لاۋىيلار 1:1-16 UIGB2010 - Bible AI

1ۋە پەرۋەردىگار مۇسانى چاقىرىپ جامائەت چېدىرىدىن ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ◼ 1:1 +bd «ۋە»+bd* ــ «لاۋىيلار» ياكى «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى» دېگەن كىتاب «ۋە» دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى»نى «مىسىردىن چىقىش» دېگەن كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايىتى (40-باب، 38-ئايەت) بىلەن زىچ باغلايدۇ. مەزكۇر كىتاب ئۇنىڭ داۋامىدۇر. «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. +bd «جامائەت چېدىرى»+bd* ــ ياكى «كۆرۈشۈش چېدىرى». «جامائەت چېدىرى» دېگەن سۆزدىكى «جامائەت» ئىبرانىي تىلىدا «خۇدا بىلەن ئۇچرىشىش» ياكى «خۇدا بىلەن دىدارلىشىش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.*

2سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر سىلەردىن بىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىقنى سۇنماقچى بولساڭلار، قۇربانلىقىڭلارنى چارپايلاردىن، يەنى كالا ياكى ئۇششاق ماللاردىن سۇنۇشۇڭلار كېرەك.

3ئەگەر ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى كالىلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم ئەركەك ھايۋاننى كەلتۈرسۇن؛ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا سۇنسۇن. ◘ 1:3 مىس. 29‏:10*

4ئۇ قولىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق ئۇنىڭ ئورنىغا كەفارەت بولۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. ◼ 1:4 +bd «كەفارەت»+bd* ــ (ئىبرانىي تىلىدا «كافار» ياكى «كىپپۇر») تۈپ مەنىسى «يېپىش». گۇناھلارغا «كەفارەت كەلتۈرۈش» دېگەنلىك «گۇناھلارنى يېپىش» دېگەنلىكتۇر. تەۋرات دەۋرىدە خۇدا گۇناھلارنى ۋاقىتلىق ياپاتتى ۋە شۇنىڭدەك شۇ گۇناھلاردىن توۋا قىلىپ قۇربانلىق كەلتۈرگەن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلاتتى. ئىنجىل دەۋرى كەلگەندە ئۇ مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ۋاسىتىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى «ئېلىپ تاشلايدۇ» («يۇھ.» 29:1، 36نى كۆرۈڭ).*

5ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇقىنى بوغۇزلىسۇن؛ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى كەلتۈرۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن.

6ئاندىن قۇربانلىق قىلغۇچى* كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ تېرىسىنى سويۇپ، تېنىنى پارچىلىسۇن

7ۋە ھارۇن كاھىننىڭ ئوغۇللىرى قۇربانگاھتا ئوت قالاپ ئوتنىڭ ئۈستىگە ئوتۇنلارنى تىزسۇن.

8ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى گۆش پارچىلىرىنى، بېشى ۋە مېيى بىلەن قوشۇپ، قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تەرتىپ بىلەن تىزىپ قويسۇن. ◼ 1:8 +bd «كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى»+bd* ــ ھارۇن باش كاھىن، ئوغۇللىرى كاھىنلار قىلىپ بېكىتىلگەنىدى («مىس.» 1:28).*

9لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى قۇربانلىق سۇنغۇچى* سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.

10ئەگەر ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇششاق ماللاردىن قوي يا ئۆچكە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم بولغان بىر ئەركىكىنى كەلتۈرسۇن.

11ئۇ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ شىمال تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن.

12قۇربانلىق قىلغۇچى* بولسا گۆشنى پارچىلاپ، بېشى بىلەن مېيىنى كېسىپ ئايرىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇلارنى ئېلىپ قۇربانگاھتىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە تەرتىپ بويىچە تىزىپ قويسۇن.

13لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلارنى قۇربانلىق سۇنغۇچى* سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.

14ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى* پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇچار-قاناتلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقتا ئۇ پاختەكلەردىن ياكى كەپتەر باچكىلىرىدىن قۇربانلىق كەلتۈرسۇن.

15كاھىن ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، بېشىنى تولغاپ ئۈزۈپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ ئۇنىڭ قېنى سىقىلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا سۈرتۈلسۇن.

16لېكىن تاشلىقىنى پەيلىرى بىلەن قوشۇپ قۇربانگاھنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۈللۈككە تاشلىۋەتسۇن؛ ◼ 1:16 +bd «تاشلىقىنى پەيلىرى بىلەن قوشۇپ...»+bd* ــ ياكى «قۇيرۇق پەيلىرى بىلەن ئۈچەيلىرىنى قوشۇپ...».*

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>