1سىلەر خوجايىنلار، قۇللىلىرىڭلارغا ئادىل ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى ئەرشتە ئۆز خوجايىنىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىسىلەر. ◘ 4:1 ئەف. 6:9. *
2دۇئا-تىلاۋەتكە ھەرقانداق ۋاقىتتا بېرىلىڭلار، بۇنىڭدا رەھمەتلەر ئېيتىشىپ ھوشيار تۇرۇڭلار؛ ◘ 4:2 لۇقا 18:1؛ رىم. 12:12؛ ئەف. 6:18؛ 1تېس. 5:17. *
3شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەركى، خۇدا بىزگە مەسىھنىڭ سىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئۆز سۆزىگە ئىشىك ئاچسۇن؛ مەن دەل سىر ئۈچۈن زەنجىرلەر بىلەن باغلانغانمەن؛ ◘ 4:3 ئەف. 6:19؛ 2تېـس. 3:1. *
4شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، سىرنى ئاشكارىلىشىمغا دۇئا قىلىڭلار*.
5سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن دانالىق بىلەن مېڭىڭلار، پۇرسەتلەر چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ قولدىن بەرمەڭلار. ◼ 4:5 +bd «سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن دانالىق بىلەن مېڭىڭلار»+bd* ــ «سىرتتىكىلەر» ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرتىدا تۇرغانلار، تېخى ئېتىقاد قىلمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. +bd «پۇرسەتلەر چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ قولدىن بەرمەڭلار»+bd* ــ «پۇرسەتلەر» بولسا «سىرتتىكىلەر»گە ياخشىلىق كۆرسىتىش، خۇدانىڭ سۆزىنى ئېيتىش، مەسىھكە گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىق پۇرسەتلەر.* ◘ 4:5 ئەف. 5:15، 16. *
6سىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەردائىم مېھىر-شەپقەت بىلەن بولسۇن، تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىر ئادەمگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىسىلەر. ◼ 4:6 +bd «سىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەردائىم مېھىر-شەپقەت بىلەن بولسۇن، تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىر ئادەمگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىسىلەر»+bd* ــ «تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن» دېگەن جېكىلەش توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.* ◘ 4:6 مار. 9:50. *
7سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار، ئىشدىشىمىز بولغان تىكىكۇس سىلەرگە مەن توغرۇلۇق ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. ◼ 4:7 +bd «سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار، ئىشدىشىمىز بولغان تىكىكۇس»+bd* ــ «ئىشداش» گرېك تىلىدا «(خۇدانىڭ) قۇللۇقىدىكى ئىشداش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.* ◘ 4:7 روس. 20:4؛ ئەف. 6:21؛ 2تىم. 4:12. *
8مەن ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىلىۋېلىشى ۋە شۇنداقلا كۆڭلۈڭلارغا ئىلھام-رىغبەت بېرىشى ئۈچۈندۇر.
