇمكىن، دېمەكچى.*

2كۈرىشىمنىڭ نىشانى، ھەممەيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، قەلبلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، خۇدانىڭ سىرىنى، يەنى مەسىھنى چۈشىنىشتە ۋە تولۇق بىلىشتە بولغان ئىشەنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر؛ ◼ 2:2 +bd «كۈرىشىمنىڭ نىشانى، ھەممەيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، قەلبلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، خۇدانىڭ سىرىنى، يەنى مەسىھنى چۈشىنىشتە ۋە تولۇق بىلىشتە بولغان ئىشەنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ «كۈرىشىم» روھىي جەھەتتىن، دۇئا-تىلاۋەتلەر بىلەن ھەر تۈرلۈك جىن-شەيتانلار بىلەن قارىشىلىشتىكى كۈرەش، ئەلۋەتتە.* ◘ 2:2 يەش. 53‏:11؛ يەر. 9‏:22؛ يـۇھ. 17‏:3؛ فىل. 3‏:8. *

3چۈنكى ئۇنىڭدا دانالىقنىڭ ۋە بىلىمنىڭ بارلىق بايلىقلىرى يوشۇرۇنغاندۇر. ◘ 2:3 1كور. 1‏:24. *

4مېنىڭ بۇنى دېيىشىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى قايىل قىلارلىق سىلىق-سىپايە گەپلىرى بىلەن ئالدىماسلىقى ئۈچۈندۇر؛ ◘ 2:4 ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:18. *

5چۈنكى گەرچە تەن جەھەتىدىن سىلەردىن نېرى بولساممۇ، روھ جەھەتىدىن مەن سىلەر بىلەن بىللىمەن، سىلەرنىڭ سەپتە تۇرۇۋاتقىنىڭلارغا ۋە مەسىھكە باغلىغان ئېتىقادىڭلارنىڭ چىڭلىقىغا قاراپ شادلىنىمەن. ◘ 2:5 1كور. 5‏:3؛ 14‏:40. *

6مەسىھ، رەب ئەيسانى قانداق قوبۇل قىلغان بولساڭلار، شۇ ھالدا ئۇنىڭدا مېڭىڭلار،

7سىلەر تەلىم بېرىلگەندەك ئۇنىڭدا يىلتىز تارتىپ، ئېتىقادىڭلار قۇرۇلۇۋاتقان ھالدا، ئېتىقادتا خاتىرجەم قىلىنىپ، رەھمەت ئېيتىشلار بىلەن تاشقىنلاپ تۇرغۇچى بولۇڭلار؛ ◘ 2:7 1كور. 1‏:5؛ ئ‍ەف. 3‏:17. *

8ھېچكىمنىڭ مەسىھ بويىچە بولمىغان، پەيلاسوپلۇق ياكى بىمەنە ئالدامچىلىق بىلەن، ئىنسانلاردىن كەلگەن تەلىملەر، يەنى بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» بويىچە سىلەرنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېزى بولۇڭلار؛ ◼ 2:8 +bd «ھېچكىمنىڭ مەسىھ بويىچە بولمىغان، پەيلاسوپلۇق ياكى بىمەنە ئالدامچىلىق بىلەن، ئىنسانلاردىن كەلگەن تەلىملەر، يەنى بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» بويىچە سىلەرنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېزى بولۇڭلار»+bd* ــ «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» دېگەن مۇھىم ئىبارە توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 2:8 رىم. 16‏:17؛ ئىبر. 13‏:9. *

9چۈنكى ئۇنىڭدا، يەنى مەسىھدە، خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل جەۋھىرى تەن شەكلىدە تۇرىدۇ؛

10ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر؛ ◼ 2:10 +bd «ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر»+bd* ــ «سىلەر ئۇنىڭدا ... مۇكەممەلدۇرسىلەر» دېگەن مۇھىم ئىبارە توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

11سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن گۇناھلىق* ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر؛ ◼ 2:11 +bd «سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن (گۇناھلىق) ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى سۈننەت ئادەمنىڭ تېنىدە ئەمەس، بەلكى روھ-قەلبىدىدۇر، ئەلۋەتتە. دېمىسەكمۇ، «ئەتلىك تەن» دېگەن ئىبارىدە «ئەت» دېگەن سۆز ئىنجىلدىكى ئالاھىدە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ، يەنى ئىنسانىي گۇناھقا ئەسىر بولغان تەبىئەتنى كۆرسىتىدۇ.

12ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتە دەپنە قىلىنغانسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەنسىلەر. ◼ 2:12 +bd «ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتە دەپنە قىلىنغانسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەنسىلەر»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «چۆمۈلدۈرۈلۈش» ئالدى بىلەن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى كۆرسەتكىنى بىلەن، ئۇ يەنە بەرىبىر «روھقا چۆمۈلدۈرۈلۈش»نىمۇ كۆرسىتىدۇ. يەنە يۇقىرىقى «سۇننەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆزىمىز»نى كۆرۈڭ.* ◘ 2:12 رىم. 6‏:4؛ گال. 3‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:19؛ 3‏:7. *

13ئەمدى گەرچە ئىتائەتسىزلىكىڭلار ۋە ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەن بولساڭلارمۇ، ئۇ سىلەرنى مەسىھ بىلەن بىللە جانلاندۇردى؛ ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، ◼ 2:13 +bd «ئەمدى گەرچە ئىتائەتسىزلىكىڭلار ۋە ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەن بولساڭلارمۇ،...»+bd* ــ «ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار» ئۇلارنىڭ ئەسلىدە (ھەممىمىز مەسىھسىز بولغان ۋاقتىمىزدىكىدەك) ئۆز «گۇناھلىق ئەت»ىمىزگە ئەسىر-قۇل بولغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 2:13 ئ‍ەف. 2‏:1. *

14بەلگىلىمىلەردە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان، بىزنى ئەيىبلەيدىغان پۈتۈكلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنى بىزدىن نېرى قىلدى، كرېستكە مىخلاتقۇزدى. ◼ 2:14 +bd «بەلگىلىمىلەردە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان، بىزنى ئەيىبلەيدىغان پۈتۈكلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنى بىزدىن نېرى قىلدى، كرېستكە مىخلاتقۇزدى»+bd* ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆزىمىز»نى كۆرۈڭ. گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ كرېستىگە مىخلاتقۇزدى».*

15ئۇ ھۆكۈمدارلاردىن ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئولجا ئېلىپ، كرېستتە* ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەنتەنە بىلەن غەلىبە قىلدى. ◼ 2:15 +bd «ئۇ ھۆكۈمدارلاردىن ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئولجا ئېلىپ، كرېستتە ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەنتەنە بىلەن غەلىبە قىلدى»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ھۆكۈمدارلار ۋە ھوقۇقدارلار» بولسا جىن-شەيتانلار؛ مەسىھ ئۇلاردىن ئالغان ئولجا بولسا ئۆزىگە ئېتىقاد باغلىغان، ئەسلىدە جىن-شەيتانلارنىڭ ئىلكىدە تۇرغان بىزلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە! باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «...ھۆكۈمدارلارنى... قورالسىز قىلىپ...».* ◘ 2:15 يار. 3‏:15؛ مات. 12‏:29؛ لۇقا 11‏:22؛ يـۇھ. 12‏:31؛ 16‏:11. *

16ئەمدى ھېچكىمنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ھېيت-بايراملار، «يېڭى ئاي» ياكى شابات كۈنلەر جەھەتلىرىدە سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىشىغا يول قويماڭلار؛ ◘ 2:16 لاۋ. 11‏:2؛ 23‏:2؛ رىم. 14‏:2؛ گال. 4‏:10. *

