1سىلەر مەسىھ بىلەن تەڭ تىرىلدۈرۈلگەن بولساڭلار، ئەمدى يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ ئىزدىنىڭلار؛ مەسىھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ. ◘ 3:1 ئەف. 1:20. *
2كۆڭۈل-زېھنىڭلارنى يەردىكى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى يۇقىرىقى ئىشلارغا قويۇڭلار؛
3چۈنكى سىلەر ئۆلگەنسىلەر، ۋە ھاياتىڭلار مەسىھ بىلەن بىللە خۇدادا يوشۇرۇن تۇرىدۇ. ◘ 3:3 رىم. 6:2؛ 8:24؛ 2كور. 5:7. *
4ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر. ◼ 3:4 +bd «ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر»+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.* ◘ 3:4 فىل. 3:21؛ 1يۇھ. 3:2. *
5شۇڭا يەرگە تەۋە ئىشلارنى قىلغۇچى ھەرقانداق ئەزالىرىڭلارنى، يەنى بۇزۇقلۇق، ناپاكلىك، ئىپلاس ھېسسىياتلار، رەزىل خاھىشلار ۋە نەپسانىيەتچىلىك (ئۇ بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر)نى ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىڭلار؛ ◼ 3:5 +bd «يەرگە تەۋە بولغان ئىشلارنى قىلغۇچى ھەرقانداق ئەزالىرىڭلار...»+bd* ــ ئەسلى گرېك تىلىدا «يەرگە تەۋە بولغان ئەزالىرىڭلار...». «يەرگە تەۋە» دېگەننىڭ مەنىسى «بۇ رەزىل دۇنياغا تەۋە» دېگەنلىكتۇر.* ◘ 3:5 رىم. 7:5، 23؛ ئەف. 4:22؛ 5:3، 5؛ 1تېس. 4:5. *
6چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىز پەرزەنتلەرگە چۈشىدۇ. ◼ 3:6 +bd «چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىز پەرزەنتلەرگە چۈشىدۇ»+bd* ــ «ئىتائەتسىز پەرزەنتلەر» دېگەن ئىبارە ئىنساننىڭ ئەسلى تۈپ تەبىئىتىدە ئىتائەتسىزلىكنىڭ بارلىقىنى، ئىتائەتسىز ئادەمئاتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن «ئىتائەتسىز پەرزەنتلەر» بولسا خۇدانىڭ شەپقىتى بىلەن خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئايلىنىدۇ (5-، 7-ئايەتنى كۆرۈڭ).* ◘ 3:6 1كور. 6:10؛ گال. 5:19؛ ئەف. 5:5؛ ۋەھ. 22:15. *
7سىلەر بۇلار ئارىسىدا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، بۇنداق ئىشلاردىمۇ ماڭغانسىلەر. ◘ 3:7 1كور. 6:11؛ ئەف. 2:1؛ تىت. 3:3. *
8ئەمما ھازىر سىلەر مۇشۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆزۈڭلاردىن سېلىۋېتىڭلار ــ يەنى غەزەپ، قەھر-سەپرا، يامان نىيەتلەر، تۆھمەت، ئاغزىڭلاردىن چىقىدىغان ئىپلاس سۆزلەرنىمۇ سىلىۋېتىڭلار. ◘ 3:8 ئەف. 4:22؛ ئىبر. 12:1؛ ياق. 1:21؛ 1پېت. 2:1. *
9بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار؛ چۈنكى سىلەر كونا ئادەمنى قىلمىشلىرى بىلەن سېلىۋەتكەنسىلەر، ◘ 3:9 ئەف. 4:25. *
10ۋە يېڭى ئادەمنى كىيگەنسىلەر؛ يېڭى ئادەم بولسا ئۆزىنى ياراتقۇچىنىڭ سۈرەت-ئوبرازى بويىچە تولۇق بىلىشتە دائىم يېڭىلىماقتا؛ ◼ 3:10 +bd «ۋە يېڭى ئادەمنى كىيگەنسىلەر؛ يېڭى ئادەم بولسا ئۆزىنى ياراتقۇچىنىڭ سۈرەت-ئوبرازى بويىچە تولۇق بىلىشتە دائىم يېڭىلىماقتا»+bd* ــ «كونا ئادەم» (9-ئايەت) ئادەمئاتىدىن مىراس قىلىنغان گۇناھكار ھاياتنى كۆرسىتىدۇ؛ «يېڭى ئادەم» بولسا مەسىھدە بولغان يېڭى ھاياتنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 3:10 يار. 1:26؛ 5:1؛ 9:6؛ رىم. 6:4؛ 1كور. 11:7؛ كول. 15:1؛ ياق. 9:3*
11ئۇنىڭدا ھېچقانداق يۇنانلىق ياكى يەھۇدىي، سۈننەتلىك ياكى سۈننەتسىز، يات مەدىنىيەتلىك، سكىت، قۇل ياكى ھۆرلەر مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ بەلكى مەسىھ ھەممىدۇر، ۋە ھەممىدىدۇر. ◼ 3:11 +bd «ئۇنىڭدا ھېچقانداق يۇنانلىق ياكى يەھۇدىي، سۈننەتلىك ياكى سۈننەتسىز، يات مەدىنىيەتلىك، ... مەۋجۇت ئەمەستۇر»+bd* ــ «يات مەدەنىيەتلىك» ــ گرېك تىلىدا «ساقاللىق» دېيىلىدۇ؛ چۈنكى گرېكلار ئادەتتە ساقال قويمايتتى. بۇ سۆز ئادەتتە گرېك ياكى لاتىن تىلىنى سۆزلىيەلمەيدىغانلارنى كۆرسىتەتتى؛ ئادەتتە گرېكلار ۋە لاتىنلار ئۇنداق كىشىلەرنى كەمسىتىپ «ساقاللىق» دېگەن سۆزنى «ياۋايى ئادەملەر» دېگەن سەلبىي مەنىدە ئىشلىتەتتى. +bd «... يات مەدىنىيەتلىك، سكىت، قۇل ياكى ھۆرلەر مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ بەلكى مەسىھ ھەممىدۇر، ۋە ھەممىدىدۇر»+bd* ــ «سكىتلار» ئادەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆچمەن خەلقنىڭ ئومۇمىي نامى ئىدى.* ◘ 3:11 1كور. 7:21،22؛ 12:13؛ گال. 3:28؛ 5:6؛ 6:15. *
12شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق، ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىدىغان باغىرلارنى، مېھرىبانلىق، كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار؛ ◼ 3:12 +bd «شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق ... كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار»+bd* ــ تەۋرات-ئىنجىلدا «مۆمىنلىك»نىڭ «يۇۋاشلىق ئىمان-ئىشەنچ بىلەن» دېگەندەك ئالاھىدە مەنىسى باردۇر. مۆمىن ئادەم ئۆزىنىڭ ھوقۇقلىرى ياكى ئىمتىيازلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ خۇدا ئالدىدا ئىمان بىلەن توغرا ماڭغان بولسا، خۇدا مۇشۇ ئىشلارنى ئۆزىگە كاپالەت قىلغان دەپ خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ. بۇ سۆز توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 3:12 ئەف. 4:32؛ 6:11؛ 1تېس. 1:4. *
13بىر-بىرىڭلارغا يول قويۇڭلار، نارازىلىق ئىش بولسا بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار؛ مەسىھ سىلەرنى قانداق كەچۈرۈم قىلغان بولسا سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ◘ 3:13 مات. 6:14؛ مار. 11:25؛ ئەف. 4:32. *
14مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىگە كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار. ◼ 3:14 +bd «... كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار»+bd* ــ ياكى «... كامىل رىشتە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار».* ◘ 3:14 يـۇھ. 13:34؛ 15:12؛ ئەف. 4:3؛ 5:2؛ كول. 2:2؛ 1تېس. 4:9؛ 1يۇھ. 3:23؛ 4:21. *
15مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن (سىلەر بىر تەن بولۇپ بۇ خاتىرجەملىكتە بولۇشقا چاقىرىلغان ئىكەنسىلەر) ۋە شۇنداقلا رەھمەت ئېيتىشلاردا بولۇڭلار. ◼ 3:15 +bd «مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن»+bd* ــ بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
16مەسىھنىڭ سۆز-كالامىنى ئۆزۈڭلاردا بايلىق ھاسىل قىلىپ تۇرغۇزۇڭلار، بارلىق دانالىق بىلەن بىر-بىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار، جېكىلەڭلار، چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار؛ ◼ 3:16 +bd «... چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار»+bd* ــ «زەبۇر-نەغمىلەر» بەلكىم سازغا تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىلىدىغان ناخشىلار؛ «مەدھىيە كۈيلىرى» بەلكىم سازسىز ناخشىلار؛ «روھىي ناخشىلار» بەلكىم ستىخىيىلىكتىن، ئۆزلىكىدىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن ئېيتىلغان ناخشىلارنى كۆرسىتىدۇ («1كور.» 15:14نىمۇ كۆرۈڭ).*
17ۋە ھەممە ئىشلاردا، سۆز بولسۇن، ئەمەل بولسۇن، ھەممىسىنى رەب ئەيسانىڭ نامىدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىلىق خۇدائاتىغا رەھمەت ئېيتىڭلار. ◘ 3:17 ئەف. 5:20؛ 1تېس. 5:18. *
18سىلەر ئاياللار، رەبدە بولغان سۈپىتىڭلارغا لايىق ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ ◘ 3:18 يار. 3:16؛ 1كور. 14:34؛ ئەف. 5:22؛ تىت. 2:5؛ 1پېت. 3:1. *
19سىلەر ئەرلەر، ئۆز ئاياللىرىڭلارغا مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ ئۇلارغا ئاچچىق قىلماڭلار. ◘ 3:19 ئەف. 5:25. *
20سىلەر بالىلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ھەممە ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىش رەبدە بولغان گۈزەل ئىشتۇر. ◘ 3:20 ئەف. 6:1. *
21سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار؛ ئۇنداق قىلساڭلار كۆڭلى يارا بولىدۇ.
22سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىڭلار؛ پەقەت كۆز ئالىدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئىنسانلارنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى رەبدىن ئەيمىنىپ چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئىش كۆرۈڭلار. ◼ 3:22 +bd «سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىڭلار»+bd* ــ «ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلار» دېگىنى، يەنە «سىلەرنىڭ ئەرشتە بولغان خوجايىنىڭلارمۇ بار» دەپ پۇرىتىدۇ.* ◘ 3:22 ئەف. 6:5؛ 1تىم. 6:1؛ تىت. 2:9؛ 1پېت. 2:18. *
23نېمە ئىشنى قىلىۋاتقان بولساڭلار، ئۇنىڭدا ئىنسانلار ئالدىدا ئەمەس، بەلكى رەب ئالدىدا قىلغاندەك جان-دىل بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەڭلار؛
24چۈنكى مىراسنىڭ ئىنئامىغا رەبدىن مۇيەسسەر قىلىنغانلىقىڭلارنى بىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر رەب مەسىھنىڭ ئىبادەت-قۇللۇقىدىدۇرسىلەر.