9مەن ئۆزى سىلەردىن بولغان، سادىق ۋە سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ئونېسىمۇسنى ئۇنىڭ بىلەن ئەۋەتتىم؛ ئۇلار سىلەرگە مۇشۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. ◘ 4:9 فلم. 10. *
10تۈرمىدىشىم بولغان ئارىستارخۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ بارناباسنىڭ نەۋرى ئىنىسى ماركۇسمۇ شۇنداق (سىلەر ئۇنىڭ توغرۇلۇق تاپشۇرۇقلارنى تاپشۇرۇۋالدىڭلار؛ ئۇ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار)؛ ◘ 4:10 روس. 15:37؛ 27:2؛ 2تىم. 4:11. *
11يۇستۇس دەپ ئاتالغان يەشۇئامۇ سالام يوللايدۇ. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ماڭا خىزمەتداش بولغان سۈننەت قىلىنغانلاردىن پەقەت مۇشۇلار باردۇر؛ ئۇلار ماڭا تەسەللى بولغان. ◼ 4:11 +bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ماڭا خىزمەتداش بولغان سۈننەت قىلىنغانلاردىن پەقەت مۇشۇلار باردۇر؛ ئۇلار ماڭا تەسەللى بولغان»+bd* ــ «سۈننەت قىلىنغانلار» ــ يەھۇدىيلار. دېماس ۋە لۇقا (14-ئايەتتە) «يات ئەللەر»دىن ئىدى.*
12سىلەردىن بولغان، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى ئەپافراس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىدە مۇكەممەل، كامالەتكە يېتىپ چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ھەردائىم سىلەر ئۈچۈن دۇئالاردا كۈرەش قىلىدۇ. ◘ 4:12 كول. 1:7؛ فلم. 23. *
13چۈنكى مەن ئۇنىڭغا گۇۋاھچىمەنكى، ئۇ سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىيادىكىلەر ئۈچۈن ۋە خېيراپولىستىكىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ جاپا تارتىدۇ. ◼ 4:13 +bd «...ئۇ سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىيادىكىلەر ئۈچۈن ۋە خېيراپولىستىكىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ جاپا تارتىدۇ»+bd* ــ بۇ «جاپا تارتىش» بولسا دۇئالىرىدا. تېكىستتىكى باشقا بىر كونا كۆچۈرمىدە: «... ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىيادىكىلەر ئۈچۈن ۋە خىراپولىستىكىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ قىزغىنلىقى باردۇر» دېيىلىدۇ.*
14سۆيۈملۈك تېۋىپ بولغان لۇقادىن سىلەرگە سالام، دېماستىنمۇ شۇنداق. ◘ 4:14 2تىم. 4:10،11*
15لائودىكىيادىكى قېرىنداشلارغا بىزدىن سالام، نىمفاغا ھەم ئۇنىڭ ئۆيىدە يىغىلىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتىڭلار. ◼ 4:15 +bd «نىمفاغا ھەم ئۇنىڭ ئۆيىدە يىغىلىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتىڭلار»+bd* ــ نىمفا بىر ئايالنىڭ ئىسمى ئىدى. تېكىستتىكى بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «نىمفاس» (ئەرنىڭ ئىسمى) دېيىلىدۇ.*
16بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى لائودىكىيادىكى جامائەتتىمۇ ئوقۇتۇڭلار، ۋە لائودىكىيادىكىلەرگە يازغان خەتنى سىلەرمۇ ئوقۇڭلار؛ ◼ 4:16 +bd «بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى لائودىكىيادىكى جامائەتتىمۇ ئوقۇتۇڭلار، ۋە لائودىكىيادىكىلەرگە يازغان خەتنى سىلەرمۇ ئوقۇڭلار»+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «لائودىكىيەدىكىلەرگە يازغان خەت» ئەسلى پاۋلۇسنىڭ «ئەفەسۇسلۇقلارغا» يازغان خېتىدۇر. «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
17ۋە ئاركىپپۇسقا: «سەن رەبدە تاپشۇرۇۋالغان خىزمىتىڭگە، تولۇق ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن كۆڭۈل قويغىن» ــ دەڭلار.
18مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز قولۇم بىلەن يازغان سالام. مېنىڭ كىشەنلىنىپ قاماپ قويۇلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار. سىلەرگە مېھىر-شەپقەت بولغاي! ◼ 4:18 +bd «مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز قولۇم بىلەن يازغان سالام»+bd* ــ دېمەك، خەتنىڭ باشقا يەرلىرى كاتىپلىق قىلغان قېرىندىشىنىڭ قولىدا يېزىلغان. پاۋلۇسنىڭ كۆزلىرى ئاجىز بولۇشى مۇمكىن («2كور.» 6:12-10، «گال.» 15:4). +bd «مېنىڭ كىشەنلىنىپ قاماپ قويۇلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار»+bd* ــ دېمەك، دۇئا-تىلاۋەتلىرىڭلاردا ئەسلەڭلار.* ◘ 4:18 2تېـس. 3:17؛ ئىبر. 13:3. *