17بۇ ئىشلار بولسا بىر كۆلەڭگە، خالاس؛ ئۇنىڭ جىسمى بولسا مەسىھنىڭكىدۇر! ◼ 2:17 +bd «بۇ ئىشلار بولسا بىر كۆلەڭگە، خالاس؛ ئۇنىڭ جىسمى بولسا مەسىھنىڭكىدۇر!»+bd* ــ «جىسمى» ــ دېمەك، «كۆلەڭگۈنى يەرگە تاشلىغان جىسىم». بۇ مۇھىم ئايەت توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 2:17 ئىبر. 8‏:5؛ 10‏:1. *

18ھېچكىمنىڭ سىلەرنى «كىچىك پېئىللىق» ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىنئامىڭلاردىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار؛ مۇشۇنداق كىشىلەر گۇناھلىق* ئەتلىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ھاكاۋۇرلىشىپ، كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر؛ ◼ 2:18 +bd «ھېچكىمنىڭ سىلەرنى «كىچىك پېئىللىق» ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىنئامىڭلاردىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھېچكىمنىڭ.... ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىشىغا يول قويماڭلار...». «دەۋەت قىلىپ» دېگەن ئىبارە «بۇ ىىشلاردىن سۆيۈنۈپ» دېگەن مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. +bd «مۇشۇنداق كىشىلەر گۇناھلىق ئەتلىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن...»+bd* ــ دېمەك، ئوي-پىكىرلىرى مۇقەددەس روھتىن ئەمەس، بەلكى ئۆز گۇناھلىق ئەتلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغاندۇر. +bd «كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر»+bd* ــ بەزى كونا تېكىستتىكى كۆچۈرمىلەردە «كۆرمىگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر» دېيىلىدۇ. بىزنىڭچە «كۆرگەن» دەپ ئوقۇش توغرىدۇر؛ بۇ كىشىلەر كۆرگەن «كۆرۈنۈشلەر» ئۆزىنىڭ خام خىياللىرىدىن چىققان، ئەلۋەتتە.* ◘ 2:18 يەر. 29‏:8؛ مات. 24‏:4؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ 2تېـس. 2‏:3؛ 1يۇھ. 4‏:1. *

19ئۇلار «باش»نى چىڭ تۇتقىنى يوقتۇر؛ لېكىن باشتىن ئۈگە ۋە سىڭىرلار ئارقىلىق پۈتكۈل تەن قۇۋۋەتلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، خۇدادىن كەلگەن ئاۋۇش بىلەن ئاشماقتا. ◼ 2:19 +bd «ئۇلار «باش»نى چىڭ تۇتقىنى يوقتۇر. لېكىن باشتىن ئۈگە ۋە سىڭىرلار ئارقىلىق پۈتكۈل تەن قۇۋۋەتلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، خۇدادىن كەلگەن ئاۋۇش بىلەن ئاشماقتا»+bd* ــ «باش» بولسا مەسىھدۇر. مەسىھنىڭ ئۆز تېنى بولغان جامائەتنىڭ بېشىدۇر. «تەن» ــ جامائەت.*

20‏-21 ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار، نېمىشقا (بۇ دۇنيادا ياشىغانلاردەك) «تۇتما!» «تېتىما!» «تەگمە!» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىسىلەر ◼ 2:20‏-21 +bd «ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار...»+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.* ◘ 2:20‏-21 گال. 4‏:9. *

22(بۇنداق بەلگىلىمىلەر ئىلكىدىكى* نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىش بىلەن يوقىلىدۇ)؟ مۇشۇنداق بەلگىلىمىلەر پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان كۆرسەتمىلەر ۋە تەلىملەردىن ئىبارەت، خالاس؛ ◼ 2:22 +bd «بۇنداق بەلگىلىمىلەر ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىش بىلەن يوقىلىدۇ»+bd* ــ دېمەك «تۇتما، تېتىما، تەگمە» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەممىسى خۇدا ئالدىدا ئەڭ مۇھىم ئىش بولغان ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن ئەمەس، بەلكى يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.* ◘ 2:22 يەش. 29‏:13؛ مات. 15‏:9؛ تىت. 1‏:14. *

ticle>